8-ئاينىڭ 5-كۈنى، ساياھەتچى قومۇل شەھىرى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ئاپتاپپەرەسلىكتە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر داۋۇت رىشات فوتوسى، خەۋىرى) يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، باركۆل ناھىيەسىدىكى 10 مىڭ مو يەردىكى مايلىق ئاپتاپپەرەسلەر پورەكلەپ ئېچىلدى. ئېتىزلار ئالتۇن رەڭگە كىرىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.