شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرو قۇرۇلۇشى پەنلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھارماي ئىزدىنىش
− شىنجاڭ داشۆسى ئېلېكتىرو قۇرۇلۇشى شۆيۈەنى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۆيۈەن مۇدىرى جوۋ يۈەنشياڭ توغرىسىدا
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا
ئىلاۋە
7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كەڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، خالىس تۆھپە قوشۇش روھى ۋە قالتىس ئىپادىسى، پۇختا خىزمىتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى تولۇق تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتى «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان شەخسلەرنىڭ خىسلىتى» ئىستونىدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان بىر تۈركۈم تىپىك شەخسلەرنى خەۋەر قىلىدۇ، دىققەت قىلغايسىلەر.
يېقىندا مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 2019- يىللىق «چېگرا رايونغا ياردەم بەرگۈچى ئەڭ گۈزەل شەخس»لەرنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ داشۆسى ئېلېكتىرو قۇرۇلۇشى شۆيۈەنى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۆيۈەن مۇدىرى جوۋ يۈەنشياڭ «چېگرا رايونغا ياردەم بەرگۈچى ئەڭ گۈزەل شەخس» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. 8- ئاينىڭ 3- كۈنى، مۇخبىر جوۋ يۈەنشياڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئۈستىدە توختالغاندا، چىڭخۇا داشۆسىنىڭ ماشىنا ۋە ئېلېكتىرو شىسىدىن كەلگەن بۇ 53 ياشلىق پىروفېسسورنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى، ئۇنىڭ سۆزىدىن شىنجاڭغا، ئېلېكتىرو قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى تەتقىقاتقا بولغان تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى چىقىپ تۇراتتى.
2017- يىلى 9- ئايدا، جوۋ يۈەنشياڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 9- تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭغا كېلىپ شىنجاڭ داشۆسى ئېلېكتىرو قۇرۇلۇشى شۆيۈەنى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۆيۈەن مۇدىرى بولدى. جوۋ يۈەنشياڭ شۆيۈەننىڭ پەنلەر تەرەققىياتىدا ساقلىنىۋاتقان ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش، پەنلەر سىستېمىسى تەڭپۇڭ بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىپ، پەنلەر تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈككە قارىتا كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، ئېلېكتىرو قۇرۇلۇشى پېنىنى مەملىكەت بويىچە پەنلەرنى باھالاشتا ئالدىنقى %40ى ئىچىگە كىرگۈزۈش تەرەققىيات نىشانىنى پىلانلىدى.
قەغەز يۈزىدىكى يىرىك پىلان، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس، ئالدى بىلەن ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكى ئىدىيە. «ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، باش چۆكۈرۈپ تەتقىق قىلساقلا، ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە دەرس ئۆتسەكلا ياخشى ئىشلىگەن بولمايمىز، يەنە ياخشى سۇپا ھازىرلىشىمىزغا، سىرتقا چىقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.» ئېلېكتىرو قۇرۇلۇشى شۆيۈەنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىلىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، جوۋ يۈەنشياڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك، رىشتىلىق رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، چىڭخۇا داشۆسىنىڭ ئېلېكتىرو ساھەسىدىكى دۆلەت ئىچى - سىرتىغا داڭلىق 18 مۇتەخەسسىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى تەشكىللەپ قۇرۇپ، شىنجاڭ داشۆسى ئېلېكتىرو قۇرۇلۇشى پېنىنىڭ 1- دەرىجىلىك دوكتورلۇق نۇقتىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىگە كۈچ قوشتى. 1- دەرىجىلىك دوكتورلۇق نۇقتىسى سالاھىيىتىنىڭ باھالىنىشى شىنجاڭ داشۆسىنىڭ ئېلېكتىرو قۇرۇلۇشى پېنى بويىچە بىرقەدەر ياخشى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش مېخانىزمى ۋە سۇپىسىنىڭ ھازىرلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، پۈتۈن شۆيۈەندىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭدىن ھەسسىلەپ ئىلھام ئالدى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پەن تەتقىقاتقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن، جوۋ يۈەنشياڭ تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكاپاتلاش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى پەن تەتقىقات ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە سەرپ قىلىشقا يېتەكلەپ، بارلىق خادىملارنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پەننى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېغىر ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پەن تەتقىقات ئاكتىپلىقىنىڭ ئۆسۈشى ئوقۇغۇچىلارغا تۈرتكە بولدى، بىزنىڭ بەزى پەن تەتقىقات تۈرلىرىمىزگە ئىككى يىل ئىلگىرى پەقەت ئىككىدىن ئۈچكىچە ئادەملا ئىلتىماس قىلاتتى، بۇ يىل 26 ئادەم ئىلتىماس قىلدى، بۇ مەن خۇشال بولغان ئىش.» ئۆزگىرىش تىلغا ئېلىنغاندا، جوۋ يۈەنشياڭنىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلەندى.
ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالسا، مەنبەسىز سۇغا، يىلتىزسىز دەرەخكە ئوخشاپ قالىدۇ، ئەمەلىيەت ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش سانائەت پەنلىرى تۈرىدىكى مەكتەپلەردە ئىنتايىن مۇھىم. شىنجاڭ داشۆسىگە كەلگەندىن كېيىن، جوۋ يۈەنشياڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى قولغا كەلتۈردى. «پەن تەتقىقات تۈرى بولغاندىلا ئاندىن نەزەرىيەنى دەلىللەش قورالى بار بولىدۇ، ئاندىن پەن قۇرۇلۇشىنى ياخشى قىلىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتى، پەن تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلاشقان ئىختىساسلىقلارنى ھەقىقىي يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ» دېدى جوۋ يۈەنشياڭ.
كۈندىلىك باشقۇرۇشتىن سىرت، جوۋ يۈەنشياڭ تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى دەرسخانا ۋە تەجرىبىخانىغا قالدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭقۇر قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. «خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر قىسىم ئىلىم - پەن ئىدىيەسىنىڭ ھەممىسىنى جوۋ مۇئەللىمدىن ئۆگەندۇق، مەسىلىگە يولۇقساق ئۇ ھەر ۋاقىت چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ.» ئېلېكتىرو قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنىڭ 2018- يىللىق دوكتور ئوقۇغۇچىسى جياڭ گۈيمىننىڭ نەزەرىدە، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى جوۋ يۈەنشياڭ «ئەستايىدىل، تەلەپچان، ئېھتىياتچان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ». جوۋ يۈەنشياڭنىڭ يېتەكلەپ ياردەم بېرىشىدە، بۇلتۇر جياڭ گۈيمىن چىڭخۇا داشۆسى − شىنجاڭ داشۆسى دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى شۆبە تەجرىبىخانىسىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلاندى. بۇ يىل يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندا ئۇ چىڭخۇا داشۆسىگە بېرىپ ئىزولياتور ماتېرىياللىرىنى سىناش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق ئالاقىدار تېمىلاردا ئۆگىنىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرىدۇ.
ئىككى يىلدىن بۇيان، جوۋ يۈەنشياڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار كۈچىنى مۇجەسسەملەپ ئوقۇتۇشنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە ئىزدىنىپ، شۆيۈەننىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى كەيپىيات شەكىللەندۈردى: شۆيۈەندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەبىئىي پەن فوندى تۈرىگە ئىلتىماس قىلىشى ھەم ئىلتىماسنامە يېزىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى تۈزىتىش تاماملاندى؛ بۇنىڭدىن كېيىنكى شۆيۈەننىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى چۆرىدەپ، شۆيۈەننىڭ شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە تەرەققىياتى ۋەزىيىتىنى مەۋقە قىلىپ، ئېنېرگىيە ئالاقە تورى ۋە چوڭ سىغىملىق توك يەتكۈزۈش تېخنىكىسى قۇرۇلۇشى مەركىزى پەن تەتقىقات سۇپىسى قۇرۇشى بېكىتىلدى؛ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى ھەم چوڭ تىپتىكى توك چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كونترول قىلىش ۋە تەقلىدىي دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى شامال، يورۇقلۇق زاپاس ساقلاش - ئايرىش ئۆيى قۇرۇلدى؛ ئېنېرگىيە ئالاقە تورى ۋە چوڭ سىغىملىق توك يەتكۈزۈش ئاكادېمىكلار خىزمەت پونكىتى ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلدى؛ جوۋ يۈەنشياڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئېنېرگىيە چوڭ تۈرلىرى بويىچە يېتىشتۈرۈش، بىر دەرسنى تەڭ ئاڭلاش مائارىپ ئوقۇتۇش ئىدىيەسى ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئوقۇتۇشىدىكى نۇقتىلىق ئىسلاھات تۈرى بولۇپ تەستىقلاندى؛ شۆيۈەن پائال تېخنىكا كىرگۈزۈپ، جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ مۇلازىمەت قىلىپ، باشلامچى بولۇپ كارخانا بىلەن ئۇدۇللىشىپ، 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پەن تەتقىقات خىراجىتىنى قولغا كەلتۈردى.
يازلىق تەتىلنىڭ يېرىمى ئۆتۈپ كەتتى، جوۋ يۈەنشياڭ بىر كۈنمۇ ئارام ئالمىدى، ئۇنىڭ خىزمەت خاتىرىسىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك، ھەر كۈنى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. يېقىنقى بىر ھەپتىدە، ئۇ شىنجاڭ بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدا بېرىپ - كېلىپ، 23- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئېلېكتىروستاتىك ئىلمى يىللىق يىغىنى، مەملىكەتلىك ئېلېكتىرو قۇرۇلۇشى شۆيۈەنلىرىنىڭ شۆيۈەن (مەكتەپ) مۇدىرلىرى مۇنبىرى قاتارلىقلارغا تەييارلىق كۆرۈپ، توختىماي پايپېتەك بولدى. «ھازىر، مېنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىمنىڭ ئاخىرلىشىشىغا يەنە 300 نەچچە كۈنلا قالدى، ھەر كۈنى ۋاقىت بىلەن بەسلىشىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن، قىلىدىغان ئىشىم يەنە ناھايىتى كۆپ، مەن جەزمەن تېخىمۇ غەيرەت قىلىپ، مىنۇت - سېكۇنتنىمۇ قولدىن بەرمەسلىكىم كېرەك.» جوۋ يۈەنشياڭنىڭ سۆزى قەتئىي ئىدى، ئۇ سىستېمىلىق ئېلېكتىرو قۇرۇلۇشى 1- دەرىجىلىك پەن يېتىلدۈرۈش لايىھەسىنى تۈزۈش ئۈچۈن كۈچىمەكتە، ئۇ شىنجاڭ داشۆسىنىڭ «ئىككىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈش» قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى مۇستەھكەم ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئۈمىد قىلدى.