تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى شادلىق، ئىناقلىق

8- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى (ئۈرۈمچى شەھەرلىك باغ - ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى)نىڭ سايباغ رايونىنىڭ خوتەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى جۇجياڭ يولى شىمالىي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى تەۋە رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، قۇربان ھېيتنى ئورتاق ئۆتكۈزدى. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جېن فوتوسى)

8- ئاينىڭ 11- كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلانماقتا. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

2019- يىلى 8- ئاينىڭ 11- كۈنى قۇربان ھېيت، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە تۇغقانلاشقان كادىرلار كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى يوقلاپ ۋە ئۇلاردىن ھال سوراپ، بايرامنى ئورتاق ئۆتكۈزدى؛ قوشماقلاشقان تۇغقانلار ئۆزئارا بەخت تىلەپ، گۈزەل كەلگۈسى توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلاشتى.

 رەڭدار پائالىيەتلەر ئارقىلىق بايرامنى تەبرىكلەش

8- ئاينىڭ 11- كۈنى ئەتىگەندىلا، ماناس ناھىيەسىنىڭ لەنجوۋەن بازىرى باجياخۇ كەنتىدىكى مەدەنىيەت ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئىككى ئۇزۇن ئۈستەل توغرىسىغا جۈپلەپ قويۇلغانىدى، ئۈستىگە تاۋۇز، قوغۇن، ئۈزۈم، ئالما، شاپتۇل، ئەينۇلا قاتارلىق مېۋىلەر تىزىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ يىل سانجى گېزىتخانىسىنىڭ باجياخۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.

قۇربان ھېيت كۈنىدىكى مېۋە - چېۋىلەرگە ئېغىز تېگىش يىغىنىدا، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دوستلۇق رىشتى توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى، گۈزەل، بەختلىك كەلگۈسىگە نەزەر سالدى.

بۇ يىل 80 ياشقا كىرگەن جىن جىيىڭ بىر تەرەپتىن قوغۇن يېگەچ، بىر تەرەپتىن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ھەر قېتىمقى بايرامدا خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرى سوۋغات ئېلىپ بىزدەك يالغۇز تۇرۇۋاتقان ياشانغانلارنى يوقلاپ تۇرىدۇ، كەنتتە پائالىيەت ئۆتكۈزگەندىمۇ بىزنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ، كۆپچىلىك خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتتۇق».

بۇ تەرەپتە مېۋە - چېۋىلەرگە ئېغىز تەگكەچ دوستلۇق پاراڭلىرى بولۇنسا، ئۇ تەرەپتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ بايرام تەبرىكلەندى.

8- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتە، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسى ئۈچئۆستەڭ كەنتىدىكى مېۋىلىك باغدا كۈلكە سادالىرى ياڭراپ تۇراتتى. كەنتتىكى ئەر - ئايال، قېرى - ياش ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، تۇغقانلاشقان كادىرلار خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، قۇربان ھېيتنى ئورتاق ئۆتكۈزدى.

كۆپچىلىك بىللە ئېيتقان «مەن ۋە ۋەتىنىم» «يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇش» قاتارلىق ناخشىلار ناھايىتى ياڭراق ئىدى. بىرلىكتە ئوينالغان مەشرەپ ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى.

پائالىيەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۈچئۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» «گۈزەل ھويلا - ئاران» قۇرۇلۇشىدىكى 14 ئۈلگىلىك ئائىلىنى تەقدىرلىدى.

تەقدىرلەنگەن مەمەت توختى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «2017- يىلىدىن باشلاپ، كەنت ھەر يىلى بىر تۈركۈم <گۈزەل ھويلا - ئاران> قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك ئائىلىلەرنى تەقدىرلىدى، بۇ يىل مەن مۇكاپاتلىنىپ بەك خۇش بولدۇم، كۆپچىلىكنى مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىمەن، مېنىڭ ھويلامنى كۆرۈپ بېقىڭلار».

 بېرىش - كېلىش قىلىپ، بايرامنى قۇتلۇقلاش

8- ئاينىڭ 11- كۈنى ئەتىگەندىلا، تۇرپان شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ تۇرپان شەھىرىنىڭ توقسۇن ناھىيەسى شا بازىرى بۇلاقبېشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بايراملىق سوۋغاتلارنى ئېلىپ قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بايراملىق تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

چۈشكە يېقىن، بۇلاقبېشى كەنتى بۇلاق گۈللۈكى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ۋەلى ئېلى بىلەن ھۈسەن توختى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بايرامنى بىللە ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ قوشنىلىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغانىدى. كۆپچىلىكنىڭ بەزىلىرى مېۋە - چېۋە، بەزىلىرى پىشۇرۇلغان قوي گۆشى ئېلىۋالدى، ئۇزاق ئۆتمەيلا سۇيۇقئاش، پولۇ، ئىچىملىك، مېۋە - چېۋىلەر چوڭ ئۈستەلگە لىق تىزىلدى، يەنە بەزىلەر ئۆيىدىكى ياڭراتقۇنى ئېلىپ چىقتى، شۇنداق قىلىپ كۆڭۈللۈك يىغىلىش باشلاندى.

قورغاس شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىۋاتقان مېڭ جۈەن ئەتىگەندىلا ياغ، گۈرۈچ، كېسەك چاي قاتارلىق بايراملىق سوۋغاتلارنى ئېلىپ، بۇ شەھەرنىڭ يىچېگاشەن شىبە يېزىسى چىجېگاشەن كەنتىدىكى تۇغقىنى نۇرقالى روزامبېكنىڭ ئۆيىگە كەلدى.

مېڭ جۈەن تۇغقىنىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپلا، نۇرقالى بىلەن خوتۇنى تۇران قورماننىڭ مېۋە - چېۋە، قۇرۇق مېۋە، تاتلىق - تۇرۇم قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى تاماق ئۈستىلىگە تىزىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

«ۋاي - ۋۇي، ئوماق سىڭلىم، تېز كېلىڭ، تېز كېلىڭ، سەل تۇرۇپ بىللە گۆش يەيمىز» دېدى تۇران مېڭ جۈەننى مۈرىسىدىن قۇچاقلاپ خۇشال ھالدا.

مېڭ جۈەن قايتىدىغان چاغدا، تۇران ئالدىن تەييارلاپ قويغان بىر تەخسە ساڭزىنى ئېلىپ چىقىپ: «سىڭلىم، بۇ مەن پىشۇرغان ساڭزا، ئالغاچ كېتىڭ، بالىلارمۇ ئېغىز تەگسۇن» دېدى.

 دوستلۇق رىشتى قويۇق بولغان ئىللىق بايرام

8- ئاينىڭ 11- كۈنى ئەتىگەندىلا، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرى سۈن جيەنبىڭ يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يوپۇغا يېزىسى يۇقىرى تىگىن كەنتىدىكى تۇرسۇن ھېيتنىڭ ئۆيىگە كەلدى، كۆرۈشۈپلا، ئاكا - ئىنى ئىككىيلەن قىزغىن قۇچاقلىشىپ، ھال - ئەھۋال سوراشتى.

سۈن جيەنبىڭ ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئىنىسىغا بىر ئۈستەل قورۇما قورۇپ بەرمەكچى بولدى.

ئاكىسىنىڭ قولى قولىغا تەگمەي تەييارلىق قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، تۇرسۇن يېڭىنى تۈرۈپ ئۇنىڭغا ياردەملەشتى، ئۇ كۆڭلى ئىللىغان ھالدا مۇنداق دېدى: «سۈن جيەنبىڭ ماڭا ئۆز ئاكامدەك غەمخورلۇق قىلىدۇ، كۆڭۈل بۆلىدۇ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئائىلەمنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە ياخشى بولۇپ كەتتى، بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تىرىشىمەن».

بىر قازاننىڭ تامىقى بىللە يېيىلدى، ئىتتىپاقلىق رىشتى ئورتاق بايان قىلىندى. قويۇق دوستلۇق بايرامنى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىتتى.

چۈشتە، مەززىلىك پولۇ تەييار بولدى. قاراقاش ناھىيەسى قاراقاش بازارلىق ئەدلىيە ئورنىنىڭ كادىرى جۇڭ شياۋچىڭ بۇ بازارنىڭ چىمەنباغ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى توختىداۋۇتخان ئابدۇللا بىلەن بىللە بىرنەچچە خىل قورۇما قورۇدى، كۆپچىلىك خۇشال - خۇرام ھالدا جەم بولۇش تامىقى يېدى.

51 ياشلىق توختىداۋۇتخان ئىككى بالىنىڭ ئانىسى. ئېرى بالدۇر ئۆلۈپ كەتكەن، تېرىلغۇ يېرى ئاز بولغاچقا، ئالدىنقى بىرنەچچە يىلدا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنىدى. جۇڭ شياۋچىڭنىڭ ياردىمىدە، ئۇ كەنتتە خىزمەت تېپىپ، ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمى بار بولدى. توختىداۋۇتخان ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياخشىلانغانلىقىنى كۆرۈپ، جۇڭ شياۋچىڭ ناھايىتى خۇشال بولدى.

«بۇ بىر يىلدا سىز بىزگە ئاز ياردەم قىلمىدىڭىز، سىز مېنىڭ ياخشى سىڭلىم» دېدى توختىداۋۇتخان مىننەتدارلىق بىلەن.

پاراڭلىشىۋاتقاندا، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى تەرەپتىن يېقىملىق ناخشا ئاۋازى ئاڭلاندى. «يۈرۈڭلار، بىز كەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن قۇربان ھېيتلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتنىشايلى!» جۇڭ شياۋچىڭ بىلەن توختىداۋۇتخان بىر ئائىلە كىشىلىرى قول تۇتۇشۇپ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا قاراپ ماڭدى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رايىدە، گەي يوۋجۈن، جاڭ جىلى، جاڭ رۇيلىن، جەزىرە نىسبېك، خەن چىنيەن، لى داۋجۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى لى جىنچاۋ، رېن لىيىڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ