تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يەنجى ناھىيەسى: تاۋۇز تېرىپ، بېيىش يولى ياساش

8-ئاينىڭ 7-كۈنى، يەنجى ناھىيەلىك پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتى، يەنجى ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى ساغانچىكە يېزىسى موخورسۇم كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نىياز قاسىمنىڭ تاۋۇزلىرىنى توشۇشۇپ بەرمەكتە.

    تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئەزھەر، ما چىڭيەن، ليۇ شۈەي فوتوسى، خەۋىرى): «سىلەرگە كۆپ رەھمەت، يىلنىڭ بېشىدا يول كۆرسەتتىڭلار، ھازىر سېتىش يولىنى ھەل قىلىپ بەردىڭلار، سىلەر پارتىيە ئەۋەتكەن ياخشى كادىرلار.» 8-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى ناھىيەسى ساغانچىكە يېزىسىنىڭ موخورسۇم كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نىياز قاسىمنىڭ 27 مو يەردىكى تاۋۇزلىقىدا بولۇق ئۆسكەن پېلەكلەردە ھەم چوڭ ھەم يۇمىلاق تاۋۇزلار چۈشۈپ كەتكەن ئىدى، يەنجى ناھىيەلىك پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى تاۋۇزلارنى توشۇش، ئاپتوموبىلغا بېسىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
    بۇ يىلنىڭ بېشىدا، خىزمەت ئەترىتى ئۆيمۇئۆي كىرىپ يوقلاش جەريانىدا، 76 ياشلىق نىياز قاسىمنىڭ بۇ يىللىق زىرائەت تېرىش ئۈچۈن بېشى قېتىۋاتقانلىقىنى بىلدى. غەم باسقان نىياز قاسىمنى كۆرگەن خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىدىكىلەر ھەر تەرەپتىن يېقىنقى نەچچە يىلدىكى بازار ئەھۋالى ۋە بازار ئېھتىياجىنى ئىگىلەش ئارقىلىق، بوۋايغا تاۋۇز تېرىش تەكلىپىنى بەردى. خىزمەت ئەترىتى ئۇرۇق تاللاش، تېرىش، ئېتىز پەرۋىشى قاتارلىق ھەر قايسى ھالقىلاردا قولمۇقول يېتەكچىلىك قىلىپ، نىياز ئائىلىسىدىكىلەرنى غەمدىن ئۈزۈل-كېسىل خالاس قىلدى.
    ھازىر تاۋاز بازارغا سېلىنىدىغان ياخشى مەزگىل، تاۋۇزلىرىنىڭ پىشقانلىقىنى كۆرگەن نىياز ناھايىتى خۇشال بولدى، لېكىن يەنە تاۋۇزنىڭ سېتىلىش يولىدىن غەم قىلىشقا باشلىدى.
    كەنتنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى سەي كۈن ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئارقا تىرەك ئورۇنلار بىلەن تاۋۇزنىڭ سېتىلىش يولى مەسىلىسى ھەققىدە پائال كېڭەشتى، خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى، ئارقا تىرەك ئورۇنلار قاتارلىق ھەرقايسى كۈچلەر ھەرىكەتكە كېلىپ، تاۋۇزلارنى تاللاپ، ئۈزۈپ، توشۇپ، قاچىلاپ، كارخانىلار، تاللا بازارلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۈندىدار، QQ ئارقىلىق تەشۋىق قىلدى. كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ھازىر تاۋۇزنىڭ يېرىمى سېتىلىپ بولدى.
    نىياز مۇنداق دېدى: «ھەر مو يەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 5 توننا ئەتراپىدا، ساپ پايدىسى 3000 يۈەن بولۇپ، ھازىر ئەتراپتىكى ناھىيە بازىرىدىن بۇ يەرگە كېلىپ تاۋۇز سېتىۋالىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. مۆلچەرلىشىمچە، بۇ يىل 80 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىمەن.» 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ