تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   سۈرەتتىكى دۇنيا

ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خېنەن: مول ھوسۇللۇق ئېتىز، ئىستىقباللىق زېمىن

تەيخاڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان خېنەن ئۆلكىسى لىنجوۋ شەھىرى شىبەنيەن بازىرىدا، بىر نەچچە ساياھەتچى تاغلىق رايوننىڭ كۈز مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتماقتا (2018-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). (لى ئەن فوتوسى)
خېنەن ئۆلكىسى ۋۇياڭ ناھىيەسى باۋخې يېزىسى شىلىپۇ كەنتىدىكى بىر بۇغدايلىقتا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىسى بۇغداي ئورۇماقتا (2019-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). (لى ئەن فوتوسى)
خېنەن پەن-تېخنىكا شۆيۈنىنىڭ بۇغداي تەتقىقات مەركىزىدە، رۇ جېنگاڭ ياروۋىزاتسىيە ئۆيىدە بۇغداينىڭ مايسا مەزگىلىدىكى ھالىتىنى كۆزەتمەكتە (2017-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). (لى جيانەن فوتوسى)
ئىستېمالچىلار خېنەننىڭ جېڭجوۋدىكى جۇڭدامېن باجدىن خالىي بىۋاسىتە سېتىۋېلىشنى ھېس قىلىش مەركىزىدىن ئىمپورت قىلىنغان گىرىم بۇيۇملىرىنى تاللىماقتا (1-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). (لى جيانەن فوتوسى)
خېنەن ئۆلكىسى ۋۇياڭ ناھىيەسى باۋخې يېزىسى دالۇلى كەنتىدىكى بىر بۇغدايلىقتا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىسى ماشىنا ئارقىلىق بۇغداي ئورۇماقتا (5-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت). (لى ئەن فوتوسى)
ئايرودۇرۇم خىزمەتچىسى جېڭجوۋدىكى شىنجېڭ خەلقئارا ئايروپورتى غەربىي يۈك پونكىتى ئىسكىلاتىدا يۆتكەش-توشۇش ئاپتوموبىلى ھەيدىمەكتە (4-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). (لى جيانەن فوتوسى)
جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (جېڭجوۋ) لىق يۈك بېسىپ جېڭجوۋ تۆمۈريولى كونتېينېر مەركىزى ۋوگزالىدىن چىقماقتا (2018-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت). (لى ئەن فوتوسى)
ليۇكسېمبۇرگ خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ يۈك ئايروپىلانى جېڭجوۋدىكى شىنجېڭ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئايروپىلان توختىتىش مەيدانىغا توختىتىپ قويۇلغان (6-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). (لى جيانەن فوتوسى)
«جېڭجوۋ-لوندون» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى تۇنجى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CZ653 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى جېڭجوۋدىكى شىنجېڭ خەلقئارا ئايروپورتىدىن كۆتۈرۈلمەكتە (6-ئاينىڭ 25-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). (لى جيانەن فوتوسى)

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش