تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەۋقەنى سىياسىي نازارەتچىلىكتە تەۋرەنمەسلىككە قويۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدىن ئېغىپ كەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش كېرەك

پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتى يىغىنى ھەم 9- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 8- قېتىملىق كۆزىتىشكە سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

مەۋقەنى سىياسىي نازارەتچىلىكتە تەۋرەنمەسلىككە قويۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدىن ئېغىپ كەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرى جاڭ شۇجۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 8- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن كېيىن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتى يىغىنى ھەم 9- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 8- قېتىملىق كۆزىتىشكە سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ياڭ شىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى جى جېڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «يەتتە كىشىلىك گۇرۇپپا» يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، 8- قېتىملىق كۆزىتىش گۇرۇپپىسى باشلىقلىرى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرىغا ھوقۇق بېرىپ ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھەم ۋەزىپە تەقسىملەش توغرىسىدىكى قارارنى ئېلان قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك كۆزىتىش - تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ۋە كەڭ كۆزىتىش - تەكشۈرۈش كادىرلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىگە ۋە پەرقىگە ئومۇميۈزلۈك قاراپ مۇئامىلە قىلىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى قىلىشتا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى سىياسىي نازارەتچىلىكتە تەۋرەنمەسلىككە قويۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدىن ئېغىپ كەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتا تۈرنى كەم قىلماي، ئۆز قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى بوشاشتۇرماي، كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا 9- نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 8- قېتىملىق كۆزىتىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسى قاتارلىق ئون تارماق، ئورۇنغا قارىتا دائىملىق كۆزىتىشنى قانات يايدۇرىدۇ، خوتەن ناھىيەسى قاتارلىق 22 ئېغىر نامرات ناھىيەگە قارىتا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشى بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»نى قانات يايدۇرىدۇ.

يىغىندا، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم، چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتكومى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 4- كۆزىتىش گۇرۇپپىسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەكشۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت بەش ئورۇننىڭ مەسئۇل يولداشلىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ