تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگودىكى تۇنجى ئۆزگىچە كېچىلىك ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى رەسمىي سىناق تەرىقىسىدە ئېچىلدى

  جۇڭگودىكى تۇنجى ئۆزگىچە كېچىلىك ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى رەسمىي  سىناق تەرىقىسىدە ئېچىلدى.

  خەلق تورى، شاڭخەي، 8-ئاينىڭ 8-كۈنى تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچقۇرۇن، جۇڭگودىكى  تۇنجى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كېچىلىك ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى شاڭخەي ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  باغچا تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شاڭخەي كېچىلىك ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى ئېچىلىشتىن بۇرۇن بىر قاتار ئىچكى سىناقلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلانغاندىن كېيىن، باغچ رايونىدا يەنە داۋاملىق بازار باھالىشى ئېلىپ بارىدىكەن ھەمدە ھايۋاناتلارنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بىر قىسىم ھايۋانلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، كۆرگەزمە قىلىنىش شەكلى، شۇنداقلا كېچىلىك ئەسلىھەلەرگە قارىتا ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش ۋە ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىكەن. نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەر دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقمايلا، ئىشىك ئالدىدا كېچىلىك ھايۋاناتلار باغچىسى ئېلىپ كەلگەن چەكسىز سېھرىي كۈچنى ھېس قىلالايدىكەن.

  ئالاقىدار مەسئۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل شاڭخەي كېچىلىك ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى شەھەر بويىچە كېچىلىك ئىقتىسادنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باغچا تەرەپ پائال ئىزدىنىپ «خەلقئارالىق ئۈلگە»، «شاڭخەيچە پۇراق»، «زامانىۋى ئېقىم» باش تېما قىلىنغان «ھايۋاناتلار ئاجايىپ كېچىسى»نى بەرپا قىلغان، ھازىر بۇ كېچىلىك ھايۋاناتلار باغچىسىدا 100 تۈردىن ئارتۇق 5000غا يېقىن ھايۋان بار ئىكەن. ئۆزگىچە چىراغ نۇرى لايىھەلەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ھايۋاناتلار بىلەن تەبىئەت ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن. ئىزدىنىش ۋە بايقاش، چوڭقۇر چۆكۈش، يوشۇرۇن نۇر ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ، ئاساسلىق ئالتە چوڭ ئالاھىدە ھايۋانات ئاساسىي تېما قىلىنغان كۆرگەزمە رايونى، ئۈچ چوڭ ئالاھىدە تېما ئاساس قىلىنغان نومۇر، ئۈچ چوڭ ئالاھىدە ھايۋان ئاساسىي تېما قىلىنغان تاماقخانا ھەمدە يەتتە كېچىلىك ساياھەت سودا تور نۇقتىسى ساياھەتچىلەرنىڭ  «ساياھەت، نومۇر كۆرسىتىش، يېمەك-ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش» قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرغان. شاڭخەي كېچىلىك ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى ئېچىلغاندىن بۇيان، كېچىلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپلا قالماي، يەنە شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرنى «كېچىلىك ئارام ئالىدىغان ياخشى جاي» بىلەن تەمىنلىگەن.

  ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش ۋە قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، باغچە تەرەپ تۇنجى قېتىم «كېچىدە ھايۋاناتلار سەيلىسى» تۈرىنى يولغا قويۇپ، ئۆزگىچە كېچىلىك كەيپىياتنى ياراتقان. ئۇنىڭدىن باشقا، دېڭىز شىرى تىياتىرخانىسى، خەلقئارا سېرىك ئويۇنى تىياتىرخانىسىدا ئالاھىدە تېمىدىكى پائالىيەتلەر ئورۇنلىنىپ، ساياھەتچىلەر ھايۋانلارنىڭ سېھرىي كۈچى ۋە جەلپكارلىقىدىن تەڭ بەھىرلىنىپ، ساياھەتچىلەرگە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى باغ سەيلىسىنى ھېس قىلدۇرغان.

  ئىگىلىنىشىچە، 8-ئاينىڭ 8-كۈنى، شاڭخەي كېچىلىك ھايۋاناتلار باغچىسى رەسمىي تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، باغچا رايونىنىڭ تىجارەت ۋاقتى 21:00 ~ 09:00گىچە قىلىپ تەڭشەلگەن. كېچىدە ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئايرىم بېلەت سېتىلمايدىغان بولۇپ، پۈتۈن كۈن ئاساس قىلىنغان ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدىكەن، يەنى سائەت 16:00دىن كېيىن باغچىغا كىرگەن ساياھەتچىلەر كېچىلىك ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ سىناق تىجارەت ئىشىك بېلىتى ئېتىبار باھاسى بويىچە ھەربىر ئادەمگە 60 يۈەن ئېلىنىدىكەن؛ نەق مەيداندا بېلەت سېتىش ۋاقتى 20:00 ~ 15:00 بولۇپ، پۈتۈن كۈنلۈك بېلەت سېتىۋالغان ساياھەتچىلەر كېچىلىك ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ قوشۇمچە مۇلازىمىتىدىن بەھىرلىنەلەيدىكەن.

 

 

 

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ