تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاق باشلىق قاتتىق قۇيرۇقلۇق ئۆردەك ئۇلۇنگۇر كۆلىدە «ماكانلاشتى»

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ مېي، ئىختىيارىي مۇخبىر دېڭ يۈنجۈن خەۋىرى، فوتوسى): ئەتىۋارلىق قۇش تۈرى ئاق باشلىق قاتتىق قۇيرۇقلۇق ئۆردەكنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ئۇلۇنگۇر كۆلىدە «ماكانلاشقان»لىقى بايقالغان. يېقىندا، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى دېڭ يۈنجۈن ئۇلۇنگۇر كۆلى سۇلۇق يېرىدە ئاق باشلىق قاتتىق قۇيرۇقلۇق بىر جۈپ ئۆردەكنىڭ چۈجىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئوزۇقلۇق ئىزدەپ، ئايلىنىپ يۈرگەن كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان.

  دېڭ يۈنجۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل 4-ئايدا، ئۇ ئۇلۇنگۇر كۆلى سۇلۇق يېرىدە 10 نەچچە ئاق باشلىق قاتتىق قۇيرۇقلۇق ئۆردەكنى بايقاپ، ئۇدا ئىككى ئاي ئىز قوغلاپ سۈرەتكە تارتىپ، ئۇلارنىڭ كەتمىگەنلىكىنى بايقىغان. 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، دېڭ يۈنجۈن يەنە بىر قېتىم كۆل رايونىدىكى سۇلۇق يەرگە كېلىپ دۇربۇن بىلەن كۆزەتكەندە، تۇيۇقسىز بىر چىشى ئاق باشلىق قاتتىق قۇيرۇقلۇق ئۆردەكنىڭ «پەي توپ»قا ئوخشايدىغان بەش چۈجىسىنى باشلاپ سۇ يۈزىدە ئۈزۈپ يۈرگەنلىكىنى بايقىغان.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ قۇشلارنى كۆزىتىش جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۇلۇنگۇر كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى بولغاچقا، يېقىنقى ئىككى يىلدا، شىنجاڭ قۇشلارنى كۆزىتىش جەمئىيىتىدىكى قۇش ھەۋەسكارلىرى ھەر ئەتىياز، ياز پەسلىدە بۇ يەردە 10 نەچچە ئاق باشلىق قاتتىق قۇيرۇقلۇق ئۆردەكنىڭ دەم ئېلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان.

  «ئىلگىرى، بەزى قۇش ھەۋەسكارلىرىمۇ ياز پەسىلىدە ئاق باشلىق قاتتىق قۇيرۇقلۇق ئۆردەكنىڭ چۈجىلىرىنى بېقىۋاتقان كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان، بۇ قېتىم يەنە ئۇلارنىڭ چۈجىلىرىنى بېقىۋاتقان كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە تارتىۋاپتۇ، بۇ ئۇلارنىڭ بۇ يەردە ماكانلاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.» دېدى شىنجاڭ قۇشلارنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاق باشلىق قاتتىق قۇيرۇقلۇق ئۆردەك ئىنتايىن ئەتىۋارلىق بولۇپ، يەر شارىدا تەخمىنەن 7000 دىن 13 مىڭ 100 گىچە بار ئىكەن. 1996-يىلى دۇنيا دەرىجىلىك جۇڭگودىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانلار قىزىل تاشلىق كىتابى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، يەرشارى خاراكتېرلىك يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانغا تەۋە ئىكەن.

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ما مىڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، ئاق باشلىق قاتتىق قۇيرۇقلۇق ئۆردەكتىن دۆلىتىمىزدە ئاران 100 ئەتراپىدا ساقلىنىپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچىسى شىنجاڭغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، مۇقىم تۈر توپى قۇرۇلغان، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بەينياۋخۇ كۆلى ۋە كۈيتۈن سۇلۇق يېرىدە ئەۋلاد قالدۇرۇپ كۆپەيگەنلىكى بايقالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ