تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆزئارا بەخت تىلەش تەڭ خۇشاللىققا چۆمۈش قەلبلەر پارتىيەگە تەلپۈنۈش

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما قۇربان ھېيتنى ئورتاق ئۆتكۈزدى

8- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2019- يىللىق قۇربان ھېيتلىق ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى «بايرامدىكى شادلىق ناخشىسى» شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جېن فوتوسى)

8- ئاينىڭ 11- كۈنى، كەنت ئاھالىسى ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئازاق يېزىسى قۇلانچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە قوشماقلاشقان تۇغقىنىنى ئۆيىگە كېلىپ بايرامنى ئورتاق ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلدى. (مۇخبىرىمىز ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

8- ئاينىڭ 11- كۈنى قۇربان ھېيت، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆزئارا بەخت تىلەپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، بايرامنى ئورتاق ئۆتكۈزدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ھەممە جايى ئىناق بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.

8- ئاينىڭ 11- كۈنى سەھەردە، ياڭراق سۇناي ئاۋازى قەشقەر ھېيتگاھ مەيدانىدا ياڭرىدى، تېرە دۇمباقنىڭ رىتىملىق ئۇدارىغا ئەگىشىپ، ھەر مىللەت ئامما بەس - بەستە ساماچىلار توپىغا قوشۇلۇپ كەتتى. كىشىلەر توپى ئىچىدە شۇ يەردىكى ھەر مىللەت ئامما بار بولۇپلا قالماي، يەنە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەنلەر ھەم چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرمۇ بار ئىدى، كۆپچىلىك خۇشال كەيپىياتقا چۆمگەنىدى.

«مەن قەشقەرنى ياخشى كۆرىمەن، يەرلىك يۇرتداشلار ناھايىتى خۇشخۇي ئىكەن.» ساماغا چۈشكەن كىشىلەر توپىدىن سۇغىرىلىپ چىققان يۈننەنلىك ساياھەتچى ليۇ رۇڭرۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭلىقلار بەك قىزغىن ئىكەن، شىنجاڭغا كەلگەن كىشىنىڭ قايتقۇسى كەلمەيدىكەن».

قەشقەر كوناشەھەر رايونىدا تۇرۇشلۇق 65 ياشلىق ئاھالە مەمەتزۇنۇن ئوبۇلقاسىم مۇنداق دېدى: «بىزنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەن پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىمەن، ھۆكۈمەتكە رەھمەت ئېيتىمەن».

مەززىلىك بوغۇرساق، ساپ ۋە پۇراقلىق قىمىز... 8- ئاينىڭ 11- كۈنى، كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ تۇرغۇن يېزىسى تىلەۋباي قىزى كەنتىدىكى چارۋىچى زۇلقارناي قابىلنىڭ ئۆيىدە، زۇلقارناينىڭ خوتۇنى ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەرگە قىزىق ئەتكەنچاي قۇيۇپ بېرىۋاتاتتى.

2012- يىلى، زۇلقارناي بىر ئائىلە كىشىلىرى ئات ئۈستىدە تۆت پەسىل كۆچۈپ يۈرىدىغان، ئوت - سۇ قوغلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تىلەۋباي قىزى كەنتىدە ئولتۇراقلاشتى. 2016- يىلىدىن باشلاپ، ئۇ كۆكسۇلى مەنزىرە رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا تايىنىپ چارۋىچىلار ئارامگاھى ئاچتى.

«ھازىرقى ئۆيىمىزدە سۇ، توك، ئاشخانا، ھاجەتخانا بار، تۇرۇبىنى ئاچساقلا سۇ كېلىدۇ، بۇنداق ياخشى يېڭى ئۆيدە ئولتۇرالىغانلىقىم ئۈچۈن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت ئېيتىمەن. چارۋىچىلار ئارامگاھىنىڭ سودىسىمۇ بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، بۇلتۇر ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى 150 مىڭ يۈەن بولدى، بۇ يىل سودىمىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دېدى زۇلقارناي كۈلۈپ تۇرۇپ.

8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، جىمىسار ناھىيەسى قوش قەدىمىي يول مەنزىرە رايونى گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى. چۈشتىن بۇرۇن، بۇ ناھىيەنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا پىيادە دالا ئايلىنىش مۇسابىقىسى قوش قەدىمىي يول مەنزىرە رايونىدا باشلاندى، رايون ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن 300دىن ئارتۇق دالا ئايلىنىپ يۈگۈرۈش مەستانىسى مۇسابىقىگە قاتناشتى.

شيامېندىن كەلگەن شېن شۇيبېڭ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن قۇربان ھېيت، ھەر مىللەت ماھىرلار بىلەن بىللە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئورتاق بايرام ئۆتكۈزگەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇش بولدۇم!»

قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي تىنچلىق يولى 482- نومۇرلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسىدا، گۇيۈەن كوچىسى مەھەللىسىدىن كەلگەن خۇشاللىققا تولغان يازلىق تەتىل ئۇسسۇل سىنىپىدىكى قىزچاقلار ئاق تور كۆڭلەك كىيىپ، لەرزان ئۇدارغا ئەگىشىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى.

سەھنىنىڭ ئالدى تەرىپىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى ئەرداۋچاۋ تەۋەلىك رايونى گۇيۈەن كوچىسى مەھەللىسىدىكى 200دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما ئارىلاپ - ئارىلاپ سەھنىدىكى ئويۇن ئۈچۈن ئالقىش ياڭرىتىپ، چۇقان سېلىۋاتاتتى. بۇ يىل 12 ياشقا كىرگەن سۇمەييە ئابدۇنەبى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئۇسسۇلنى يۇرتقا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىي ھەدىلەر ئۆگەتكەن، بۈگۈن كۆپچىلىككە ئورۇنلاپ بەرگىنىمدىن ناھايىتى خۇش بولدۇم».

ئويۇن ئاخىرلىشاي دېگەندە، بالىلارنىڭ تۈرتكىسىدە، قولۇم - قوشنىلار قول تۇتۇشۇپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»نىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈردى.

8- ئاينىڭ 11- كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ چەرچەن ناھىيەسى توغراقلىق يېزىسى زاغۇنلۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، خىزمەت ئەترىتى ۋە ھەر مىللەت ئامما بىر يەرگە جەم بولۇپ، خۇشال - خۇرام ئۇسسۇل ئويناپ، يېقىملىق ناخشا ئېيتىپ بايرامنى ئورتاق ئۆتكۈزدى.

يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مېھرىبان تۇرسۇن مۇنداق دېدى: «بايرامدا سەنئەت تالانتىمنى كۆرسىتىش ئارقىلىق يۇرتداشلارغا خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم!»

8- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتە، شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كادىرى جەي جېنئەن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە سوۋغات ئېلىپ شايار ناھىيەسىنىڭ قىزىلبايراق بازىرى دولقۇن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى سىپىيەم مەمەتنىڭ ئۆيىگە تۇغقان يوقلاپ كەلدى.

«ئاچا، بىز سىزنى يوقلاپ كەلدۇق!» سىپىيەمنىڭ ئۆيىگە كىرىشىگىلا جەي جېنئەننىڭ بۇرنىغا مەززىلىك تائامنىڭ ھىدى ئۇرۇلدى. ئەسلىدە، سىپىيەم تۇغقانلىرىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالدىراش چۈشلۈك تاماق تەييارلاۋاتاتتى.

2017- يىلى جەي جېنئەن بىلەن سىپىيەم تۇغقانلاشقاندىن بۇيان، ئىككى ئائىلە بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ قالدى.

سىپىيەمنىڭ چوڭ ئوغلى ئەخمەت نەمەت ئالدىراپ - تېنەپ شايار ناھىيە بازىرىدىن ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ئۆيىنىڭ شاد - خۇراملىققا چۆمگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «يېقىندىن بۇيان بېزەكچىلىك سودام بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ئۆي ئىچىمۇ شۇنداق شادلىققا تولۇپتۇ، ئىچ - ئىچىمدىن خۇشال بولدۇم، ئىشىنىمەنكى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدە، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ».

كەچ كىرگەندە، خوتەن كەچلىك بازىرىدا ئادەم كۆپىيىشكە باشلىدى. سائەت 21دە، خەلق يولى كەچلىك بازىرىدىكى ئويۇن تېخى باشلانماي تۇرۇپلا، سەھنە ئاستىغا ئادەم لىق تولدى.

«ياخشى - ياخشى، نېمە ياخشى؟ خوتەننىڭ كەچلىك بازىرى ياخشى...» «خوتەن كەچلىك بازىرى ياخشى» ناملىق كوللېكتىپ ئۇسسۇل مەززىلىك تائاملارنى تېتىش ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭنىڭ قويۇق مىللىي ئۆرپ - ئادىتىنى ھېس قىلدۇردى. يايمىلار خېرىدارلار بىلەن لىق تولغانىدى، بېلىق كاۋىپى، كاۋاپ، قاقلانغان تۇخۇم، شاگو، لەڭپۇڭ، ئۆپكە - ھېسىپ... تۈرلۈك نازۇنېمەتلەرنى خېرىدارلار كۆرۈپ ئۈلگۈرەلمەيتتى.

شەھەردىن يېزىلارغىچە، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۆزئارا يوقلاش، بايرامنى ئورتاق ئۆتكۈزۈش جەريانىدا قەلبى تېخىمۇ يېقىنلاشتى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى خەن چىنيەن، گەي يوۋجۈن، لى داۋجۇڭ، جاڭ تىڭ، يې شياۋمىن، بايىنغولىن ئوبلاستلىق مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ خۇيجياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز جاڭ لۇ، مىڭ ۋېي يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ