تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بىلەن كەنتتە تۇرۇش ئۇچراشتى ھايات تېخىمۇ مەنىگە تولدى

− شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىر، ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كېچىڭىز كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى شاۋ شياڭلى توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي

8- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئاران بىر دەم ئېلىشىنى ئالغان شاۋ شياڭلى ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۇنتاغ يېزىسى كېچىڭىز كەنتىدىن بېيجىڭدىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا كېچىڭىز كەنتىدىكى يۇرتداشلارنىڭ غېمىنى يېدى. ئۆيگە قايتىشتىن بۇرۇن، ئۇ كەنتتىكى 20 نەچچە بالىنى بېيجىڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىش قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغانىدى. 8- ئاينىڭ 6- كۈنى، شاۋ شياڭلى كەنتتىن كەلگەن بالىلارنى ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، خۇشال ھالدا ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە: «بالىلارنىڭ ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، ئائىلىنى سۆيىدىغان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ يوللىدى.

شاۋ شياڭلى ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كېچىڭىز كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى. جۇڭگو بانكىسى سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ كېچىڭىز كەنتىدە بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتنى ئۆتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كېچىڭىز كەنتىدىكى كەچۈرمىشلىرىم ھاياتىمنى تېخىمۇ مەنىگە ئىگە قىلدى».

 كەمتەر بولۇپ پۈتۈن كەنتتىكىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەش

2018- يىلى 1- ئاينىڭ 30- كۈنى، شاۋ شياڭلى ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا چىقىپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى باشلىدى. كېلىشتىن بۇرۇن، ئىلگىرى كەنت پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسى بولغان دادىسى ئۇنىڭغا: «كەنتتە خىزمەت قىلغاندا كەمتەر بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولۇشۇڭ كېرەك» دەپ تاپىلىدى.

ئەمدىلا كەنتكە كەلگەن شاۋ شياڭلى ئۆيمۇئۆي كىرىپ زىيارەت قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوي - پىكرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دەۋا - تەلەپلىرىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىگە كىرىش كېرەك.» ئەينى چاغدا، كېچىڭىز كەنتى يەنىلا نامرات كەنت ئىدى، قانداق قىلىپ كەنت ئاھالىلىرىنى بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش شاۋ شياڭلىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئەڭ مۇھىم چوڭ ئىش ئىدى.

كېچىڭىز كەنتىدە ئىلگىرى كىچىك تىپتىكى قېتىق زاۋۇتى بار ئىدى، شاۋ شياڭلى كەنتتە تۇرغاندىن كېيىن، بۇ زاۋۇتنىڭ ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بەردى، يەنە كەنتتىكى نامرات ئاھالىلەرنى ئىنەك بېقىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، قېتىق زاۋۇتىنى يۈرۈشتۈردى. ئەلى مەمەت ئەسلىدە كەنتتىكى نامرات ئاھالە ئىدى، ئۇ خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە ئىككى ئىنەك باقتى. ھەر كۈنى سەھەردە، ئۇ بالدۇرلا سۈت سېغىپ قېتىق زاۋۇتىغا ئاپىرىپ بەردى، بۇ ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ مۇقىم كىرىمى بولۇپ قالدى.

كەنتتىكى بېيىش ماھىرلىرىغا ياردەملىشىپ پايپاق زاۋۇتىنى جانلاندۇردى، كارخانا كىرگۈزۈپ كەنتتە نامراتلارنى يۆلەش سېخى قۇردى، يېڭىدىن 101 يۈرۈش ئەمىن ئۆي سالدى، يېڭىدىن ئون كىلومېتىر قاتتىقلاشتۇرۇلغان سېمونت يول ياسىدى، 609 ئائىلىگە تۇرۇبا سۈيى يەتكۈزدى... بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شاۋ شياڭلىنىڭ باشلامچىلىقىدا، كېچىڭىز كەنتىدە ئۈزۈلمەي ئۆزگىرىش بولدى.

2018- يىلى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى، كېچىڭىز كەنتى پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چىن كۆڭلىدىن «كومپارتىيە ياخشى» دېگىنىنى ئاڭلاپ، شاۋ شياڭلى ناھايىتى خۇشال بولدى.

 ئاممىنى ئائىلە كىشىلىرىدەك كۆرۈش

7- ئاينىڭ 26- كۈنى، كېچىڭىز كەنتىدە سىم - سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىدى، كەنتتىكى توپ تۇتاش كەتكەن ئولتۇراق ئۆي رايونىدا كۈلكە سادالىرى ياڭرايتتى. شاۋ شياڭلى ئالاقىلەشكەن سۇغۇرتا شىركىتى بۇ يەردە يول چىرىغى ئىئانە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. كىشىلەر توپى ئىچىدىكى 65 ياشلىق خەلچىگۈل توختىنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنەتتى، ئۇنىڭ يېڭى ئۆيى مۇشۇ يەردە بولۇپ، يېڭىدىن بېزەلگەن ئۆيىدە تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، بۇستارتقۇ قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تولۇق ئىدى، موماي پەخىرلەنگەن ھالدا: «بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بېيجىڭلىق ئوغلۇم ماڭا ياردەم قىلىپ تەييارلاپ بەردى» دېدى.

خەلچىگۈل تىلغا ئالغان «بېيجىڭلىق ئوغلى» دەل شاۋ شياڭلى ئىدى. 2017- يىلى، ئۇلار تۇغقان بولدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۈزۈلمەس رىشتە ئورنىتىلدى. بۇلتۇر، كەنت سالغان توپ تۇتاش ئولتۇراق رايون پۈتكەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى ئارقا - ئارقىدىن يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، بىراق خەلچىگۈلنىڭ بېزەشكە پۇلى بولمىغاچقا، يەنىلا كونا ئۆيىدە تۇرۇۋەردى. شاۋ شياڭلى بىلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ يىغىپ قويغان 20 مىڭ يۈەن پۇلىنى چىقىرىپ، خەلچىگۈلنىڭ ئۆيىنى بېزەپ بېرىپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، موماينى يېڭى ئۆيگە ئوڭۇشلۇق كۆچۈرۈپ كىردى. موماينىڭ ئوغلى بولمىغاچقا، شاۋ شياڭلىنى ئوغۇل قىلىۋالدى.

كېچىڭىز كەنتىدە 3800دىن ئارتۇق ئادەم بولۇپ، شاۋ شياڭلى ئۈچتىن بىر قىسىم كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىسمىنى بىلىدۇ. ئۇ ئۆزىگە مۇنداق بىر تەلەپ قويدى: ئاممىنى ئائىلە كىشىلىرىدەك كۆرۈش، ئاممىنىڭ دەۋا - تەلىپىنى ئۆز ئۆيىنىڭ ئىشى دەپ بىلىش.

 چىن مېھرىنى بېرىپ بەختكە ئېرىشىش

شاۋ شياڭلى كەنت ئاھالىلىرىنى ئائىلە كىشىلىرىدەك كۆردى، كەنت ئاھالىلىرىمۇ ئۇنى قەلب تۆرىگە قويدى. ئۇ مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى: بۇلتۇرنىڭ بىر كۈنى، ئۇ كەنت ئاھالىسى ئېزىز يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ زىيارەت قىلغان، ئېزىز ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ھويلىدىكى بىر تۈپ شاپتۇل دەرىخىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «شاۋ شۇجى، بۇ دەرەختىكى شاپتۇلنى سىزگە ئېلىپ قويدۇم، پىشقاندا كېلىپ يەپ كېتەرسىز». شاۋ شياڭلى مۇنداقلا كۈلۈپلا قويۇپ، بۇ ئىشنى ناھايىتى تېزلا ئۇنتۇپ كەتكەن. ئويلىمىغان يەردىن شاپتۇل پىشقاندىن كېيىن، ئېزىز راستتىنلا شاۋ شياڭلىغا تېلېفون قىلىپ ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلغان. شاۋ شياڭلى كېلىپ قارىسا ھويلىدىكى باشقا دەرەخلەردىكى شاپتۇلنىڭ ھەممىسى ئۈزۈلۈپ بولغان، پەقەت ئاشۇ دەرەختىكى شاپتۇلنىڭ بىرىمۇ ئۈزۈلمىگەنىدى. بۇ ئىش تىلغا ئېلىنىۋېدى، شاۋ شياڭلى تەسىرلەنگەن ھالدا: «شۇ دەقىقىدە مەن ناھايىتى بەخت ھېس قىلدىم!» دېدى.

كەنتتىكى يەسلىگە كىرگەندە، بالىلار دەرھال ئۇنى ئورىۋېلىپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «ياخشىمۇ سىز، 1- شۇجى!» دەيتتى. يولدا مېڭىۋاتقاندا ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىدىغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مېۋە - چېۋىلىرى پىشقاندا، دائىم خالتىغا سېلىپ خىزمەت ئەترىتىگە ئېلىپ كېلىپ، شاۋ شياڭلى ۋە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ تېتىپ بېقىشىغا سۇناتتى...

بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، شاۋ شياڭلى ئۆزىنى كېچىڭىز كەنتىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ بىلدى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق كېچىڭىز كەنتىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغانلىقىمنى ئويلىغىنىمدا، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ھېس قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ