تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىرىنگۇ يۆنىلىشىدە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغانلار ئۈچۈن ۋاقىتلىق بىر يول كۆپەيتىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ مېڭيۈ، ئىختىيارىي مۇخبىر دېڭ لۇ): قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنى يوقلاش، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىشى كۆپەيدى، 8-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دۇڭدالياڭ شەرقىي كوچىسىدا بىر قەدەر ئېغىر بولغان ئاپتوموبىل ئۆچىرىتى پەيدا بولدى، قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى بىر قېزىش ماشىنىسى بىلەن گۈيخۇا ئۈچىنچى يولىدىكى بىر ئۈزۈك يولنى ئېچىپ، شىرىنگۇغا بارىدىغان ئاپتوموبىللار ئۈچۈن ۋاقىتلىق بىر يولنى كۆپەيتتى.

  سۈرەتنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە چوڭ ئەترىتى تەمىنلىگەن

  8-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 10دىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى دۇڭدالياڭ شەرقىي كوچىسىنىڭ شىمالىدىن جەنۇبقا بولغان يۆنىلىشتە قاتناش قىستاڭچىلىقى كۆرۈلدى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، قاراماي نەنخۇ ئاسما كۆۋرۈكىنى شەرققە ئۇزارتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقتىن، شىرىنگۇ تەرەپكە بارىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسى تىيانشان رايونى دۇڭدالياڭ شەرقىي كوچىسىدىن ئايلىنىپ داشۆ يولىغا كىرگەن، بۇ ئەھۋال دەم ئېلىش مەزگىلىدە دۇڭدالياڭ شەرقىي كوچىسىنىڭ قاتناش بېسىمىنى ئاشۇرۇۋەتكەن .

  قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى نەق مەيداننى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، گۈيخۇا ئۈچىنچى يولىنىڭ بىر بۆلىكىدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئۈزۈك يول» بارلىقىنى بايقاپ، قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ بىلەن ماسلاشتۇرغاندىن كېيىن، بىر قېزىش ماشىنىسى بىلەن بۇ يولنى راۋانلاشتۇردى. چۈش سائەت 13لەردە، قاتناش ساقچىسىنىڭ قوماندانلىقىدا، دۇڭدالياڭ شەرقىي كوچىسىدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللار بۇغدا يولىدىن ئوڭغا بۇرۇلۇپ، ۋاقىتلىق يېڭى ئېچىلغان يول ئارقىلىق گۈيخۇا ئۈچىنچى يولىغا كىرىپ، قاتناش قىستاڭچىلىقى بولغان دۇڭدالياڭ شەرقىي كوچىسىدىن ئايلىنىپ ئۆتتى.

  قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يول بۆلىكىنىڭ ۋاقىتلىق ئېچىلىشى قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىرىنگۇ يۆنىلىشىدىكى قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك سەپەرگە چىقىش لىنىيەسى قىلىپ تاللىشى تەۋسىيە قىلىنمايدىكەن. قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىدە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەقسىز قاتناش يولغا قويۇلىدۇ، شۇڭا شەھەر رايونىدىن شىرىنگۇ يۆنىلىشىگە بارىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ شەرقتىن شەھەرنى ئايلىنىپ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈرۈپ، شەھەر رايونىدىكى توسۇلۇپ قالغان يول بۆلەكلىرىدىن يىراق تۇرۇشى تەۋسىيە قىلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ