تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئاپتونوم رايونىمىز ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن كېيىنكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ قانات يايدۇرىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق كۆپ تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بېسىپ تارقاتقان «ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن كېيىنكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»دە، بۇ يىل 9- ئايدا يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق ئالتە ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)تىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن كېيىنكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ قانات يايدۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

دەرستىن كېيىنكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتى مەكتەپ نورمال تەربىيەلەش، ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن سىرت، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىسى ئىختىيار قىلىش ئاساسىدا، ئاپىرىش - ئەكىلىشتە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە قارىتا، ئوقۇغۇچى تۇرۇشلۇق مەكتەپنى ئاساس قىلىپ كونكرېت زىممىسىگە ئالىدىغان ئاممىۋى مەنپەئەت خاراكتېرگە ئىگە، ئومۇملاشمىغان ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ مۇلازىمەت ئوبيېكتى ئاساسلىقى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى دەرستىن كېيىنكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىگە ئېھتىياجلىق بولغان قاتناپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، مېيىپ بالىلار، ئۆيدە قالغان بالىلار، قىيىن ئەھۋالدا قالغان بالىلار، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلار بىلەن بىللە كۆچۈپ كەلگەن پەرزەنتلەر، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار بالىلار ۋە ئوتتۇرا، تۆۋەن يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى قاتارلىق مۇلازىمەتكە ئېھتىياجلىق توپ ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.

«يېتەكچى پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: دەرستىن كېيىنكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدە ئوقۇغۇچىلارنى بەلگىلەنگەن ئورۇندا ئۆز ئالدىغا تاپشۇرۇق ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرسا، ئۆگىنىشتە قىيىنچىلىقى بار ئايرىم ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلسا، ياردەم بەرسە بولىدۇ؛ مەۋقەنى ئۆز مەكتىپىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە خاسلىق قۇرۇلۇشىغا قويۇپ، قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى، ھەۋىسىنى قاندۇرىدىغان تەنتەربىيە مەشىقى، مەدەنىيەت - سەنئەت، ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەت قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرسا، يەنە كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرى، بالىلار، ئۆسمۈرلەرگە ماس كېلىدىغان فىلىملەرنى كۆرۈش قاتارلىق قىزىقارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى «قورۇما تىزىملىكى شەكلى» دىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلارنى كىتاب ئوقۇش ئۆيى قاتارلىق رايونلاردا ئۆز ئالدىغا كىتاب ئوقۇشقا ياكى كىتاب ئوقۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ.

«يېتەكچى پىكىر»دە مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى مەكتەپلەر دەرستىن كېيىنكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى باھانە قىلىپ يازمىچە ئائىلە تاپشۇرۇقى ئورۇنلاشتۇرسا بولمايدۇ، دەرستىن كېيىنكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتى نامى بىلەن كوللېكتىپ ئوقۇتۇش ياكى دەرس تولۇقلاش قاتتىق چەكلىنىدۇ، دەرستىن كېيىنكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتى مەزگىلىدە يېڭى دەرس ئۆتۈش قاتتىق چەكلىنىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دەرستىن كېيىنكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ئادەتتە دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە چۈشتىن كېيىن مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن باشلىنىدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتە كۈندە ئىككى سائەتتىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. دەرستىن كېيىنكى بىر سائەتلىك ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلاردىن ھەر مەۋسۇمدە 200 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىك ئۆلچىمى بويىچە ھەق ئېلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ