تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

500 مىڭ مو يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشى يىل ئىچىدە پۈتىدۇ

شايار ناھىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدەندى

500 مىڭ مو يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشى يىل ئىچىدە پۈتىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ تيېجۈن، يىن شياۋجۈن، ليۇ دۇڭلەي، جاڭ جىلى خەۋەر قىلىدۇ: تۈپتۈز كەتكەن سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ئايىغىمىز ئاستىدىن يىراقلارغا سوزۇلۇپ، تەكشى كەڭ كەتكەن كېۋەزلىكلەرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇراتتى. «بۇ يىلنىڭ ئىچىدە، 500 مىڭ مو يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈر قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي تاماملىنىدۇ.» 8- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شايار ناھىيەسى نۇرباغ يېزىسى جېنشىڭ كەنتىدىكى ئېتىز بېشىدا، شايار ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جېڭ ۋېي مۇنداق دېدى: «بۇ تۈرنىڭ مەقسىتى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كېڭەيتىشكە، كۆپەيتىشكە بولىدىغان يېڭى ئەندىزە ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت».

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاز، دېھقانلارنىڭ يەرگە تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور، يېزا ئىگىلىكىنى كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئاجىز بولۇش جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك مەسىلە. 2017- يىلى، شايار ناھىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 500 مىڭ مو يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈر قۇرۇلۇشىنى ئۈستىگە ئېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا باشلىدى.

ئالدى بىلەن يەر تۈزلەش كېرەك. «بىزنىڭ بۇ جايدا يەرنىڭ پارچە بولۇش ئالاھىدىلىكى روشەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېگىز - پەس بولۇپ، چوڭ تىپتىكى ماشىنىلارنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، بۇ، كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشقا توسالغۇ ئېلىپ كەلدى. شۇڭا ئەڭ ئۇل خىزمەت يەرنى تۈزلەش.» جېڭ ۋېي مۇنداق دېدى: «بۇ قىسىم مەبلەغ تۈر قۇرۇلۇشى مەبلىغى دائىرىسى ئىچىدە ئەمەس، ناھىيە ئىجتىمائىي كاپىتال كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئالدى بىلەن بۇ ئۇللۇق خىزمەتنى ئورۇندىدى».

ھازىرغىچە، شىنجاڭ لىخۇا گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى شايار ناھىيەلىك ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، 400 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرنى تۈزلىدى، 200 مىڭ مو ئەتراپىدا يەرنى ئۆزلۈكىدىن ئوبوروت قىلدى. «شايار پاختىچىلىق چوڭ ناھىيەسى، يەر تۈزلەش ۋە ئوبوروت قىلىش ئارقىلىقلا، ئاندىن <كارخانا+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+ دېھقان ئائىلىسى> شەكلىدە پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بارالايمىز» دېدى بۇ گۇرۇھ قارىمىقىدىكى شىركەت شايار لىخۇا زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى سۈن بىن.

كەڭ كۆلەملىك يەر تۈزلەش ۋە ئوبوروت تاماملانغاندىن كېيىن، ئۆستەڭلەرنى سۇ سىڭمەس قىلىش، تېمىتىپ سۇغىرىش قۇرۇلۇشى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار دەرھال ئەگىشىپ ئىلگىرىلىدى. «كىلاپان ئېچىلىشى بىلەنلا، سۇ بىلەن ئوغۇت بىرلىكتە ئېتىزغا يەتكۈزۈلىدۇ، ئىشلار بەكلا ئاسانلاشتى» دېدى جېنشىڭ كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لىن يۇڭگو.

«تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى مېخانىزم قۇرۇلۇشى.» جېڭ ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: شايار ناھىيەسى ئومۇمىي مىقدارنى كونترول قىلىش ۋە نورمىلىق باشقۇرۇشنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دەسلەپكى سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى تۈزۈمىنى ئورنىتىش، يېزا ئىگىلىك سۇ باھاسى شەكىللىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دېھقانلار سۇ ئىشلىتىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تەشكىللەپ قۇرۇش، كىچىك تىپتىكى ئېتىز - ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، سۇ ھەمدە سۇ ئىنشائاتى ئەسلىھەلىرى بىلەن دېھقانلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى زىچ باغلىدى.

قايلور بازىرى چوغتېرەك كەنتىدە، دېھقانلار سۇ ئىشلىتىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى سۇ ئىشلىرىنى كەنت دەرىجىلىكتە تۇتقىغا ئىگە قىلدى. «ئىلگىرى كەنتكە سۇ كەلسە ھېچكىم باشقۇرمايتتى، سۇ باشقۇرۇش پونكىتىدا نەچچىلا كىشى بولغانلىقتىن، باشقۇرۇشقا ئۈلگۈرۈپ بولالمايتتى» دېدى شايار ناھىيەلىك سۇ باشقۇرۇش باش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى رېن چۈنشىڭ.

«ھازىر پۈتۈنلەي ئوخشاشمايدۇ.» چوغتېرەك كەنتى دېھقانلار سۇ ئىشلىتىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى خالىق ئەيسا مۇنداق دېدى: «ھازىر كەنتتىكى ھەربىر سۇ ئىشلەتكۈچىنىڭ سۇ ھوقۇقى كىنىشكىسى بار، قۇرۇلۇش مۈلۈك ھوقۇقى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تەۋە، ھەربىر سۇ ئىشلەتكۈچى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى، سۇنىڭ ئىشىدا باشقۇرىدىغان ئادەم بار بولۇپلا قالماي، يەنە كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدىغان قائىدە ۋە تەدبىرلەرمۇ بار بولدى».

ئېزىز ھەسەن ھەر مونى 700 يۈەن باھادا ئۆزىنىڭ 20 مو يېرىنى ئوبوروت قىلدى. ئۇ يەنە چوغتېرەك كەنتى دېھقانلار تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش ئەزاسى. «بىرتۇتاش تېرىشتا تەننەرخ تۆۋەن، ھوسۇل يۇقىرى، كىشى جاپا تارتمايدۇ، نېمىنىڭ زامانىۋىلىشىش ئىكەنلىكىنى ئەمدى ھېس قىلدىم» دېدى ئېزىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ