دۈمبىسىنى سۈرتۈشنىڭ ياشانغانلارغا پايدىسى ناھايىتى كۆپ: 1.تېرە قىل قان تومۇرلىرىنى كېڭەيتىپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. 2.دۈمبىنى ئۇۋۇلاش تېرە نېرۋا ئۇچلىرىنى غىدىقلاپ، مەركىزىي نېرۋا ۋە ئىچكى ئەزالارنى ياخشىلاشقا پايدىلىق. دۈمبىسىنى سۈرتۈش يەنە ھارغىنلىقنى تۈگىتىش، ئۇيقۇ ۋە لىمفا سۇيۇقلۇقىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق. 3.ئۆزى دۈمبىسىنى سۈرتكەندە، بىلەك ھەرىكەتلىنىپ، بەدەننىڭ ئۈستۈنكى قىسمىمۇ بۇنىڭ بىلەن تەڭ ھەرىكەتكە كېلىدۇ، بۇ، يۈرەك-ئۆپكە ئىقتىدارىغا پايدىلىق. 4.جۇڭگو تېبابىتىنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ دۈمبىسى پەللىلەر مەركەزلەشكەن جاي بولۇپ، دۈمبىسىنى سۈرتۈش پەللىلەرنى غىدىقلاپ، جىڭلونى راۋانلاشتۇرۇش، ئىچكى ئەزالارنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدىكەن.
دۈمبىسىنى سۈرتۈش مەشغۇلاتى ئاددىي: بىر لۆڭگە تەييارلاپ، لۆڭگىنىڭ ئىككى ئۇچىنى چىڭ تۇتۇپ، دۈمبىنى ئاستى-ئۈستى سۈرتسە بولىدۇ، بولۇپمۇ ئومۇرتقا ئەتراپىنى نۇقتىلىق سۈرتۈش كېرەك، بۇ، بويۇن ئومۇرتقىسى، بەل ئومۇرتقىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۆزى قوبۇل قىلالىغۇدەك كۈچتە سۈرتسىلا بولىدۇ. ئۆزى سۈرتسە ياكى باشقىلارنى سۈرتكۈزسە بولىدۇ. لۆڭگە بەك ھۆل بولۇپ كەتسە بولمايدۇ، تېمپېراتۇرا مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. ھاۋا سوغۇق بولغاندا سەل ئىسسىق، تەخمىنەن 40 سېلسىيە گىرادۇس بولۇشى كېرەك؛ ھاۋا ئىسسىغاندا ئەڭ ياخشىسى سوغۇقراق، تەخمىنەن 30 سېلسىيە گىرادۇس بولۇشى كېرەك. ھەر قېتىم دۈمبىسىنى 15 مىنۇت ئەتراپىدا، تېرە قىزىرىپ پۇت-قوللار ئىسسىغانغا قەدەر سۈرتۈش كېرەك. ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ ئىللىقلىقىنى ساقلاپ، سوغۇق ئۆتۈپ زۇكام بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ياشانغانلار ئۇخلاشتىن بۇرۇن يوتقاننىڭ ئىچىدە كۆكرەك، قورساق ھەمدە پۇت-قوللىرىنى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق، ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمىنى كۈچەيتسە بولىدۇ.
دۈمبىسىنى سۈرتۈش ياشانغانلارغا نىسبەتەن ياخشى بولغان ساقلىقنى ساقلاش ئۇسۇلى بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىم، قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇش، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا بەلگىلىك قوشۇمچە رول ئوينايدۇ، قەرەللىك دۈمبىنى سۈرتۈپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى