تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قۇملۇق چېگرا رايوندا شاگىرت تەربىيەلەش

− گۇاڭدۇڭ فوشەننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرى، پەيزاۋات كەسپىي مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى خۇ داچياڭ توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

بەختكە ئىنتىلىش كىشىلىك ھايات نىشانىدۇر. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى فوشەن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىسى خۇ داچياڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مۇساپىسىدە بەخت توغرىسىدا تېخىمۇ ئېنىق تەسىراتقا ئىگە بولدى.

2013- يىلى «ئىسمىنى ئاتاپ كۆرسىتىلىپ» پەيزاۋات ناھىيەلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىگە (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ پەيزاۋات كەسپىي مەكتىپى دېيىلىدۇ) كېلىپ، مەكتەپ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئۇ، پەيزاۋاتتا بىر ئىشلىگىنىچە ئالتە يىل ئىشلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن پەيزاۋاتتا شېئىر كەبى قايناق ھېسسىياتنى تاپتىم».

■ ياخشى مەكتەپ مۇدىرى بىر ياخشى مەكتەپنى ۋۇجۇدقا چىقاردى

مائارىپ بىلەن كەسىپنى ئۇدۇللاشتۇرۇش − كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش − ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش − نامراتلارنى يۆلەش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش − خەلق تۇرمۇشى ئارقىلىق مۇقىملىققا كۈچ قوشۇشتا، مائارىپ ئىنتايىن ئاچقۇچلۇق ھالقا. كەسىپ تەرەققىياتى زور بىر تۈركۈم بەلگىلىك كەسپىي ماھارەت ھازىرلىغان كەسىپ ئىشچىلىرىغا جىددىي ئېھتىياجلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تېخىمۇ شۇنداق.

2013- يىلى 6- ئايدا، 170 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ قۇرۇلغان پەيزاۋات ناھىيەلىك كەسپىي مائارىپ ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش باغچىسى پۈتتى، قاتتىق دېتال ئەسلىھەسىنى ياخشىلاش بىر مۇنەۋۋەر مەكتەپ مۇدىرىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولدى. فوشەن خۇاسەي كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى خۇ داچياڭ مۇتەخەسسىس سۈپىتى بىلەن پەيزاۋاتقا كېلىپ، يەرلىكنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن پەيزاۋات ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت «تاللىۋېلىپ» ھەم «ئىسمىنى ئاتاپ كۆرسىتىپ»، ئۇنىڭ پەيزاۋات كەسپىي مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

دەسلەپتە كەلگەندە، خۇ داچياڭ شۇنچە چوڭ بىر مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى، يەرلىكلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇشقا ئاپىرىپ بېرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، بەزى ئاتا - ئانىلارنىڭ ھەتتا بالىلار ئوقۇسا - ئوقۇمىسا، ئۆرلەپ ئوقۇسا - ئوقۇمىسا بەرىبىر، دەپ قارايدىغانلىقىنى زادىلا ئويلاپ باقمىغانىدى.

بۇنداق ئەھۋالدا، ئوقۇغۇچىلارنى قانداق قوبۇل قىلىش خۇ داچياڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىرىنچى قىيىن مەسىلىگە ئايلاندى. ئۇ ئىجادىي ھالدا شۇ جايدىكى پارتكوم، ھۆكۈمەت بىلەن بىللە «ھاكىم، مەكتەپ مۇدىرى، يېزا باشلىقى، <كەنت باشلىقى>، ئائىلە باشلىقى»دىن ئىبارەت «بەش باشلىق» مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئوقۇشقا ماس كېلىدىغان بالىلارنى مەكتەپكە ئاپاردى، مەكتەپتە قالدۇردى ھەم مەكتەپنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشقا ئائىت كۆپ تۈرلۈك ئاساسىي تۈزۈملەرنى بېكىتتى، بۇ، ئوقۇتۇش قائىدىسى، ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھازىرقى پەيزاۋات كەسپىي مەكتىپى جەنۇبىي شىنجاڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %36تىن %87كە ئۆرلىدى، توقۇمىچىلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %99كە يەتتى، تەربىيەلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پۈتكۈزمەي تۇرۇپلا كارخانىلار تەرىپىدىن ئالدىن تاللىۋېلىندى.

 ئىسلاھات ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ نەپكە ئېرىشتۈردى

چىن دىلى بىلەن كۆڭۈل بۆلۈش، ئەمەلىيەتچىل، سەمىمىي ھەرىكەت قىلىش ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللىشى، چۈشىنىشىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، خۇ داچياڭ كۆڭلىنى توختىتىپ، ئاپتوموبىل رېمونتچىلىقى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەم رېمونتچىلىق كەسپىنى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قىلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا باشلىدى. ئۇ بۇ كەسىپكە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىنىڭ 100دىن ئاشىدىغانلىقىنى، لېكىن ئادەتتە مەكتەپتە دەرس ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئاران 50تىن ئاشىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلمەسلىكىدىكى سەۋەب ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيەسى بىرقەدەر تۆۋەن، دەرسلىكتە مۇكەممەل سىستېما كەمچىل ئىدى.

ئوقۇتقۇچىلار ئۆگىتىشنى بىلمەسلىك، ئوقۇغۇچىلار ماھارەت ئۆگىنەلمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خۇ داچياڭ دائىم دەرسخانا ۋە ئەمەلىي مەشىق سېخىغا كىرىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەشكىللەپ يىغىن ئاچتى، ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىش دەرسى ئۆتتى. فوشەن خۇاسەي كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە خىزمەت قىلغاندىكى ئەمەلىي تەجرىبىلىرى، شۇنداقلا پەيزاۋات كەسپىي مەكتىپىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، «ئىككى ئاساسىي ئوق، كۆپ بۆلەك» دەرسلىك سىستېمىسىنى تەسىس قىلدى. «ئىككى ئاساسىي ئوق» بولسا «قوش تىل» تەربىيەسى بىلەن ئەخلاق تەربىيەسىدىن ئىبارەت، «كۆپ بۆلەك»لەشكەن ئوقۇتۇشنى قوللىنىش ھەر بىر بۆلەككە بىر كەسپىي ماھارەت ۋە بىر خىزمەت ئورنىنى ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

«بۇ خىل ئۇسۇل ئوقۇتقۇچىلارنى تېخىمۇ كەسىپلەشكەن، تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە ئوقۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.» پەيزاۋات كەسپىي مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ھۆرنىسا راخمان مۇنداق دېدى: «ئىسلاھات ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ نەپكە ئېرىشتۈردى».

 «ھەقىقىي ياخشى مەكتەپ قۇرۇپ چىقىمەن»

2016- يىلى، ئالدىنقى بىر تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كادىرلىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تاماملاپ شىنجاڭدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، خۇ داچياڭ قېلىشنى تاللاپ، ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ھاياتىنى داۋاملاشتۇردى.

«بۇ مەكتەپ يېڭى مەكتەپ رايونىغا كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىنكى تۇنجى مەكتەپ مۇدىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ مەكتەپنىڭ دەرىجىسى كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىگە ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنكى تۇنجى مەكتەپ مۇدىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن خاتىرجەم بولالمىدىم، يەنە ئۈچ يىل تىرىشىپ، مەكتەپنى بىر ھەقىقىي مەنىدىكى ياخشى مەكتەپ قىلىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن.» خۇ داچياڭ مۇنداق دېدى: مەكتەپنىڭ تەرەققىياتى مەلۇم كىشىنىڭ كېتىشى ياكى قېلىشى بىلەن تەسىرگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەندىن بۇيان، خۇ داچياڭ كەسپىي مائارىپ خىزمىتىنىڭ بىر يېڭى يولىنى تېپىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇرۇقىنى چاچتى.

مىللىيچە پېچىنە - پىرەنىك كەسپىنىڭ 2- يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئامانگۈل ئەبەينىڭ ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللىرى كۆپ بولۇپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ تېنى ئاجىز، كېسەلچان ئىدى، ئائىلىسىدىكى بالىلارنىڭ چوڭى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەخلاقتىمۇ ۋە ئۆگىنىشتىمۇ ئەلاچى بولغان ئامانگۈلدە ئوقۇشنى تاشلاپ، ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئائىلىسىنى بېقىش ئويى پەيدا بولدى ھەم سىنىپ مۇدىرىغا ئوقۇشتىن چېكىنىش خىيالىنى ئېيتتى.

ئامانگۈلنىڭ ئائىلە ئەھۋالى خۇ داچياڭنىڭ خىيالىدىن كەتمىدى. ئۇ ئامانگۈلنىڭ ئاتا - ئانىسىنى مەكتەپكە چاقىرتىپ، ئۇلارغا 2000 يۈەن ئىئانە قىلدى. ئارقىدىن يەنە ئۇنىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە بېرىپ ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ماھارەت ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈردى. ناھايىتى تېزلا، ئامانگۈلنىڭ چېھرىگە كۈلكە يۈگۈرۈپ مەكتەپكە قايتىپ كەلدى.

«قانداق قىلغاندا نامراتلاردىن بىلىملىك كىشىلەر چىقىدۇ، كۆپ چاغلاردا ھالقىلىق پەيتتە بىرەرسىنىڭ ياردەم قىلىشىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بىرىمۇ كەم قالسا بولمايدۇ، دېگەننى مەن قىلىپ بولالمايمەن، قۇربىتىم يەتكەن دائىرىدە بىرنى يۆلىيەلىسەم بىرنى يۆلەيمەن» دېدى خۇ داچياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ