تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر يەن شوۋلىن فوتوسى، خەۋىرى): 7-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى توپخان بازىرى يېڭى كەنتىدە سەۋزىدىن مول ھوسۇل ئالغان دېھقانلار ھاياجانغا چۆمدى. بۇ يىل، ئونسۇ ناھىيەسى توپخان بازىرى ئۆز جايىنىڭ سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى يېتەرلىك بولۇش ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دېھقانلارنى مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى، ساقلاشقا چىداملىق، بازىرى ياخشى سەۋزە تېرىشقا پائال يېتەكلىدى، تېرىپ بولغاندىن كېيىن دېھقانلار ئېتىز پەرۋىشىنى كۈچەيتكەنلىكتىن، بازار بويىچە 625 مو يەردىكى سەۋزىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، بىرلىك مەھسۇلات تۆت توننىغا يەتتى، بۇ سەۋزىلەر شىنجاڭدىكى چوڭ شەھەرلەرگە ئارقا-ئارقىدىن سېتىلدى.
ئونسۇ ناھىيەسى: سەۋزىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى
مۇھەررىر :
گۈلنۇر تۇرسۇن
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/07/23 20:14
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.