تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭخۇا نەزەرىدىكى شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى

شۈ گۈيشياڭ

شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى جۇڭگو تارىخىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئۇزاقتىن بۇيان، مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخىنى ھە دەپ بۇرمىلاپ ئۆزگەرتىۋېتىپ، مەدەنىيەت پەرقىنى كۆپتۈرۈپ، مىللىي ئارازلىققا ۋە ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، شىنجاڭنىڭ ۋەتەن چوڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىشكە، شىنجاڭنى جۇڭگودىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇندى، بۇ تىپىك ئىدېئالىزملىق تارىخىي قاراش بولۇپ، تارىخىي پاكىت بىلەن پۈتۈنلەي زىت.

شىنجاڭ رايونى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك قاتارلىق رايونلار بىلەن ئۆزئارا ئالاقە قىلىپ، بىر گەۋدە بولۇپ يۇغۇرۇلغان، بۇ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى تارىخىي مۇقەررەرلىك. يىراق قەدىمكى دەۋردە، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ كىلىماتى نەم، سۇ مەنبەسى مول، تۇپرىقى مۇنبەت بولۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادى، مەدەنىيىتى ئەڭ بۇرۇن تەرەققىي قىلغان بىر رايون، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاساسلىق بۆشۈكى. جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ دەسلەپكى نەچچە سۇلالە شيا، شاڭ، جوۋ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بۇ يەردە گۈللەنگەن. شىنجاڭ رايونى قەدىمدىن تارتىپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 60- يىلى، غەربىي خەن سۇلالىسى ۋۇلېي شەھىرىدە (بۈگۈنكى شىنجاڭ بۈگۈر ناھىيەسى تەۋەسىدە) غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى تەسىس قىلىپ، پۈتكۈل غەربىي يۇرت رايونىنىڭ ھەربىي - مەمۇرىي ئىشلىرىنى بىرتۇتاش باشقۇرغان، بۇ شىنجاڭ رايونىنىڭ رەسمىي دۆلىتىمىز تېررىتورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. خەن سۇلالىسىدىن كېيىن، تارىختا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئۆتكەن سۇلالىلەرنىڭ ھەممىسى غەربىي يۇرتنى ئۆز زېمىنى دەپ قاراپ، شىنجاڭ رايونىنى باشقۇرۇش تەۋەلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن. تارىختا شىنجاڭ رايونىدا يەرلىكنىڭ ئايرىلىپ تۇرۇش ئەھۋالى كۆپ قېتىم كۆرۈلۈپ، كۆپ خىل ھالەتتىكى ھاكىمىيەت شەكلى شەكىللەنگەن، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو تېررىتورىيەسىدىكى يەرلىك ھاكىمىيەت شەكلى بولۇپ، ئەزەلدىن مۇستەقىل دۆلەت ئەمەس. ھەتتاكى، يەرلىك ئايرىما ھاكىمىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە قويۇق جۇڭگو بىر گەۋدە ئېڭى بار بولۇپ، ئۇلار ياكى ئۆزلىرىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ھاكىمىيىتىنىڭ تارمىقى، ياكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ھاكىمىيىتىگە تەۋە دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەيلى ئايرىلىپ تۇرۇش مەزگىلى قانچىلىك ئۇزاق، ۋەزىيەت قانچىلىك مۇرەككەپ بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئاخىرىدا ھەممىسى قايتىدىن بىرتۇتاش باشقۇرۇشقا يۈزلەنگەن. بۇ تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىدۇر.

شىنجاڭ رايونىدىكى مىللەتلەر دۆلىتىمىزنىڭ باشقا رايونلىرىدىكى مىللەتلەر بىلەن ئۇزاق مەزگىل ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش نەتىجىسىدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە شەكىللەندۈرگەن. 5000 يىلدىن ئارتۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخىدۇر. ھەر قېتىملىق مىللەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە بېرىش - كېلىش قىلىشى، كەڭ كۆلەمدە كۆچۈشى، كەڭ كۆلەمدە يۇغۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى ۋە جۇڭگو تارىخىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولغان. قەدىمكى رىۋايەتلەردىكى يەندى، خۇاڭدىدىن باشلاپ شيا، شاڭ، جوۋ سۇلالىلىرىغىچە، چۇنچيۇ دەۋرى، جەنگو دەۋرىدىن چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىگىچە، ۋېي، جىن، جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىن سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىگىچە، بەش دەۋر، ئون بەگلىكتىن لياۋ، سۇڭ، شيا، جىن، يۈەن سۇلالىلىرى دەۋرىگىچە، مىڭ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغىچە، جۇڭخۇا مىللىتى شەكىللەنگەن، راۋاجلانغان ھەربىر تارىخىي دەۋر ئۈزلۈكسىز ھالدا كۆپ مەنبەلىك بولۇشتىن بىر گەۋدىلىشىشكە، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشتىن يۇغۇرۇلۇشقا، تارقاق بولۇشتىن زىچ بىرىكىشكە يۈزلەنگەن بىرىكىش جەريانى. شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، جايلىشىش جەھەتتە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا تايىنىپ، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا قوبۇل قىلىپ، ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزئارا يېقىنلىشىپ، ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان، بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىنى شەكىللەندۈرگەن. جۇڭخۇا مىللەتلىرى ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرىنى، بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچقان، ئۇزاق تارىخنى، پارلاق مەدەنىيەتنى ئورتاق ياراتقان، ھەممىسى شىنجاڭنى ئېچىش، قۇرۇش، قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان.

شىنجاڭ رايونىنىڭ مەدەنىيىتى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك قاتارلىق رايونلارنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن قان بىلەن گۆشتەك بىرلىشىپ، تارىخىي يۇغۇرۇلۇپ، مول ۋە چوڭقۇر، پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتكەن كۆپ مىللەت مەدەنىيەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان بولۇپ، تارىخى ئۇزاق، دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۈزۈلۈپ قالمىغان، تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە كەلگەن مەدەنىيلىكتۇر. قەدىمدىن تارتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى كۆپ خىل مۇھىتنىڭ تەسىرىدە مول، كۆپ مەنبەلىك بولۇش ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن. تارىختا، خۇاشيا قوۋمى بىلەن ئەتراپتىكى مىللەتلەر ئۈزلۈكسىز كۆچۈش، قوشۇلۇش، ئۇرۇش قىلىش، قۇدىلىشىش، سودىلىشىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش قىلىپ، ئاخىرقى ھېسابتا پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. چىن، خەن سۇلالىلىرىنىڭ ھەيۋىتى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەمۇرچىلىق، كاڭشى، چيەنلۇڭ يىللىرىدىكى گۈللىنىش ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق ياراتقان شانلىق نەتىجە. شىنجاڭ رايونى تارىختا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى دەرۋازا ۋە ۋاسىتە بولۇپ كەلگەن، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە باشتىلا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن تامغىسى بېسىلغان. غەربىي خەن سۇلالىسى شىنجاڭ رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، خەنزۇ تىلى غەربىي يۇرتنىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىللارنىڭ بىرى بولغان. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، قائىدە - يوسۇن تۈزۈمى، كىتابلىرى، مۇزىكا - ئۇسسۇللىرى قاتارلىقلار غەربىي يۇرتقا كەڭ تارقالغان. بۈگۈن شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئىشلىتىۋاتقان ساپان، ئوتىغۇچ، چاناق قاتارلىقلارنىڭ شەكلى ۋە تۈزۈلۈشى جەنگو دەۋرىدە كەشىپ قىلىنغان، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، تاڭ سۇلالىسىدە ئىسلاھ قىلىنغان ۋە كېڭەيتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، باربىت، چياڭ نېيى قاتارلىق چالغۇلار غەربىي يۇرتتىن ياكى غەربىي يۇرت ئارقىلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان. ۋېي، جىن، جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەر مەزگىلىدە، مىللەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە كۆچۈشى، كەڭ كۆلەمدە يۇغۇرۇلۇشى ئارقىسىدا، بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ كۇچادىكى كۈسەن نەغمىسىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە داڭقى چىقىپ، سۈي، تاڭ سۇلالىلىرىدىن تاكى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىگىچە ئوردا زىياپەت نەغمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان. تاڭ سۇلالىسىدىكى ئون نەغمە ئىچىدە، غەربىي لياڭ نەغمىسى، كۈسەن نەغمىسى، تيەنجۇ نەغمىسى، ئەنگو نەغمىسى، سۇلى نەغمىسى، قوچۇ نەغمىسى، كاڭگو نەغمىسىدىن ئىبارەت يەتتە نەغمە غەربىي يۇرتتىن كەلگەن، خۇلارنىڭ قۇيۇن ئۇسسۇلى، خۇلارنىڭ سەكرىمە ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى قاتارلىقلار ئوردىدا ئەۋج ئالغان، چاڭئەن شەھىرىدە «غەربىي يۇرت ئۇسلۇبى» بىر مەھەل ئەۋج ئالغان. چېگرا رايون شائىرى سېن شېن شېئىرىدا «گۈل قوۋۇق سانغۇنى ناخشا ئېيتار خۇچە كارامەت، ۋاسسال بېگى سۆزلىشەر خەنزۇچىدە ئالامەت» دەپ يېزىپ، ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ رايونىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىنىڭ تەڭ قوللىنىلغانلىقى، مەدەنىيەتنىڭ گۈللەنگەنلىكىدەك مەنزىرىنى سۈرەتلەپ بەرگەن. 1884- يىلى شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، جايلاردا مائارىپ يولغا قويۇلۇپ، مەكتەپلەر قۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قايتا قۇرۇلۇپ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىشى جەريانىدا يېڭى كۈچكە ئېرىشىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئېقىمىغا قايتىدىن قوشۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، شىنخەي ئىنقىلابى، رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى، 4- ماي ھەرىكىتى، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب تەسىرىدە، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى زامانىۋىلىشىشقا يۈزلەنگەن. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭ رايونىدا يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ قانات يېيىپ، ماركسىزم كەڭ تارقىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇش مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلەت ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، تاجىك، شىبە ۋە ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپلىگەن خەلق ئەدەبىياتى مىراسلىرىنى قۇتقۇزۇپ، يىغىپ، رەتلەپ، تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلىپ، مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تارىختىكى مىسلىسىز گۈللىنىش - تەرەققىي قىلىش مەزگىلىگە كىرىشىگە تۈرتكە بولغان، تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات يۆلەنچۈكى، قەلب ماكانى ۋە مەنىۋى ماكانى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى بولۇپ كەلدى.

شىنجاڭ رايونىدىكى دىنلارنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ باشقا رايونلىرىدىكى دىنلار بىلەن ئىناق بىللە ئۆتۈشى، سىڭىشىشى، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان دۆلەت، ھەرقايسى دىنلارنىڭ ئەزەلدىن ئورنى باراۋەر، مۇناسىۋىتى رايىش. خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە بۇددا دىنى، تويىن دىنى، ئىسلام دىنى، كاتولىك دىنى، خىرىستىيان دىنى قاتارلىق بەش چوڭ دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئەندىزە تەدرىجىي شەكىللەنگەن. تۈرلۈك دىنلارنىڭ ئورنى باراۋەر، ئىناق بىللە ئۆتىدىغان، كۆپ مەنبەلىك، سىغدۇرۇشچان بولۇپ، دىنىي تالاش - تارتىش ناھايىتى ئاز يۈزبەرگەن، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئامما ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، ئىتتىپاق - ئىناق ئۆتكەن. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل دىنىي ئېتىقاد تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون، ئىپتىدائىي دىن، شامان دىنى، زوروئاستىر دىنى، بۇددا دىنى، تويىن دىنى، مانى دىنى، نېستورىيان دىنى، ئىسلام دىنى، خىرىستىيان دىنى، كاتولىك دىنى، پىراۋوسلاۋىيە دىنى قاتارلىقلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ رايونىغا تارقىلىپ كىرگەن، بىر دىن ياكى ئىككى دىن ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇش، كۆپ دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش باشتىن - ئاخىر شىنجاڭنىڭ دىن ئەندىزىسىنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكى. گەرچە تارىختا شىنجاڭ رايونىدا ئىلگىرى دىن ئۇرۇشى ياكى توقۇنۇشى يۈزبەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلار نىسبەتەن قىسقا مەزگىللىك بولۇپ، شىنجاڭ رايونىدا كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتەلمىگەن، شۇنداقلا كۆپ خىل دىننىڭ قوبۇل قىلىش، يۇغۇرۇلۇش، مۆتىدىل، سىغدۇرۇشچان بولۇشتەك مۇناسىۋىتىنىمۇ ئەزەلدىن ئۆزگەرتەلىگەن ئەمەس. مەسىلەن، شامان دىنى ۋە زوروئاستىر دىنىنىڭ ئوتقا چوقۇنۇشى، ئىسلام دىنى تارقىلىپ كىرگەن تەقدىردىمۇ يوقاپ كەتمىگەن. يەنە مەسىلەن، يەكەن، قاغىلىق، قەشقەر، قومۇل، ئىلى قاتارلىق جايلاردىكى بەزى قەدىمىي مەسچىتلەردە يەنىلا بۇت تەكچىسى، نېلۇپەر گۈلى نەقىشى، نېلۇپەر گۈللۈك بۇت سۇپىسى قاتارلىقلار ساقلىنىپ قالغان. بۇددا دىنى، ئىسلام دىنى قاتارلىق سىرتتىن كەلگەن دىنلار شىنجاڭ رايونىغا تارقىلىپ كىرگەندىن كېيىن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا قوبۇل قىلىش، ئۆزئارا توپلاش، پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتۈش روھىنىڭ تەسىرىدە، جۇڭگوچىلىشىش، يەرلىكلىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈپ، روشەن رايون ئالاھىدىلىكى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى. يەنە مەسىلەن، ئىسلام دىنى ئەسلىدە ئاللادىن باشقا ھەرقانداق ئادەم ياكى شەيئىگە ئېتىقاد قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ، ئەمما ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ھازىرغىچە مازارغا تاۋاپ قىلىدۇ، بۇ ئىسلام دىنىنىڭ يەرلىكلەشكەنلىكىنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر قېتىم قۇربان ھېيت كەلگەندە، قەشقەردىكى ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ھېيتگاھ مەسچىتىدە ناماز ئوقۇغاندىن كېيىن، ھەممىسى مەسچىت ئالدىدىكى مەيداندا ساما ئۇسسۇلى ئويناپ تەنتەنىلىك پائالىيەت ئۆتكۈزىدۇ، كىشىلەر ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، كۈلكە - چاقچاق قىلىشىدۇ، كەيپىيات قىزغىن بولىدۇ. بۇ جۇڭگودىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئىچىدىمۇ بىردىنبىر ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، شىنجاڭ رايونىدىكى سىرتتىن كەلگەن دىنلار پەقەت جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنبەت تۇپرىقىغا يۇغۇرۇلغاندىلا، ئاندىن دۆلىتىمىزدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ ۋە داۋاملىشالايدۇ.

دىيالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا نەزەرىدە شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخىنى تونۇش ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى نامايان قىلدى.

(ئاپتور شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى)

(2019- يىلى 7- ئاينىڭ 24- كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ