8-ئاينىڭ 8-كۈنى، چۈشەندۈرگۈچى خۇاشىن سېمونت زاۋۇتىنىڭ كونا ئورنىدىكى بىر كۆرگەزمە رايونىدا خۇاشىن سېمونتىنىڭ تارىخىنى تونۇشتۇرماقتا. خۇاڭشى شەھىرى خۇاشىن سېمونت زاۋۇتىنىڭ كونا ئورنىغا خۇبېي سېمونت خارابىسى مۇزېيىنى قۇردى .
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭشى شەھىرى سانائەت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، سانائەتنى قوغداشنى بايلىق تىپىدىكى شەھەرلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، تۇڭلۈشەن قەدىمىي مىس كېنى خارابىسى، خۇاشىن سېمونت زاۋۇتىنىڭ كونا ئورنى، خۇاڭشى دۆلەتلىك كان باغچىسى قاتارلىقلارنى سانائەت ساياھەت لىنىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى . شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ چىلىن فوتوسى