تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە نىزامنامىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان ئۈلگىلەردىن بولۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى

پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ پەرقلەرنى تېپىش مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئاچتى

پارتىيە نىزامنامىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان ئۈلگىلەردىن بولۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ پەرقلەرنى تېپىش مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىگە، پارتىيە قائىدىسىگە ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە سېلىشتۇرۇپ، مەسىلىگە توغرا قارايدىغان ئاڭلىقلىق ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان جاسارەت بىلەن پەرقلەرنى تېپىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ئاساسىدا، پارتىيە نىزامنامىسى، «يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا ئائىت بىر قانچە مىزان»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە سېلىشتۇرۇپ، مەسىلىگە توغرا قارايدىغان ئاڭلىقلىق ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان جاسارەت بىلەن، بىرمۇبىر سېلىشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تېپىپ، سەۋەبىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، تۈزىتىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىك ئۆزىگە تەتبىقلاش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىگە تەتبىقلاش، خىزمەتكە تەتبىقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، تۈرمۇتۈر تېپىپ، ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قاتتىق، ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا تەنقىدنى ھەقىقىي، ئەمەلىي قانات يايدۇرۇپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشنىڭ كۆزلىمە نىشانىغا يەتتى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە نىزامنامىسىنى مىزان قىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق ئەمەل قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك؛ مىزاننى ئۆلچەم قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك؛ نىزامنى چەك قىلىپ، پاك - دۇرۇس بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بىر پارچە لاياقەتلىك دەۋر جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۆلچەشتىكى باش ئۆلچەم قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا مۇقىملىقنى قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ بىلەن باش تېما تەربىيەسىدە پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر جۇ خەيلۇن، لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، پارتگۇرۇپپا ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر مۇتەللىپ قاسىم، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى، مۇئاۋىن مۇدىر دۇڭ شىنگۇاڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ