شاڭخەي ئاممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى شىنجاڭ (تۇرپان) سىناش مەركىزىنىڭ ئاپتوموبىل سىناش يولى (7-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگودىكى «ئوت يۇرتى» دەپ ئاتالغان شىنجاڭ تۇرپان ئويمانلىقىدا، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، قۇرغاق، ئىسسىق چۆل-جەزىرە ۋە يۈز چاقىرىملىق شامال رايونىدا زىيادە ئىسسىق، قۇرغاق ئۇنىۋېرسال ئاپتوموبىل سىناش مەيدانى ——شاڭخەي ئاممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى شىنجاڭ (تۇرپان) سىناش مەركىزىنى قۇرۇپ چىقتى، بۇ مەركەز 7-ئاينىڭ 31-كۈنى پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان.
شاڭخەي ئاممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى شىنجاڭ (تۇرپان) سىناش مەركىزى ئاپتوموبىل سىناش يولىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى (7-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
مۇخبىر خەن شىنلياڭ فوتوسى