تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«گۈزەل جۇڭخۇا . گۈزەل تاغ-دەريالار . شىنجاڭدىكى بايقاش» تۇنجى نۆۋەتلىك مىكرو فىلىم مۇسابىقىسى ئەسەرلىرىنى توپلاش ئۇقتۇرۇشى

  1. پائالىيەت قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرىنى سۈرەتلەش، ئاجايىپ شىنجاڭدىكى بايقاش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنىڭ گۈزەل داستانلىرىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن، 2019-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك-تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى) شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇ مەركىزى «گۈزەل جۇڭخۇا . گۈزەل تاغ-دەريالار . شىنجاڭدىكى بايقاش» تۇنجى نۆۋەتلىك مىكرو فىلىم مۇسابىقىسى مۇكاپاتلىق توپلاش پائالىيىتىنى باشلىدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنگەن بولۇپ، شىنجاڭ مەنزىرىسى باش تېمىسىدىكى مۇنەۋۋەر مىكرو فىلىم ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى مۇكاپاتلىق توپلاپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ قوشىدىغان بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەر ئارقىلىق، كۆپ ئۆلچەملىك، كۆپ بۇلۇڭلۇق، ئىجادىي كۆرۈنۈش تىلىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، يېرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك ئىكەنلىكىنى، جانلىق، رەڭگارەڭ، مول ۋە كۆپ خىل تەبىئىي مەنزىرىسىنى ۋە ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى جانلىق نامايان قىلىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ئاساسىي تېمىسىنى ياڭرىتىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا سوۋغا تەقدىم قىلىدۇ.

  2. پائالىيەت باش تېمىسى

  گۈزەل جۇڭخۇا . گۈزەل تاغ-دەريالار . شىنجاڭدىكى بايقاش

  3. توپلاش ئوبيېكتى ۋە مەزمۇنى

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقە پۈتۈن مەملىكەتتىكى فىلىم ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيەت ئاپپاراتلىرى، كوللېكتىپلار ھەمدە شەخسلەردىن ئەسەر توپلىنىدۇ، مۇسابىقىگە قاتناشقان سۇبيېكتلار ئاپتونوم رايون ئىچى-سىرتىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، تاراتقۇ ئاپپاراتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، خىزمەتخانىلار، فوتو-سۈرەت ھەۋەسكارلىرى ۋە فىلىم ھەۋەسكارلىرى قاتارلىقلار بار. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار مىكرو فىلىم ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، گۈزەل، تەسىر قىلىش كۈچى مول فىلىم كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن شىنجاڭنىڭ گۈزەل ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، ئادىمىيەت ئۆرپ-ئادىتى، نازۇنېمەتلىرى، ساياھەت تەرەققىياتى ۋە گۈزەل ئېكولوگىيەسىنى تولۇق نامايان قىلسا بولىدۇ.

  مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر تۆۋەندىكى تېمىلارنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ:

  شىنجاڭدىكى بايقاش: ئاجايىپ مەنزىرە؛ شىنجاڭنىڭ ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل تەبىئىي قىياپىتىنى نامايان قىلىش؛

  شىنجاڭدىكى بايقاش: ئادىمىيەت مەنزىرىسى؛ شىنجاڭنىڭ مول ئادىمىيەت رايون ئۆرپ-ئادىتىنى نامايان قىلىش؛

  شىنجاڭدىكى بايقاش: نازۇنېمەتلەر؛ شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئېسىل تائام مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش؛

  شىنجاڭدىكى بايقاش: ئېكولوگىيە سەپىرىدىكى خاتىرىلەر؛ شىنجاڭ ساياھىتىدىكى سەپەر سۈرەتلىرىنىڭ ھېكايىلىرىنى بايان قىلىش.

  4. ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر

  (1) مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا رىئايە قىلغان بولۇشى، ئاكتىپ مەزمۇن بولۇشى، ساغلام، ئالغا ئىنتىلىشچان بولۇشى، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن شىنجاڭنىڭ گۈزەل ھېكايىلىرىنى بايان قىلىشى، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى تارقىتىشى كېرەك.

  (2) مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر «گۈزەل جۇڭخۇا . گۈزەل تاغ-دەريالار . شىنجاڭدىكى بايقاش» باش تېما تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى، ئىجادىيلىق، يېڭىلىق، بەدىئىيلىكنى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك؛ مەزمۇن قۇرۇلمىسى مۇكەممەل بولۇشى كېرەك؛ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان بارلىق فىلىملەرنىڭ ئىجادىي، تۇنجى ئېلان قىلىنغان ئەسەر بولۇشى، ئەدەبىيات-سەنئەت نادىر ئەسەرلىرىنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ.

  (3) مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئەسەرلىرىنىڭ تولۇق ئەسەر ھوقۇقىغا ئىگە، مۇسابىقىگە قاتناشقان شەخسلەر ۋە كوللېكتىپلار ئەسەرلىرىدە ئىشلىتىلگەن سۈرەت، مۇزىكا، خەت شەكلى قاتارلىقلارنىڭ نەشر ھوقۇقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تولۇق مەسئۇل بولۇشى ھەمدە ھوقۇق بېرىلگەن مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگۈچى تەرەپ ئەسەرلەر ۋە يوللانغان ماتېرىياللارنى ئىككىنچى قېتىم تەھرىرلەپ مونتاژلىشى، پرېسلىشى ۋە توپلام قىلىشى، ئالاقىدار تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى بېسىپ چىقىرىشى، شۇنىڭدەك تور سۇپىسى، ئېلېكتىرونلۇق ئېكران، تېلېۋىزىيە قاتارلىق تاراتقۇلار ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەردە كۆرسىتىشى كېرەك.

  (4) ئەسەرلەرنىڭ شەكلى MP4، كودى H.264، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى Logo قوشۇلمىغان سۈزۈك نۇسخىسى بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، توغرا ئېكران نۇسخىسىنىڭ ئېنىقلىقى 1080*1920، رەسىم ھەجىمى 16:9، ۋاقىت ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم مىنۇت ئىچىدە بولۇشى؛ تىك ئېكران نۇسخىسىنىڭ ئېنىقلىقى 1920*1080، رەسىم ھەجىمى 9:16 بولۇشى، ئۇزۇنلۇقى 30 سېكۇنتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  5. پائالىيەت ۋاقتى

  (1) ئەسەر توپلاش باسقۇچى: 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە

  (2) ئەسەر كۆرسىتىش ۋە باھالاش: 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە

  (3) توردا بېلەت تاشلاش ۋە باھالىغۇچىلار باھالاپ تەكشۈرۈش: 7-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە

  (4) مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش ۋە مۇكاپات تارقىتىش: 8-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە

  6. مۇكاپات تۈرىنى تەسىس قىلىش (ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى: 160 مىڭ يۈەن)

  (1) مىكرو فىلىم مۇكاپاتى: ئەڭ ياخشى مىكرو فىلىم مۇكاپاتى بىر نەپەر، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك گۇۋاھنامىسى، مۇكاپات لوڭقىسى ۋە 30 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى بىلەن تەقدىرلىنىدۇ؛ مىكرو فىلىم مۇكاپاتى ئىككى نەپەر، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك گۇۋاھنامىسى، مۇكاپات لوڭقىسى ۋە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى بىلەن تەقدىرلىنىدۇ؛

  (2) ئىجادىيەت مۇكاپاتى: ئەڭ ياخشى ئىجادىيەت مۇكاپاتى بىر نەپەر، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك گۇۋاھنامىسى، مۇكاپات لوڭقىسى ۋە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى بىلەن تەقدىرلىنىدۇ؛ ئىجادىيەت مۇكاپاتى ئىككى نەپەر، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك گۇۋاھنامىسى، مۇكاپات لوڭقىسى ۋە 5000 يۈەن مۇكاپات پۇلى بىلەن تەقدىرلىنىدۇ؛

  (3) ئالقىشلىق (ئەسەر) مۇكاپاتى: ئەڭ ئالقىشلىق (ئەسەر) مۇكاپاتى بىر نەپەر، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك گۇۋاھنامىسى، مۇكاپات لوڭقىسى ۋە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى بىلەن تەقدىرلىنىدۇ؛ توردىكى ئالقىشلىق (ئەسەر) مۇكاپاتى ئىككى نەپەر، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك گۇۋاھنامىسى، مۇكاپات لوڭقىسى ۋە 5000 يۈەن مۇكاپات پۇلى بىلەن تەقدىرلىنىدۇ؛

  (4) بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش مۇكاپاتى: ئەڭ ياخشى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش ماھىرى مۇكاپاتى بىر نەپەر، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك گۇۋاھنامىسى، مۇكاپات لوڭقىسى ۋە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى بىلەن تەقدىرلىنىدۇ؛ بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش ماھىرى مۇكاپاتى ئىككى نەپەر، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك گۇۋاھنامىسى، مۇكاپات لوڭقىسى ۋە 5000 يۈەن مۇكاپات پۇلى بىلەن تەقدىرلىنىدۇ؛

  (5) مونتاژ مۇكاپاتى: ئەڭ ياخشى مونتاژ مۇكاپاتى بىر نەپەر، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك گۇۋاھنامىسى، مۇكاپات لوڭقىسى ۋە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى بىلەن تەقدىرلىنىدۇ؛ مونتاژ مۇكاپاتى ئىككى نەپەر، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك گۇۋاھنامىسى، مۇكاپات لوڭقىسى ۋە 5000 يۈەن مۇكاپات پۇلى بىلەن تەقدىرلىنىدۇ؛

  (6) تەشكىلات مۇكاپاتى: مۇنەۋۋەر تەشكىلات مۇكاپاتى 10، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك گۇۋاھنامىسى ۋە مۇكاپات لوڭقىسى بىلەن تەقدىرلىنىدۇ، ھەر بىرىگە 3000 يۈەن مۇكاپات پۇلى بېرىلىدۇ.

  7. قاتنىشىش ئۇسۇلى

  يوللاش ئېلېكترونلۇق پوچتا ساندۇقى: jinxiuzhonghua2019@163.com

  يوللاش مەزمۇنى: فىلىم پۈتكەن نۇسخىسى، ئاپتورنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، ئورۇن نامى (تولۇق نامى)، ئەسەر نامى، ئەسەرنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى (100 خەت ئەتراپىدا) قاتارلىقلار.

  مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 2627779-0991، 2633223-0991.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ