8-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەتچى يىچۈن شەھىرى يوۋخاۋ رايونىدىكى 10 مىڭ مولۇق لەنمېي ئۈزۈش بازىسىدا لەنمېي ئۈزمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 8- ئاي كىرىشى بىلەن، خېيلۇڭجياڭ يىچۈن شەھىرى يوۋخاۋ رايونىدىكى10 مىڭ مولۇق لەنمېي ئۈزۈش بازىسىدىكى لەنمېي پىشىش مەزگىلىگە كىردى، ئىشىچىلار ھوسۇل ئېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ساياھەتچىلەر لەنمېي ئۈزۈپ، بازا قاينام تاشقىنلىققا چۆمدى. لەنمېي بازىسى 2009–يىلى قۇرۇلغان، پىلان كۆلىمى 12 مىڭ مو بولۇپ، ھازىر 7 خىل سورت، 5 مىليون تۈپتىن ئارتۇق لەنمېي دەرىخى بار. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياۋگو فوتوسى