8-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقيار بازىرى يۇقارقى ئاقيار كەنتىدىكى شىنشىيۈەن 10 مىڭ مولۇق ئەلا سۈپەتلىك ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا دېھقان پات ئارىدا مول ھوسۇل ئېلىنىدىغان ئۈزۈمنىڭ ئۇچىنى ئۈزۈپ، ئوتىنى يۇلماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر نىيۇ خەييەن فوتوسى، خەۋىرى) ئىگىلىنىشچە، ھەر قېتىم ئۈزۈم پىشىش مەزگىلى كەلگەندە، بۇ بازا ھەر كۈنى 1000 ~ 800 غىچە يەرلىك دېھقاننى ئىشلىتىپ ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشىنى كۈچەيتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
ئاقسۇ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى