تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىدىغان بىمەنە لوگىكا

− ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىقىغا باھا

جۇڭ شېڭ

«يالغان سۆز مىڭ قېتىم تەكرارلانسىمۇ يەنىلا يالغان سۆز.» بۇ پولاتتەك قائىدىنى ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر «تاللاش خاراكتېرلىك» نەزەردىن ساقىت قىلدى.

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش ھالىتىنىڭ ساقلانغانلىقى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئېشىپ، داۋاملىق ئوتتۇرا ھال يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق تۇرسىمۇ، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر قەستەن «جۇڭگونىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار» دەپ جۆيلۈۋاتىدۇ؛ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئامېرىكا تەرەپ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، فىنتانىيە تۈرىدىكى ماددىلارنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى قاتتىق يولغا قويغانلىقى ناھايىتى ئېنىق تۇرسىمۇ، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر پاكىتقا پەرۋا قىلماي، جۇڭگوغا ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىكى فىنتانىيە تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى دەپ قارا چاپلاپ، ئامېرىكا تەرەپ ئۆزىنىڭ فىنتانىيە تۈرىدىكى ماددىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش مەسئۇلىيىتىنى جۇڭگوغا ئىتتىرىپ قويدى؛ جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن «نەنخەي دېڭىزىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسى»نىڭ روھىغا ئەمەل قىلىپ، «نەنخەي دېڭىزى ھەرىكەت مىزانى» كېڭىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ھەمدە «مىزان»نىڭ يەككە كېڭىشىش تېكىست لايىھەسىنى بىرىنچى نۆۋەتلىك تەكشۈرۈپ ئوقۇشنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق تۇرسىمۇ، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر تەرەپ - تەرەپتىن ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، «جۇڭگو تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق نەنخەي دېڭىزىنى ئېچىشقا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ» «جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەرنى مەجبۇرلاش قىلمىشى شۇ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت كۆرسىتىۋاتىدۇ» دەپ قالايمىقان جۆيلۈۋاتىدۇ... خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنىڭ روشەن ئىكەنلىكىنى، يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىدىغان، ئوتقۇيرۇقلۇق قىلىدىغان ئويۇننىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ھەقىقەتنى ئاغدۇرۇۋېتەلمەيدىغانلىقىنى ئۇلار بىلمىسە كېرەك.

ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر «ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان «ئامېرىكا زىيان تارتىش سەپسەتىسى»، «مەجبۇرىي تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش» «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاش» قاتارلىق ئەيىبلەشلەرگە تايىنىپ، جۇڭگوغا قارىتىلغان ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىنىڭ دەرىجىسىنى خالىغانچە ئۆستۈرمەكتە، بۇ پەقەت تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە ئىستېمالچىلىرىنى قۇربانلىق بۇيۇمغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ، يەنە دۇنيا ئىقتىسادىغا غايەت زور خەۋپ - خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ.

ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ھەممىلا يەردە ئاتالمىش «جۇڭگو تەھدىتى»نى كۆپتۈرۈپ، بۇ ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىپلا قالماي، يەنە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگىمۇ «تەھدىت سالىدۇ» دەپ جار سېلىۋاتىدۇ، ھەتتا جۇڭگونىڭ تاشقى تەرەققىيات ياردىمىگە «قەرز تۇزىقى» دەپ بىمەنىلەرچە تۆھمەت چاپلاۋاتىدۇ. بۇنداق يامان نىيەتلىك ساختا ئەيىبلەشكە قارىتا، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئاشكارا رەددىيە بەردى، ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىكى بىلىملىك زاتلارمۇ بىرلىشىپ ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، جۇڭگونى دۈشمەن دەپ قاراشقا قارشى تۇردى.

تارىخ ئاللىقاچان شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تەرەققىيات رىقابىتى ئالدىدا، توغرا ئۇسۇل ئەزەلدىن باشقىلارغا قارا چاپلاپ زەربە بېرىش بولماسلىقى كېرەك، بەلكى ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئۆستۈرىدىغان بولۇشى −− دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەم ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېنېرگىيەسىگە ئىگە بولۇشى، ھەم ھەققانىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولۇشى، يەنە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان قەلبكە ئىگە بولۇشى كېرەك. «جۇڭخۇا مىللىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، پەخىرلىك مىللەت، ئۇلارغا قارىتىلغان ئەيىبلەش، ئىغۋاگەرچىلىك، تەھدىت ۋە ھۆرمەتسىزلىكنىڭ ئۈنۈمىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. ئامېرىكا ئاھالىسى يەر شارىنىڭ %20كە يېقىنىنى ئىگىلەيدىغان جۇڭگونىڭ ئىلگىرىلىشىنى بارلىق ئاماللار بىلەن توسماقچى بولۇۋاتىدۇ، بۇ قىلمىشتا تىكلەنگىنى ئىجابىي ئۈلگىمۇ؟» ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇۋەققەت ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى دۇڭ يۈنشاڭ ئالدىنقى ئايدا پېڭبو ئاگېنتلىقى تور بېكىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى نارازىلىق كەيپىياتىنى ئىپادىلەپ، ئامېرىكا خەلق ئاممىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ئوبرازىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئومۇميۈزلۈك ئەندىشە قىلىشتەك پىسخىكىلىق تەشۋىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پاكىتقا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزىنىڭ سۆز - ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولۇش خەلقئارا ئالاقىدىكى ئاساسىي ئەخلاق - ھەققانىيەت ۋە مىزان. گۇمان قىلىشقا بولمايدۇكى، ھەرقانداق دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەگەر بۇ ئەڭ تۆۋەن چەكنىمۇ قولدىن بېرىپ قويسا، يەنە قانداق خەلقئارا ئەخلاق - ھەققانىيەت، ئىشەنچتىن سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟!

ئەخلاققا يات سۆزلەرنى قىلماسلىق، ھەققانىيەتكە يات ئىشلارنى قىلماسلىق كېرەك. جۇڭگو ئەزەلدىن بۇنداق ھەرىكەت مىزانىغا ھۆرمەت قىلغاچقا، «يوللۇقلار جاھان كېزىش»، يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىدىغانلارنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىدىن قورقماسلىق جاسارىتىگە ئىگە بولۇپ كەلدى. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ بىمەنە لوگىكىسى ئارقىلىق ۋەزىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى مۆلچەرلىمەسلىكى، تېخىمۇ مۇھىمى، دۇنيانى ئالىقىنىدا ئوينىتىش خىيالىي تۇيغۇسىغا بېرىلىپ كەتمەسلىكى توغرىسىدا نەسىھەت قىلىمىز. بىلىش كېرەككى، ھەقىقەت بىلەن ھەققانىيەت كېچىكىپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما مەڭگۈ كەم بولمايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ