ئىلگىرى تەتقىقاتلاردا قارىلىشىچە، بوۋاقلار تۇغۇلۇپ بىر ياشقا كىرگەندىن كېيىن ھېسىداشلىق ئېڭى شەكىللىنىدىكەن، ئىسرائىلىيە نېگېف بېن گۇلىئان داشۆسى بىلەن ئىبراي داشۆسى بىرلەشمە تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ تەجرىبىسى بۇ قاراشنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. تەتقىقاتچىلار 5 ئايلىقتىن 9 ئايلىققىچە بولغان 27 بوۋاققا ئىككى ۋىدېئونى كۆرسەتتى، فىلىمدىكى باش پېرسۇناژ «چاسا شەكىللىك ئادەم» بىلەن «يۇمىلاق شەكىللىك ئادەم» بولۇپ، بىرىنچى ۋىدېئودا چاسا شەكىللىك ئادەم تاغقا چىقىش سەپىرىدە يۇمىلاق شەكىللىك ئادەمگە ئۇچراپ قالىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا دوستلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ ھەمدە بىرگە خۇشال ھالدا تاغدىن چۈشىدۇ، فىلىمىنىڭ پۈتۈن جەريانىدا پېرسوناژلارنىڭ كەيپىياتى ئوتتۇراھال ياكى ئاكتىپ بولىدۇ. ئىككىنچى ۋىدېئودا، چاسا شەكىللىك ئادەم يۇمىلاق شەكىللىك ئادەمگە يولۇققاندىن كېيىن تاياق يەپ تەھدىتكە ئۇچرايدۇ، تاغدىن چۈشكەندىن كېيىن چاسا شەكىللىك ئادەم ئېڭىشىپ يىغلايدۇ، قاتتىق ئازاپلىنىدۇ. ۋىدېئونى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، تەتقىقاتچىلار ئىككى ئادەم شەكلىنى پەتنۇسقا قويۇپ بوۋاقلارغا تاللىغۇزىدۇ. نەتىجىدە، بىرىنچى ۋىدېئونى كۆرگەن بوۋاقلار ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەيدۇ؛ ئىككىنچى ۋىدېئونى كۆرگەن بوۋاقلارنىڭ %80ى «بىچارە چاسا شەكىللىك ئادەم»نى كۆتۈرۈۋالىدۇ.
بېن گۇلىئان داشۆسى پسىخولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور فلورىنا مۇنداق دېدى: يېڭى تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، ھاياتلىقنىڭ دەسلەپكى نەچچە ئېيىدا ئىنسانلارمۇ ئالاھىدە كەيپىيات ئارقىلىق مۇرەككەپ يەكۈن چىقىرىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىر تەرەپنى پەرقلەندۈرەلەيدىكەن ھەم ھېسداشلىق قىلىدىكەن.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى