تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تاڭبۇلا مەنزىرە رايونىنى كېسىپ ئۆتىدىغان چورما-نىلقا تاشيولىدا 9-ئاينىڭ ئاخىرى قاتناش باشلىنىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ فوتوسى، خەۋىرى) ساياھەت، ئېكولوگىيە بىر گەۋدە قىلىنغان «ساياھەت تاشيولى» —— S315 لىنىيەسىنىڭ چورمىدىن فېڭچاڭغىچە بولغان بۆلىكى، S315 لىنىيەسىنىڭ فېڭچاڭدىن نىلقىغىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيول تۈرى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ چورما-فېڭچاڭ تۈرى، فېڭچاڭ-نىلقا تۈرى دەپ ئېلىنىدۇ) دە ئايرىم-ئايرىم 8-ئاينىڭ ئاخىرى ۋە 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلۇش تاماملىنىپ، رەسمىي قاتناش باشلىنىدۇ.

  بۇ تاشيوللار دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى تاڭبۇلا ساياھەت مەنزىرە رايونىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، يول بويىدا سۈرەتتەك گۈزەل تاڭبۇلا چوڭ يايلىقى، غەلىتە تاشلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان «شياۋخۇاشەن تېغى»، تەركىبىدە كۆپ خىل مىكرو ئېلېمېنتلار بولغان بۇلۇڭ ئارىشىڭى بار . . . بۇ گۈزەل مەنزىرىلەر ھەر يىلى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىدۇ. تاشيوللاردا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، چورمىدىن نىلقىغىچە بولغان مۇساپە ئەسلىدىكى سەككىز سائەتتىن تۆت سائەتكە قىسقىرايدۇ، ئۈرۈمچىدىن ئىلىغا ساياھەتكە بېرىش ئۈچۈن يېڭى لىنىيە كۆپىيىدۇ.

  يېقىندا مۇخبىر ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى نىلقا ناھىيەسى تەۋەسىگە كېلىپ، چورما-فېڭچاڭ تۈرىنىڭ تاماملىنىپ 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى؛ فېڭچاڭ-نىلقا تۈرىدە، كۆپ قىسىم يول بۆلەكلىرىدە قۇرۇلۇش تاماملانغانلىقىنى كۆردى.

  چورمىدىن فېڭچاڭغىچە نىلقىغىچە بولغان بۆلەك ئىككى تۈرگە بۆلۈنۈپ قۇرۇلۇش قىلىنىپ، ئەسلىدىكى 3-دەرىجىلىك تاشيول 2-دەرىجىلىك تاشيولغا ئۆزگەرتىلدى، يول ئۇلى ئەسلىدىكى 7.5 مېتىردىن 12 مېتىرغا كېڭەيتىلىپ، سائەتلىك سۈرئىتى 80km (قىسمەن تاغلىق رايون يول بۆلەكلىرىنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 60km) قىلىپ لايىھەلەندى.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ ئىككى تۈر تاڭبۇلا مەنزىرە رايونىدىن نارات مەنزىرە رايونىغا تۇتىشىدىغان ئەڭ قولاي يول بولۇپلا قالماي، يەنە نىلقا ناھىيەسىنىڭ سىرتقا تۇتىشىدىغان بىردىنبىر يولى بولۇپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايون قاتناش-تىرانسپورت شارائىتىنى ياخشىلاش ۋە رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ تېز سۈرئەتلىك ئايلانما يولى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ