كۆپ دۆلەت تەتقىقاتچىلىرى قاتناشقان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئەر-خوتۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلەشسە، بالىلاردا ئىككى ياشتىن بۇرۇن ھېسسىيات ۋە ھەرىكەت مەسىلىسىنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى ئاشىدىكەن.
ئەنگلىيە كامبرىج داشۆسى، بېرمىڭخام داشۆسى، ئامېرىكا داشۆسى ۋە گوللاندىيە لېيتون داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە گوللاندىيەدىن كەلگەن جەمئىي 438 ھامىلدار ئايال ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن يۇقىرىقى خۇلاسىگە كەلگەن. تەتقىقاتچىلار ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، بوۋاقلار 4 ئايلىق، 14 ئايلىق ۋە 24 ئايلىق بولغاندا، تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرىغا سوئال قەغىزىنى تولدۇرۇپ، يۈز تۇرانە سۆھبەتنى قوبۇل قىلدۇرغان. سوئال قەغىزىنىڭ مەزمۇنى تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرىدا تەشۋىشلىنىش ياكى مەيۈسلىك كېسىلىنىڭ بار-يوقلۇقىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، سۆھبەت مەزمۇنى ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ھەمدە پەرزەنتلەرنىڭ ھېسسىيات ۋە ھەرىكەت مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۇنجى قېتىم ھامىلدار بولغان ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى بەخت تۇيغۇسى بالىنىڭ ئىككى ياشتىن بۇرۇنقى ھەرىكىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئەگەر ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە روھىي بېسىم ۋە تەشۋىشلىنىش ئېغىر بولسا، ئۇلارنىڭ بالىلىرىدا ئىككى ياشتىن بۇرۇن ھەرىكەت مەسىلىسى كۆرۈلۈشى مۇمكىنكەن، مەسىلەن، قالايمىقان ئاچچىقلىنىش ۋە ئاچچىقى كېلىپ تۇرالماي قېلىش دېگەندەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ئايال تەرەپ تۇغۇپ بولغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدە جىددىيلەشسە، بالىدا ئىككى ياشتىن بۇرۇن يىغلاش، ئىچى سىقىلىش، ئاسان قورقۇپ كېتىش قاتارلىق ھېسسىيات مەسىلىلىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئاشىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار ئامېرىكىنىڭ «يېتىلىش ۋە روھىي كېسەللىك ئىلمى» پەسىللىك ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىسىدە يازغىنىدەك، سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئەر- خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقى مەسىلىسى پەرزەنتلەرنىڭ ھەرىكىتىگە ئۆزگىچە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. گەرچە تېخىمۇ كۆپ دەلىل - ئىسپاتلار ھامىلدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بەرسىمۇ، ئەمما بۇ تەتقىقات «ھامىلدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنى (روھىي) قوللاشنى ئەر تەرەپكىچە كېڭەيتىشنى تەكىتلەپ، يېڭى ئاتا - ئانا بولغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىنى ئويلاشقان».
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى