تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولىمەن

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم كۆزىتىپ تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ سەيشيۇڭ

مەن بىڭتۇەن 3- شىسىنىڭ 45- تۇەنىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، «3- ئەۋلاد شىنجاڭلىق». بوۋام تۇنجى تۈركۈمدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇستەھكەملىگەن بىڭتۇەنلىك، بوۋام ئىزچىل بىزگە ياخشىلىققا جاۋاب قايتۇرۇشىمىز، پارتىيە ۋە ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، ھەر مىللەت ئاكا - ئىنى، ئاچا - سىڭىللار بىلەن ئىناق بىللە ئۆتۈشىمىز كېرەك، دەپ تەربىيە بېرەتتى. يۇرتۇم 45 - تۇەندە نۇرغۇن ئۇيغۇر قېرىنداش بار ئىدى، بىز قېرىنداشلاردەك، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتەتتۇق. كىچىك ۋاقتىمدا، مەن ھەر مىللەت كىچىك دوستلار بىلەن بىللە قۇش ئۇۋىلىرىدىن قۇش بالىلىرىنى تۇتاتتۇق، تەپكۈچ ئوينايتتۇق، مۇز تېيىلاتتۇق، جىگدە ئۈزەتتۇق... ناھايىتى خۇشال ئۆتەتتۇق.

ئانامنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە، 1976- يىلى مەن ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەندە، دادام گەنسۇدىكى يۇرتىمىزغا بېرىپ، ئانام، مەن ھەم سىڭلىمنى ئېلىپ شىنجاڭغا كەلگەن ئىكەن، ئاقسۇغا كەلگەندە دادامنىڭ تۇيۇقسىز ئۆپكە ياللۇغى قوزغىلىپ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ، قان قۇسۇپتۇ، ئازغىنا پۇلنى داۋالاش ھەققىگە تاپشۇرۇۋەتكەچكە، ئاخىرىدا تاماق يېگۈدەكمۇ پۇل قالماپتۇ. ئەينى چاغدا دادام بىلەن بىر كېسەلخانىدا ياتقان ئۇيغۇر بوۋاي بىزگە نان بېرىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بوۋام بىزنى ئىزدەپ تېپىپ ئېلىپ كەتكۈچە بەرداشلىق بېرىپتۇق. 45- تۇەن 2- ليەندىكى ۋاقتىمدا، دادامنىڭ ياخشى دوستلىرى ئىچىدە ئىككى ئۇيغۇر بار ئىدى، ئۇلار ئۆزئارا بىر - بىرىگە كۆيۈنەتتى، كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالسا بېرىپ يوقلىشاتتى. دادام دائىم: «ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم بولمىغان بولسا ئاقسۇدىلا ئۆلۈپ كەتكەن بولاتتىم» دېگەن گەپنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى. چوڭلارنىڭ تەسىرىدە بىز ئاكا - ئىنى، ئاچا - سىڭىللارنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا بولغان چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتىمىز بالىلىق چاغلىرىمىزدىن باشلاپلا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.

كېمىنىڭ كۈچى يەلكەندە، ئادەمنىڭ كۈچى قەلبتە. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا مۇھىمى قەلب ئالماشتۇرۇش، بىر - بىرىنىڭ ھالىغا يېتىش، كۆڭۈل بىلەن كۆڭۈلنى ئۇتۇشتا. 2017- يىلى، مەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ بوستان تېرەك يېزىسى جۇلۇقباش كەنتىدە تۇردۇم، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ ھەر خىل خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ھەر مىللەت خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ھەم ھەقىقىي ھېس قىلدىم. كەنتتە، مەن 12 ياشلىق قىرغىز قىز سۈبھىنۇر بىلەن ئانا - بالىلىق مېھرى ئورناتتىم. ئەمەلىيەتتە مەن پەقەت چامىمنىڭ يېتىشىچە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلدۈم، ياردەم قىلدىم، ئۇ دەسلەپتە مېنى «ئاچا» دەپ چاقىردى، كېيىن «تۇتۇق ئانا» دەيدىغان بولدى، كەنت ئاھالىلىرىمۇ مېنى يېقىملىق قىلىپ «گۈلجامال» دەپ ئاتىدى. مەن ئىدارىگە قايتىشتىن بىر كۈن بۇرۇن سۈبھىنۇر مېنىڭ كەنتتىن كېتىدىغانلىقىمنى بىلىپ، مېنى قۇچاقلاپ بىر ھازا يىغلىدى. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم: ھەقىقىي كۆڭۈل بەرسىڭىزلا، سىزگە جەزمەن ھەقىقىي مۇھەببەت قايتىدۇ.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئەمەلىيەتتە، ھەربىر ئادەمنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئاسرىشى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىدە. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن كىچىك ئىشلاردىن، ئەتراپىمدىكى ئىشلاردىن باشلاپ قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسرايمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز بارلىق سۆز - ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيانلىق ھەرقانداق ئىشنى قەتئىي قىلمايمەن.

مەن مەڭگۈ ئۆزۈمنىڭ بىرىنچى سالاھىيىتىنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېسىمدە مەھكەم ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا سىياسىي ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئېڭىمنى كۈچەيتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىمنى يەنىمۇ كۈچەيتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايمەن، قەتئىي، كەسكىن ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپەمنى قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ