8-ئاينىڭ 15-كۈنى، چىڭياڭچا بازىرى گاۋشىيا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ما ياڭ شاپتۇللۇقتا شاپتۇل ئۈزمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: سېرىق توپلىق ئېگىزلىككە توغرا كېلىدىغان شەنشى ئۆلكىسى جىڭبيەن ناھىيەسى چىڭياڭچا بازىرى گاۋشىيا كەنتى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي باغ-ئورمان بويىچە ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېگىزلىكتە ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك شاپتۇل سورتىنى كىرگۈزۈپ، باغۋەنچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى. نۆۋەتتە پۈتۈن كەنتتە 3000 موغا يېقىن شاپتۇللۇق بەرپا قىلىنغان، مو بېشى مەھسۇلات قىممىتى 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇققا يەتكەن. (تاۋ مىڭ فوتوسى)
8-ئاينىڭ 15-كۈنى، چىڭياڭچا بازىرى گاۋشىيا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاڭ جىنلى شاپتۇل ئۈزمەكتە. ئۇلارنىڭ ئائىلسىنىڭ 15 مو شاپتۇللۇقى بولۇپ، يىللىق كىرىمى 150 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.
8-ئاينىڭ 15-كۈنى، چىڭياڭچا بازىرى گاۋشىيا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاڭ جىنلى بىر ئائىلە كىشىلىرى شاپتۇللۇقتا شاپتۇل ئۈزمەكتە.
8-ئاينىڭ 15-كۈنى، ساياھەتچىلەر چىڭياڭچا بازىرى گاۋشىيا كەنتىدىكى شاپتۇللۇقتا شاپتۇل ئۈزمەكتە.