تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىسىگە ئائىت ئون تىپىك دېلو مىسالىنى ئاشكارىلىدى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى. يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىسىگە ئائىت ئون تىپىك دېلو مىسالىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ئون تىپىك دېلو مىسالى تۆۋەندىكىچە:

1. ساۋەن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى ۋاڭ ۋېيمىننىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى قاتتىق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىسى. 2016- يىلى 11- ئايدا، ساۋەن ناھىيەسىنىڭ دۇڭۋەن بازىرىدىكى نىڭجياخېدا كەلكۈن ئاپىتى يۈزبېرىپ، بىر قىسىم كەنت - گۇرۇپپىلارنىڭ يېرىنى كەلكۈن بېسىۋالغان، ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسى بۇ بازارلىق ھۆكۈمەتكە 100 مىڭ يۈەن ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش مەبلىغى چۈشۈرۈپ بەرگەن. دۇڭۋەن بازىرى مەخسۇس تۈر مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىپ، بۇ مەبلەغنىڭ 60 مىڭ يۈەنىنى بۇ بازارنىڭ كۈندىلىك ھۆكۈمەت ئىشى چىقىمىغا ئىشلەتكەن. ئەينى چاغدا دۇڭۋەن بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ۋاڭ ۋېيمىننىڭ يۇقىرىقى مەسىلىدە ئاساسىي رەھبەرلىك جاۋابكارلىقى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋاڭ ۋېيمىندا يەنە باشقا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرى ساقلانغان. 2019- يىلى 6- ئايدا، ۋاڭ ۋېيمىنغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

2. خوتەن شەھىرى ناۋاغ كوچا باشقارمىسى يېڭىبۇلاق مەھەللىسىنىڭ مۇدىرى روزىنىسا ھوشۇرنىڭ ئۆزى مەسئۇل بولغان تۆۋەن كاپالەت خىزمىتىدە ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق قاتارلىق مەسىلىسى. 2018- يىلى 12- ئايدىن 2019- يىلى 4- ئايغىچە، روزىنىسا ھوشۇر يېڭىبۇلاق مەھەللىسىنىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان مەزگىلدە، ناۋاغ كوچا باشقارمىسى خەلق ئىشلىرى ئىشخانىسى ھەرقايسى مەھەللىلەرنىڭ تۆۋەن كاپالەت ھالىتىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ۋاقتىدا يېڭىلاشقا، تۆۋەن كاپالەتتىن بەھرىمەن بولۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلارنى ئېنىقلاشقا كۆپ قېتىم ھەيدەكچىلىك قىلغان. روزىنىسا ھوشۇر ھەيدەكچىلىكنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمەي، خىزمەتتە ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغاچقا، بۇ مەھەللىدىكى تۆۋەن كاپالەت شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان 45 ئائىلىدىكى 87 ئادەم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تۆۋەن كاپالەت پۇلىدىن 83 مىڭ 600 يۈەننى ئالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، روزىنىسا ھوشۇردا يەنە باشقا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرى ساقلانغان. 2019- يىلى 6- ئايدا، روزىنىسا ھوشۇرغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

3. فۇكاڭ شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى زۇلپىيە يۈسۈپنىڭ نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىنى تۇتۇپ قېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىش، قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش قاتارلىق مەسىلىسى. 2016- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، زۇلپىيە يۈسۈپ بۇ مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا 18- سىنىپىنىڭ سىنىپ مۇدىرى بولۇشتەك خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، يەتتە نامرات ئوقۇغۇچىنىڭ 4200 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلىنى بەھرىمەن بولۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بەرگەن، ئالتە نامرات ئوقۇغۇچىنىڭ 1400 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئىگىلىۋېلىپ، نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن؛ قارنى ۋاقتىدا تازىلىمىغان، دەرسكە كېچىككەن، ياتاق باشقۇرۇشتا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان دېگەن سەۋەبلەر بىلەن، ئوقۇغۇچىلارغا بەش يۈەندىن 50 يۈەنگىچە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە جەمئىي 800 يۈەن جەرىمانە قويۇپ، شەخسىي ئىستېمالىغا ئىشلەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، زۇلپىيە يۈسۈپتە يەنە باشقا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرى ساقلانغان. 2019- يىلى 2- ئايدا، زۇلپىيە يۈسۈپكە فۇكاڭ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىش ئورنى دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش جازاسى بېرىلىپ، 9- دەرىجىدىن 10- دەرىجىگە چۈشۈرۈلدى.

4. توقسۇن ناھىيەلىك يولۇچى توشۇش بېكىتىنىڭ بېكەت باشلىقى (تۇرپان چېشى ئاپتوموبىل تىرانسپورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى) ئەنۋەر مەمەتنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تەدبىر بەلگىلەپ، قالايمىقان ھەق ئېلىش مەسىلىسى. 2010- يىلى 4- ئايدىن 2018- يىلى 3- ئايغىچە، تۇرپان چېشى ئاپتوموبىل تىرانسپورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنىڭ تەلىپىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن 26 ئاپتوموبىلنىڭ تىرانسپورت تىجارەت توختامىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىشتە 241 مىڭ يۈەن رەسمىيەت ھەققى ئېلىشنى ئۆز مەيلىچە قارار قىلىپ، يولۇچى توشۇش بېكىتىدىكى ۋاقىتلىق تەكلىپ قىلىنغان خادىملارنىڭ ئىش ھەققى قاتارلىق چىقىملارغا ئىشلەتكەن. ئەنۋەر مەمەت يولۇچى توشۇش بېكىتىنىڭ بېكەت باشلىقى، چېشى ئاپتوموبىل تىرانسپورت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقىرىقى مەسىلىدە ئاساسلىق رەھبەرلىك جاۋابكارلىقى بار. 2019- يىلى 6- ئايدا، ئەنۋەر مەمەتكە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

5. دۆربىلجىن ناھىيەلىك دۆلەت ئىلكىدىكى يەرلەردىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ سابىق مۇدىرى ۋاڭ يەنجوۋنىڭ چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سېتىۋېلىپ پايدا ئالغانلىق قاتارلىق مەسىلىسى. 2017- يىلى 8- ئايدىن 2018- يىلى 1- ئايغىچە، ۋاڭ يەنجوۋ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ۋاڭ X بىلەن 791 مىڭ يۈەن چىقىرىپ، چېقىش دائىرىسىدىكى ئۆيدىن ئىككى يۈرۈش سېتىۋالغان ھەم ۋاڭ X نىڭ نامىدا ئۆي تولۇقلىمىسى بېرىش - چېقىپ كۆچۈرۈش كېلىشىمى ئىمزالىغان. ئۆي ئېلىنغاندىن كېيىن ۋاڭ يەنجوۋ جەمئىي 317 مىڭ 800 يۈەن پايدا ئالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋاڭ يەنجوۋدا يەنە باشقا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرى ساقلانغان. 2019- يىلى 5- ئايدا، ۋاڭ يەنجوۋغا پارتىيەدە بىر يىل قالدۇرۇپ سىناش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى، مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزالىقىدىن بۆلۈم ئەزالىقىغا چۈشۈرۈلدى.

6. شىخو شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى داۋالاش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ كادىرى جاڭ شياۋرۇينىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەق ئېلىش مەسىلىسى. 2016- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، جاڭ شياۋرۇي شىخو شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش ئىشلىرى بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، ئاپتونوم رايوننىڭ سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت كەسپىي تېخنىكلىرى داۋاملاشما مائارىپ ئوقۇش نومۇرىنى باشقۇرۇش چارىسى قاتارلىق بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز مەيلىچە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا داۋاملاشما مائارىپ بويىچە تەربىيەلەشكە قاتناشمىغان 21 داۋالاش خادىمىغا قەغەزلىك نومۇر بېجىرىپ، ئۆزى جەمئىي 15 مىڭ 500 يۈەن بېجىرىش ھەققى ئېلىپ، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلغان. 2019- يىلى 5- ئايدا، جاڭ شياۋرۇيغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى، ئىنتىزامغا خىلاپ ئالغان پۇلى قايتۇرۇۋېلىندى.

7. قاراقاش ناھىيەسى پۇرچاقچى يېزىسى ئاياغ جاي كەنتىنىڭ بوغالتىرى مەمەتتوختى جۈمەنىڭ نامرات ئاھالىلەرنىڭ تولۇقلىما مەبلىغىنى ئىگىلىۋېلىپ يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش مەسىلىسى. 2018- يىلى 11- ئايدىن 2019- يىلى 1- ئايغىچە، مەمەتتوختى جۈمە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ھەققىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە تاپشۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئۈچۈن، تۆت نامرات ئاھالىنىڭ ساقلاپ بېرىشكە بەرگەن بانكا كارتىسى، داۋالىنىش كارتىسىدىن 16 مىڭ 600 يۈەننى ئۆز مەيلىچە چىقىم قىلىپ، باشقا كەنت ئاھالىلىرى تاپشۇرمىغان ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ھەققى ھەم كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئىشخانا چىقىمىغا ئىشلىتىپ، نامرات ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن. 2019- يىلى 6- ئايدا، مەمەتتوختى جۈمەگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

8. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى (ئاشلىق) تەكشۈرۈش تارماق ئەترىتى پاش قىلىش، ئەرز قىلىشنى قوبۇل قىلىش بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى لى خەيجۈننىڭ باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئوبيېكتىدىن تاپان ھەققى تەلەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2018- يىلى 1- ئايدا، لى خەيجۈن ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، مەلۇم سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنىي ئىگىسى لى X نىڭ ئۆزى تىجارەت قىلىۋاتقان ئىككى كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنىنىڭ ھۆددىگەرلىكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە ياردەم بەرگەن. 2018- يىلى 3- ئايدا، لى خەيجۈن تۇغقىنىنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشىنى باھانە قىلىپ لى X تىن 20 مىڭ يۈەن تاپان ھەققى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، لى خەيجۈندە يەنە باشقا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرى ساقلانغان. 2019- يىلى 4- ئايدا، لى خەيجۈنگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى، مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسىدىن بۆلۈم ئەزاسىغا چۈشۈرۈلدى.

9. يېڭىشەھەر ناھىيەسى ياپچان بازىرى تالقۇرۇق كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ئىسمايىل ئابلەتنىڭ قازا قىلغانلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىنى كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش مەسىلىسى. 2011- يىلى 12- ئايدىن 2017- يىلى 3- ئايغىچە، ئىسمايىل ئابلەت ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، قازا قىلغانلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى كارتىسىنى بېجىرىش، قازا قىلغانلارنىڭ بانكا كارتىسىنى ساقلاپ بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، بەش نەپەر قازا قىلغۇچىنىڭ جەمئىي 30 مىڭ يۈەن كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىنى كۆز بوياپ ئېلىۋېلىپ، شەخسىي ئىستېمال چىقىمىغا ئىشلەتكەن. 2019- يىلى 7- ئايدا، ئىسمايىل ئابلەتكە پارتىيەدە بىر يىل قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلدى.

10. چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى قاينۇق يېزىسى قاينۇق كەنتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىقات خادىمى زىنلەم قۇرباننىڭ پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپات پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2012- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە، زىنلەم قۇربان خىزمىتىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا دۆلەتنىڭ غەربىي رايون پىلانلىق تۇغۇت بويىچە «ئاز تۇغۇپ تېز بېيىش» مۇكاپات پۇلى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ چېگرا ناھىيە، نامرات ناھىيەلىرىنىڭ يېزىلىرىدىكى پىلانلىق تۇغۇت ئائىلىلىرىنى ئالاھىدە مۇكاپاتلاش پۇلىدىن جەمئىي 15 مىڭ يۈەن بەھرىمەن بولغان. 2019- يىلى 6- ئايدا، زىنلەم قۇربانغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

يۇقىرىقى ئون تىپىك دېلو مىسالىدا ھەم ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقا كۈچىمىگەن، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار بار، ھەم ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتقان، قىسىۋېلىپ تۇتۇپ قالغان، خىيانەت قىلىپ ئىگىلىۋالغانلارمۇ بار، بۇ مەسىلىلەر ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىشلىق بولۇپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى بىلەن قارشى يول تۇتقان، جەزمەن كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالاش كېرەك.

ئاپتونوم رايوندىكى ھەردەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تۈزەش تەلىپىگە ئاساسەن، ئامما ئەندىشە قىلىدىغان، باش قاتۇرىدىغان، غەم قىلىدىغان ئىشلارنى زىچ چۆرىدەپ، كېسىشىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى مەخسۇس تۈزەش ئورۇنلاشتۇرما، تەلىپى بويىچە، دەل جايىدا نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىققا تارتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خىيانەت قىلىپ ئىگىلىۋېلىش، ساختا مەلۇمات يوللاپ كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىپ يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىگە ئالدىن ئېتىبار قىلىش قاتارلىق ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان چىرىكلىك مەسىلىلىرى؛ ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشتا قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئاستا ئىش قىلىش، قالايمىقان ئىش قىلىش قاتارلىق شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىگە قارىتا باشتىن - ئاخىر جازالاش - ئىبرەت قىلىشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى مەخسۇس تۈزەشنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ