تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

تېكەس ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك ساياھەت باغچىسى: كۈز پەسلى گۈل سەيلىسىدىن باشلىنىدۇ

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ۋېي شەنچېڭ فوتوسى، خەۋىرى): يېقىندا، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى چولاقتېرەك بازىرى مىڭبۇلاق كەنتىدىكى خۇاخەي قاراجون ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك ساياھەت باغچىسىدا بوسىجۈ، تىزمىگۈل، زىنىگۈل قاتارلىق يېڭى سورتلۇق گۈل-گىياھلار ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىپ، بىر پارچە خىيالىي گۈل دېڭىزى ھاسىل بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى گۈل دېڭىزىدا سەيلە قىلىشقا جەلپ قىلدى.

خۇاخەي قاراجون ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك ساياھەت باغچىسى.

ئىگىلىنىشىچە، خۇاخەي قاراجون ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك ساياھەت باغچىسى تېكەس ناھىيە بازىرى بىلەن قاراجون مەنزىرە رايونى ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 660 مو كېلىدىكەن، بۇنى شىنجاڭ شىنجىجيا ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ئىكەن. تۈر ئومۇمىي سوممىسى 50 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1-قارارلىق قۇرۇلۇشقا سېلىنغان مەبلەغ 20 مىليون يۈەن ئىكەن، بۇنى ئۈچ يىل ئىچىدە تاماملاش پىلانلانغان. تۈر قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن، يەرلىك كەنت ئاھالىسىدىن 500 كىشىنى بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، 2000 كىشىنى ۋاسىتىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تاپاۋەتنى ئون مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈپ، يەرلىك كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇش پىلانلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، خۇاخەي قاراجون ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك ساياھەت باغچىسى تېكەس ناھىيەسىنىڭ مول ساياھەت بايلىقى بىلەن مەدەنىيەت مەزمۇنىنى تولۇق بىرلەشتۈرۈپ، زامانىۋى سەرخىل يېزا ئىگىلىكى بىلەن ئىستىراھەت ساياھەت يېزا ئىگىلىكى، گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى بىلەن يېڭىچە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تولۇق بىرلەشتۈرۈپ، ئىلى تېكەس-موڭغۇلكۈرە رايونىدا تۇنجى رەڭدار يېزا ئىگىلىك ساياھەت باغچىسى بەرپا قىلغان. باغچە رايونى ئاساسلىقى خاس گۈل-گىياھنى كەسىپ تىرىكى قىلغان بولۇپ، قۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ جايدا 200-400 خىلدىن ئارتۇق قىممەتلىك گۈل-گىياھ، خاس جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىسى، خۇش پۇراق ماتېرىيال قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدىكەن. ئىستىراھەت، سەيلە قىلىش، ساياھەت، مەدەنىيەت تىجارەت ئىدىيەسىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، باغچە رايونىدا مېۋە-چېۋە ئۈزۈش، كۆكتات ئۈزۈش، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئويۇنى، توي سۈرەتچىلىكى، ھېس قىلىش ھەرىكەت رايونى قاتارلىق ئىستىراھەت تۈرلىرى تەسىس قىلىنىپ، يىلدا 200 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش پىلانلانغان. ئۇ دۆلەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى تېكەس ناھىيەسى باگۇا شەھىرى – قاراجون يايلىقى – چوڭقۇشتاي سەرخىل ساياھەت لىنىيەسىدىكى بىر ھاردۇق ئالىدىغان ئۆتەڭ بولۇپ قالىدىكەن.

نۆۋەتتە، بۇ رەڭدار گۈلزارلىقتا يەنە نۇرغۇن گۈل تاماشا قىلىش يولى ۋە مەنزىرە سۈرەتكە ئېلىش نۇقتىسى تەسىس قىلىندى، مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا گۈل دېڭىزىدىكى «باگۇا سۈرىتى»نى كۆرگىلى بولىدۇ. ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ ياخشى گۈل تاماشا قىلىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، خىزمەتچى خادىملار ساياھەتچىلەرنىڭ سەيلە قىلىپ، گۈل تاماشا قىلغاندا گۈللەرنى ئۈزمەي، گۈللەر ئارىسىغا كىرىپ سۈرەتكە چۈشمەي، قالايمىقان ئەخلەت تاشلىماي، مەدەنىي گۈل تاماشا قىلغۇچىلاردىن بولۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

ئىلى گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ