تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يېڭى دەۋردە مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

يېڭى دەۋردە مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېڭى دەۋردە مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: يېڭى دەۋردە مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ مائارىپ باشقۇرۇپ، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت زور ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

يېڭى دەۋردە مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى توغرىسىدا، «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىرىنچى، پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ئىككىنچى، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسى ئارقىلىق قوراللاندۇرۇش بىلەن ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىلارغا كىرگۈزۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا كىرگۈزۈشكە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى خەلق مائارىپىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردە ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنىڭ ئىدىيەۋىلىكى، نەزەرىيەۋىلىكى ۋە يېقىنلىقى، قاراتمىلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. تۆتىنچى، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنىڭ دەرسلىك سىستېمىسىدىكى سىياسىي يېتەكچىلىك ۋە قىممەت يېتەكچىلىكى رولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك دەرسلىك بىلەن ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ماسلىشىش ئۈنۈم ئېففېكتى شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بەشىنچى، يۇقىرى ساپالىق، كەسپىيلەشكەن ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بۇ قوشۇننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا پائال سەھنە ھازىرلاش، شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. ئالتىنچى، مەسىلە يۆنىلىشى بىلەن نىشان يۆنىلىشىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي، نەزەرىيە ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، بىلىش، ھېس قىلىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ھەرىكەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ