تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ تيېجۈن، يى شياۋجۈن، جاڭ يىلى، ليۇ دۇڭلەي، لۈ يىخەن فوتوسى، خەۋىرى): بۇ يىل، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان باغچىنىڭ شەھەر ئورنىنى بېكىتىپ، باغچىنىڭ شەھەر پىلانىنى تۈزۈپ، سۇ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە مەنزىرىسى ئۆزگەرتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل يول، يېشىل كارىدور، كوچا يېشىللىقى، ئولتۇراق رايوننى كۆكەرتىش ۋە ئىستىراھەت بوشلۇقى ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «100 مېتىردا يېشىللىقنى كۆرۈش، 500 مېتىردا باغچىنى ئۇچرىتىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئورمان بىلەن شەھەر ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن، ئورمان بىلەن سۇ بىر-بىرىگە تايىنىدىغان، سۇ بىلەن شەھەر بىر-بىرىگە ماسلىشىدىغان، ئادەم بىلەن باغچا ماس كېلىدىغان ئېكولوگىيەلىك ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان بوشلۇق ئەندىزىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى.