تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

ئۈرۈمچى ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ تۈرىدىن 114 تۈرنى ئەمەلىيلەشتۈردى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۈنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 12دە، شىنجاڭ فۇكې نېفىت مەھسۇلاتلىرى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ سىلىقلاش ماتېرىياللىرى تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزىي تەجرىبىخانىسىدا، خىزمەتچى خادىملار گىرافىت ئالكېننىڭ سىلىقلاش مېيى جەھەتتە ئىشلىتىلىشىگە ئالاقىدار تەجرىبىنى ئىشلەش بىلەن ئالدىراش ئىدى. نېفىت مەھسۇلاتلىرىغا تايىنىپ سىلىقلاش مېيىنى پىششىقلايدىغان بۇ كىچىك زاۋۇت پەن - تېخنىكىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تىپىنى ئۆزگەرتىپ 55 تۈرلۈك دۆلەت پاتېنتىغا ئىگە، دۆلەت ئىچىدە كېرەكسىز مايدىن قايتا ھاسىل قىلىش تېخنىكىسى ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىغا ئايلاندى.

فۇكې نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپىسى ئۈرۈمچىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنىڭ بىر ئىخچام كۆرۈنۈشى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى(شەھەرلىك چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات ئىدارىسى) تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئۈرۈمچى سانائەت سېلىنما تۈرىدىن 414 تۈرنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ تۈرى 114 تۈر بولۇپ، جەمئىي 144 مىليارد 280 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان، 414 نۇقتىلىق تۈرگە سېلىش پىلانلانغان ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %66ىنى ئىگىلىگەن. ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال، ئەقىل - پاراسەت ئارقىلىق خەتەردىن ساقلىنىش، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر يېتىلىش داۋامىدا زورىيىپ، ئۈرۈمچى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلانغان.

جۇڭچې رېلىسلىق قاتنىشى، گۇاڭچى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى(يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، جولاڭ توقۇمىچىلىق ماشىنىسى... ئۈرۈمچىدە، جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر بىر مەيدان سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىنى قوزغاتماقتا. 2018- يىلى، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەردە ئىشقا ئاشۇرۇلغان قوشۇلما قىممەت 8 مىليارد 426 مىليون يۈەن بولدى.

ھالبۇكى، ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، ئۈرۈمچىنىڭ يۇقىرى ئاشۇرما قىممەتلىك، يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە كەسىپلىرىنىڭ نىسبىتى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ، تەرەققىيات زاپاس كۈچى يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى نورمال ھالىتىگە كىرگەندىن كېيىن، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئالماشتۇرۇش ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بىر تۈرلۈك جىددىي تېمىغا ئايلاندى، ئۈرۈمچى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سانائەت ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشتىكى 17 تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرى» «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سانائەت تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى(2020 − 2018 يىل)»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جەرياننى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، ئامىل كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشنى سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ تاللاشقا ئۆزگەرتىپ، ئومۇميۈزلۈك تور يېيىشنى كەسىپ بويىچە سودىگەر چاقىرىشقا ئۆزگەرتىپ، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال كەسپىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئىگىلىك تىكلەيدىغان كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار باغچىسى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى يۈرۈشلۈك كەسىپلەر باغچىسى قاتارلىق 14 سانائەت كەسپى توپلانغان رايون قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق تەرەققىيات سۈپىتى يۇقىرى بولماسلىق، ئەمەلىي ئىقتىساد، بولۇپمۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ تىرەكلىك رولى كۆرۈنەرلىك بولماسلىقتەك قىيىن ۋەزىيەتنى بۆسۈپ تاشلىدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى(شەھەرلىك چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات ئىدارىسى)نىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ يىل، بىز داۋاملىق تۈردە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى سىياسەت جەھەتتىن يېتەكلەيمىز، ئىلھام بېرىمىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر سېلىنما فوندى تەسىس قىلىپ، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەۋزەل كارخانىلارنىڭ زورىيىشىنى نۇقتىلىق قوللايمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ