شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپپارات ئىشتاتى بايلىقى مۇھىم سىياسىي بايلىق، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بايلىقى، ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتى پارتىيەنىڭ مۇھىم خىزمىتى. «نىزام» شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلغان، پارتىيەنىڭ ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتىنىڭ تۈپ مىزانى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەكىتلەندى: «نىزام»نى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش پارتىيەنىڭ ئاپپارات ئىشتاتىنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپپارات ئىشتاتىنى قانۇندا بەلگىلەشنى ئالغا سىلجىتىش، ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تەشكىلىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لىرى ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، يانداش تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «نىزام»نىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. «نىزام»نى تەشۋىق قىلىش - يېشىپ چۈشەندۈرۈش ۋە ئۆگىنىش - تەربىيەلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى «نىزام»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، «نىزام»نىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «نىزام»نىڭ مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلىشى كېرەك. نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «نىزام»دىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلارنى قاتتىق جاۋابكارلىققا تارتىش، جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت ئاپپارات ئىشتاتى كومىتېتى ئىشخانىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، «نىزام»نىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «نىزام»نى ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.
بۇ «نىزام» جەمئىي سەككىز باب، 33 ماددا بولۇپ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت ئاپپارات ئىشتاتى كومىتېتى ئىشخانىسى چۈشەندۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. بۇ نىزام 2019- يىلى 8- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.