تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

تاڭ قۇياشى تىيانشانغا نۇر چاچتى چېگرا رايون يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى

− جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىكى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى توغرىسىدا زىيارەت

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لى دادۇڭ، ليۇ بىڭ

«ئالتۇن تاغ، كۈمۈش سۇ»لۇق ئالتاي ۋىلايىتىدىن «تاغلار ئەجدادى» بولغان ھەيۋەتلىك كوئېنلۇن تېغىغىچە، «ھالاكەت دېڭىزى» تەكلىماكان قۇملۇقىدىن «چېگرا بوستانلىقى» ئىلى دەريا ۋادىسىغىچە... 70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ ئالتىدىن بىر ئۈلۈش تۇپرىقىدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ھەيۋەتلىك يۆگىمە رەسىمىنى ئورتاق سىزدى.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋە مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى زور سىياسەت - فاڭجېنلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا گۈللەپ تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

 تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يوللار راۋانلاشتى يېشىل تەرەققىيات ھاياتىي كۈچنى ئاشۇردى

20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرى، شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى دېھقان قۇربان تۇلۇم قەددىنى رۇسلاپ ئازادلىققا ئېرىشكەنلىكىگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم «ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ ماۋجۇشىنى يوقلاش»نى ئويلىغان. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ يۇرتى ئەمدى چەت - ياقا جاي ئەمەس، 315 دۆلەت يولى ناھىيەدىن كېسىپ ئۆتتى، قۇرۇلۇۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، تۆمۈريول ۋە ئايرودۇرۇم كېرىيە بىلەن دۇنيانى تېخىمۇ زىچ باغلايدۇ.

شىنجاڭ قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ قاتناش مۇھىم يولى، لېكىن «ئۈچ تاغ ئارىسىدىكى ئىككى ئويمانلىق»تەك مۇرەككەپ يەر شەكلى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىگە زور دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلدى. يېڭى ئەسىرگە كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ تاشيول، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيە تورى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى، قاتناش ئۇل ئەسلىھە ئەھۋالى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان، قۇرۇقلۇق - ھاۋا گىرەلەشكەن ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى تېز شەكىللەندى.

بۇ يىل 8- ئاينىڭ باشلىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇساپىسى 4800 كىلومېتىردىن ئېشىپ، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دەۋرىگە قەدەم قويدى؛ شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول يۈرۈش مۇساپىسى 6200 نەچچە كىلومېتىر بولۇپ، «ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق»تىن ھالقىغان يېپيېڭى يول تورى ئورۇنلاشتۇرمىسى شەكىللەندى. بۇنىڭدىن باشقا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا تارقالغان 21 پۇقرالار تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى 309 دۆلەت ئىچى - سىرتى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئارقىلىق 18 دۆلەت، 25 خەلقئارا (رايون) شەھەر ۋە 85 دۆلەت ئىچىدىكى شەھەرگە تۇتاشتى.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى تۇنجى چوڭ نېفىتلىك − قاراماي نېفىتلىكى بايقالغاندىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت سانائىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ كەلدى. لېكىن نېفىت سانائىتىگە ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋالغاچقا، خەلقئارا نېفىت باھاسى «چۈشكۈرسە»، شىنجاڭ ئىقتىسادى «زۇكامدايدىغان» بولدى.

بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ دۆلەت سىياسىتىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى تېزلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى، دەۋر ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ماتېرىيال، ئۇچۇر تېخنىكىسى، يېڭى ئېنېرگىيە، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى چوڭقۇر پىششىقلاش قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك كەسىپلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادى تەدرىجىي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا ماڭدى.

«غەربىي رايوندىكى نېفىت شەھىرى» قاراماي نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقى ۋە نېفىت خىمىيە كەسپىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىش بىلەن بىللە، قۇرغاق، سوغۇق كىلىمات ھەمدە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ رايون ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، بۇلۇت ھېسابلاش كەسپى بازىسىنى پائال قۇرۇپ، بايلىق تىپىدىكى شەھەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا «يەر ئاستى»دىن «بۇلۇت چوققىسى»غا قاراپ ماڭدى.

شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى جۇڭگودىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، كۆمۈر بايلىقى ئەڭ مول، كۆمۈر ئېچىش ئەڭ قىزغىن تەرەققىيات رايونى. تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى رېن جيەنپىن مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي جۇڭغار كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر ئېلېكتىر ئارقىلىق تاۋلاش، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق يېشىل يۇقىرى دەرىجىلىك كەسىپ سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، <ئۈچ يۇقىرى> تۈرلەرنىڭ ماكانلىشىشىنى قاتتىق چەكلەپ، ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، تەرەققىيات رايونى 8 مىليارد 370 مىليون يۈەن سانائەت قوشۇلما قىممىتى يارىتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.3 ئاشۇردى، 10 مىڭ يۈەنلىك سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.6 تۆۋەنلىدى».

«سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق.» يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا ئەگىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش سالمىقىنى زورايتتى. چىرا، چەرچەن، پىچان، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا، ھەر مىللەت ئامما ئەمگىكى، باتۇرلۇقى ۋە ئەقىل - پاراسىتى ئارقىلىق ئادەملەر ئىلگىرىلەپ قۇمنى چېكىندۈرۈش، قۇم دېڭىزىنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇشتەك بىر قاتار مۆجىزىلەرنى ياراتتى.

قارامايلى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، 2017- يىلى 8- ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى شەرقىي جۇڭغار نېفىت ئېلىش زاۋۇتى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئىچىدىكى بارلىق نېفىت قۇدۇقى ۋە قوشۇمچە ئەسلىھەلەرنى ئومۇميۈزلۈك تاقاپ، چۇۋۇۋېتىپ، نېفىتلىك ئىشلەپچىقىرىشنى چېكىندۈرۈش، تۈزىتىش خىزمىتىنى ئېلىپ باردى. بۈگۈنكى كۈندە، چۇۋۇۋېتىلگەن نېفىت قۇدۇقىنىڭ تەگلىكى سۇ ئوقۇرى قىلىنىپ، ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىغا ئايلاندى.

 قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ھاللىق تۇرمۇشقا ئاتلىنىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ قەلبداش بولۇش

دەل تومۇز كۈنلىرى، خوتەن شەھىرى ئاقچال يېزىسىدىكى 61 ياشلىق دېھقان تۇرسۇنتوختى جۈمە ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر ئىستاكان سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ ئىچىش ئۇسسۇزلۇقنى ئەڭ قاندۇراتتى. بۇ جاي تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، پۇقرالار ئەۋلادمۇئەۋلاد كۆل سۈيى، تۇزلۇق سۇ ئىچىپ كەلگەنىدى، 2017- يىلى پۈتۈن يېزا بويىچە ئاخىر سۇ سۈپىتى پاكىز بولغان تۇرۇبا سۈيى تۇتاشتۇرۇلدى.

2012- يىلىدىن 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، جەمئىي 3 مىليوندىن كۆپرەك نامرات ئاھالىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ «پايدىسى»دىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتىكى تەدبىرلەرنىڭ بىرى خالاس. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ ھەر يىلى مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشقا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى يىلدا بىر قېتىم ھەقسىز تەكشۈرۈش، يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ئۈچ يىللىق ھەقسىز مائارىپى، يېزىلاردىكى ئەمىن ئۆي ۋە كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈش، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىش، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنى تولۇپ تاشقان بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈردى.

«ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بىر مىللەتمۇ كەم قالسا بولمايدۇ.» پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە - شەھەرلەر، كارخانا - ساھەلەر، كەڭ كادىرلار، ئامما بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، شىنجاڭدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى.

2017- يىلى، تيەنجىننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلىرى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا ناھىيەسىدە باشقا جايغا كۆچۈرۈپ «كەسىپ بىلەن شەھەرنى يۇغۇرۇش» ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كوئېنلۇن تېغىدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن نامرات ئاممىنى «تۇرۇپ قالىدىغان، مۇقىم تۇرىدىغان، بېيىيالايدىغان» قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، چىرا ناھىيەسى چىرا بازىرىدىكى دۆلەت يولى بويىدا، يەر كۆلىمى 6000 مودىن كۆپرەك كېلىدىغان جىننەن يېڭى كەنتى بار، 393 يۈرۈش يېڭى سېلىنغان ئەمىن ئۆي ھەمدە كۆكتات پارنىكى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، يېڭى ياسالغان يول تورى جىننەن يېڭى كەنتى، ناھىيە بازىرى ۋە سانائەت باغچىسىنى تۇتاشتۇردى.

«نامراتلىقتىن تېز قۇتۇلۇشتا، تامامەن كەسىپ بەلبېغىغا تايىنىش كېرەك؛ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشتا، كەسىپنى ئالدىن يولغا قويۇش كېرەك». 580 مىڭ مو ياڭاقلىق ئورمىنى بار قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى دۆلەت دەرىجىلىك ئېغىر نامرات ناھىيە بولۇپ، 2017- يىلىدىن بۇيان ياڭاقنى چوڭقۇر پىششىقلاش كارخانىسىدىن يەتتىنى كىرگۈزدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ياڭاق كەسپى ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، پۈتۈن ناھىيەدىكى 550 مىڭ ئاھالىنىڭ 330 مىڭى ياڭاق ئۆستۈرۈش، باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىش، پىششىقلاش، سېتىشنى چۆرىدەپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

2014- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، شىنجاڭ جەمئىي 2 مىليون 314 مىڭ 700 نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2013- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %19.4 تىن %6.1كە تۆۋەنلىدى.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇردى، ھەر يىلى تاللاپ ئەۋەتىلگەن 70 مىڭدىن ئارتۇق كادىردىن تەشكىللەنگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت ئەترىتى ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈپ، يېزا - كەنت، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، ئەمەلىي ئىشلارنى قىلدى.

شىنجاڭ بورتالا شەھىرى شويىڭپەن بازىرى ئوتبۇلاق كەنتىدە، كەنتنىڭ 1- شۇجىسى ليۇ چۈنشېڭ يەرلىكتىكى ئامما تەرىپىدىن يېقىملىققىنە «سومكا ئاسقان شۇجى» دەپ ئاتالدى. 2018- يىلىنىڭ باشلىرىدا بورتالا شەھەرلىك قاتناش ساقچىلىرى چوڭ ئەترىتىدىن كەنتتە تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇ «ئەلرايى سومكىسى»نى ئېسىپ پۈتۈن كەنتتىكى 299 ئائىلىلىك ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلدى. كەنت ئاھالىلىرىگە پائال ياردەملىشىپ باقمىچىلىق قەرز پۇلىنى قولغا كەلتۈردى، كالا - قويلارغا سۇغۇرتا سېتىۋېلىپ، مال دوختۇرى تەكلىپ قىلدى، قەھرىتان سوغۇقتا كېچىلەپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سۇ تۇرۇبىسىنى ئالماشتۇرۇشى، رېمونت قىلىشىغا ياردەملەشتى، يەنە ئاممىۋى قاتناش تارماقلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، شويىڭپەن بازىرىنىڭ ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىنى كەنتكىچە ئۇزارتتى، بالىلار مەكتەپكە بارغاندا، مەكتەپتىن قايتقاندا قاتناش ۋەقەسى قايتا يۈزبەرمەيدىغان بولدى.

 «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان «چوڭ سەھنە»

بۇ يىل 6- ئاينىڭ 21- كۈنىگىچە، ئالاتاۋ پورتىدىن يولغا چىقىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسى 61گە يەتتى، جەمئىي 10 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق نۆۋەتچى پويىز قاتناپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قاتنايدىغان خەلقئارا نۆۋەتچى پويىز ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %70ىگە يېقىنىنى ئىگىلىدى. 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ باشلىرىدىكى تېخى «يىلدا بىر بوران چىقسا، ئەتىيازدىن قىشقىچە داۋاملىشىدىغان» گىياھ ئۈنمەيدىغان بۇ جاي، غەربىي شىمال چېگرا مۇداپىئەسىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى بۈگۈنكى كۈندە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم تۈگۈنگە ئايلاندى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقىغا جايلىشىشتەك رايون ئەۋزەللىكى ۋە ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان، ئاسىيا - ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسىغا تايىنىپ، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى پائال بەرپا قىلىپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن ئىقتىساد - سودا، مەدەنىيەت، ئېنېرگىيە، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردە چوڭقۇر ئالماشتۇرۇشى، ئالاقىلىشىشىدىكى مۇھىم سەھنىگە ئايلاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2018- يىلى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 20 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، 1950- يىلىدىكىنىڭ 1481 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. 2014- يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭدا غەربكە جەمئىي 2451 نۆۋەتچى پويىز قاتناپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %100 ئېشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى 19 دۆلەتتىكى 26 شەھەرگە تۇتاشقان. بۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭ يەنە ئۈرۈمچى قۇرۇقلۇق پورتى، قەشقەر تەرەققىيات رايونى، قورغاس تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پورت چېگرا بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدىكەن.

2018- يىلىغىچە، جۇڭگو بىلەن ئاسىيا - ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىدىكى مۇھىم سۇپا بولغان جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئالتە نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى. بۇلتۇر 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى 35 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى 704 كارخانىنى كۆرگەزمىگە، يەرمەنكىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك، جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ۋە ساھەدىكى باشلامچى كارخانا 60تىن كۆپرەككە يەتتى، ئىمزالانغان تۈر ئومۇمىي سوممىسى 270 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ھەر نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى «جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ھەپتىلىكى» ۋە «نەشرىيات كۆرگەزمىسى» قاتارلىقلار بەلگىلىك خەلقئارا تەسىر كۈچكە ئىگە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سۈپەتلىك ماركىسىغا ئايلاندى. 2009- يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ يەنە يەتتە نۆۋەت «جۇڭگو . شىنجاڭ خەلقئارا ياش - ئۆسمۈرلەر سەنئەت بايرىمى» ئۆتكۈزۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۆت دۆلەت ھەم رۇسىيە، پاكىستان، ھىندىستان، مالايسىيا، تايلاند، كورېيە قاتارلىق 12 دۆلەت ھەم دۆلەت ئىچىدىكى 119 ئەدەبىيات - سەنئەت ئۆمىكىدىكى 2300دىن ئارتۇق ياش - ئۆسمۈرنى شىنجاڭغا كېلىپ ئويۇن قويۇش، ئالماشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

قازاقىستاندىن كەلگەن ئاقئېركەنىڭ شىنجاڭ تېببىي داشۆسى خەلقئارا مائارىپ شۆيۈەنىدە ئوقۇۋاتقىنىغا بۇ يىل ئالتە يىل بولدى. ئۇ خەنزۇ تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيدىغان بولۇپلا قالماي، يەنە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن «مۇقەررەر ئۆتەلمەيدىغان پەن» دەپ ئاتالغان جۇڭيى تېبابەت قەدىمكى يېزىقى كەسپى ئىمتىھانىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى. شىنجاڭنىڭ تېببىي ساھەسىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن ھازىرغىچە قازاقىستان، ھىندىستان، پاكىستان قاتارلىق 34 دۆلەتتىن كەلگەن 1400دىن ئارتۇق چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلىدى.

مەشھۇر «توردا ئالقىشلانغان يوقلىما قىلىدىغان جاي» خوتەن كەچلىك بازىرىغا بېرىپ ئۆزگىچە كاۋاپ يېيىش؛ پامىر ئېگىزلىكىگە بېرىپ «مۇزتاغ ئاتىسى» مۇزتاغ چوققىسى بىلەن يېقىندىن ئۇچرىشىش؛ قومۇل داخەيداۋ سىرلىق يارداڭلىق يەر تۈزۈلۈشىدە كۈن پېتىشنى كۆرۈش... شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنىڭ كۈندىن - كۈنگە تىنچ، ئىناق بولۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىمۇ جۇڭگو ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى سانىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشىنى كۈتۈۋالدى. 2018- يىلى شىنجاڭدا پۈتۈن يىلدىكى ساياھەتچى سانى 150 مىليون ئادەم قېتىمدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئېشىش نىسبىتى %40تىن ئېشىپ كەتتى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 76 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىندى.

بۈگۈنكى كۈندىكى شىنجاڭدا، زېمىندا يېڭى قىياپەت نامايان بولۇپ، تاغ - دەريالار گۈزەللىشىپ، ھەر مىللەت خەلق پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا قاراپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 8- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ