تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلاشتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتتى

− 2019 - يىللىق «چېگرا رايونغا ياردەم بەرگەن ئەڭ گۈزەل شەخس»لەر توغرىسىدا (2)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

چېگرا رايونغا ياردەم بەرگەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە چېگرا رايون جۇغراپىيەلىك ئۇقۇم دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن، ئۇ يەردە ئۇلارنىڭ تۆھپىسى ۋە كۈرىشى بار، ئۇرۇق - تۇغقاندەك ئۆتىدىغان مىللىي قېرىنداشلىرى بار، ئۇنتۇلغۇسىز ئىشلار بار...

پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، يېپيېڭى قىياپەت بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىۋاتقان پەيتتە، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 2019- يىللىق «چېگرا رايونغا ياردەم بەرگەن ئەڭ گۈزەل شەخس» نامزاتلىرىنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئېلان قىلدى.

تەسىرلىك ھېكايىلەر بىر - بىرىگە قوشۇلۇپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشنىڭ تەسىرلىك مېلودىيەسىگە ئايلاندى.

كۆڭۈل بىلەن كۆڭۈلنى ئۇتۇش: چېگرا رايوندىكى پۇقرالارنى ئۇرۇق - تۇغقىنىدەك كۆرۈش

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان، تيەنجىندىن كېلىپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىر شى شىمىڭ ئۇدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەنلىكتىن تۇيۇقسىز قاناش خاراكتېرلىك مېڭە سەكتىسى قوزغىلىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، 2019- يىلى 1- ئايدا كېسەل سەۋەبىدىن 43 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. كېسىلى قوزغىلىشتىن بۇرۇن، شى شىمىڭ تېخى خىزمەتداشلىرىغا ھەپتە ئاخىرىدا «كىچىك ئانار»نى كۆرۈپ كېلىشنى تاپىلىغانىدى.

شى شىمىڭ غېمىنى قىلغان «كىچىك ئانار» بىر ئۇيغۇر قىزچاق. 2017- يىلى 4- ئايدا، ھامىلىدار ئايال مەيمۇنىخان ئېغىر دەرىجىدە قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ داۋالىتىشقا پۇلى بولمىغاچقا، شى شىمىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسىدا ئىئانە توپلاپ، مەيمۇنىخاننىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى ھەم بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن «كىچىك ئانار» دەپ ئىسىم قويۇپ بەردى، بۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشايلى دېگەن مەنىدە ئىدى. شى شىمىڭ ھوشسىز ياتقان مەزگىلدە، مەيمۇنىخان كېسەلخانىنىڭ سىرتىدا ئۆكسۈپ يىغلىدى. شى شىمىڭنىڭ قوشماقلاشقان «تۇغقان»ى تۇنىساخاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ICU كېسەلخانىسىغا ئەكىرىپ بېرىش ئۈچۈن قۇرۇق ئۈزۈم كۆتۈرۈپ كەلدى...

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ساقچى يې شيۇڭ قۇتۇبى ناھىيەسى ئەرشىلدەن بازىرىدىكى ئۇيغۇر دېھقان ئىسرايىل ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن «تۇغقان»لاشتى. 2017- يىلى، 50 ياشلىق ئىسرايىل ئەما بولۇپ قالغاچقا، ئېتىزدا ئىشلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالغانىدى، يىغقان ئازغىنا پۇلىنىمۇ كىچىك ئوغلىنىڭ كېسىلىنى كۆرسىتىشكە ئىشلىتىپ بولغانىدى. يې شيۇڭ ئىسرايىل ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەردەك كۆرۈپ كۆڭۈل بۆلدى، ياردەم بەردى. «قول تۇتۇشۇپ تۇرغانسېرى گېپىمىز كۆپىيىدۇ، كۆڭلىمىز يېقىنلىشىدۇ، بىزمۇ بارغانسېرى يېقىن بولۇپ كېتىمىز» دېدى يې شيۇڭ.

2013- يىلى چېن ياۋپىڭ خوتۇنى بىلەن خېنەن لوخېدىن شىنجاڭ ئاقسۇغا كېلىپ، بەشتۈگمەن يېزىسىنىڭ ئارا لەڭگەر كەنتىدە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى. بىر قېتىم قۇرۇلۇش ئورنىدىكى سېمونت لاي ئېتىش ماشىنىسى بۇزۇلۇپ قالدى، ئۇيغۇر قېرىنداش تۇرسۇن توختى ئۆزلۈكىدىن ياردەملىشىپ رېمونت قىلىپ بەردى، چېن ياۋپىڭ بۇنىڭدىن ناھايىتى تەسىرلەندى. تۇرسۇننىڭ ئائىلىسىدە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بارلىقىنى بىلىپ، چېن ياۋپىڭ بۇ ئائىلىدىكىلەرگە ياردەم بېرىش قارارىغا كەلدى.

قاما توشقان بېقىشتا تەجرىبىسى بار چېن ياۋپىڭ تۇرسۇنغا توشقان بېقىشنى ئۆگىتىشنى قارار قىلدى. دەسلەپكى باققان بەش نەسىللىك توشقان ھازىر كۆپىيىپ 3000دىن ئاشتى، بۇلتۇر تۇرسۇن ئائىلىسىنىڭ توشقان بېقىشتىن قىلغان كىرىمى 270 نەچچە مىڭ يۈەنگە يېتىپ، توشقان بېقىش لاپىسى سالدى، يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. تۇرسۇن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ئائىلىمىزگە يەتكۈزگەن مېھىر - شەپقىتىنى ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ!»

«مائارىپقا ياردەم بېرىش بىزنى شىزاڭدا نۇرغۇن <تۇغقان>غا ئىگە قىلدى.» بۇ خۇبېي ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەر شۆيۈەنى «كېسان گۈلى» مائارىپقا ياردەم بېرىش ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ تەسىراتى.

چيۇڭجيې ناھىيەسى شىزاڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئاجىز ئىدى. 2014- يىلى، خۇبېي شياڭياڭ شەھەرلىك شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىشخانىسى بىلەن خۇبېي ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەر شۆيۈەنى مەكتەپتىكى مۇنەۋۋەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلىرىنى تاللاپ، چيۇڭجيې ناھىيەلىك ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مائارىپىغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. ئەڭ دەسلەپكى بىر يىلدا بىر تۈركۈمدىن بىر يىلدا ئىككى تۈركۈمگىچە، خۇبېي ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەر شۆيۈەنىنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىشقا ئەۋەتكەن ئەترەت ئەزاسى سەككىز تۈركۈمدە جەمئىي 37 ئادەم قېتىمغا يەتتى. مائارىپقا ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ كۆپلىگەن ئەزاسى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىزاڭغا قايتىپ خىزمەت قىلدى. چوڭقۇر دوستلۇق خۇددى گۈزەل كېسان گۈلىدەك خۇش پۇراق چاچتى.

ھەقىقىي ھېسسىياتى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاش: چېگرا رايونغا ياردەم بېرىش ئىشلىرىنى مۇقەددەس بىلىش

بۇ يىل 59 ياشقا كىرگەن گو گۇيفاڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 5- شىسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى (خۇاڭگاڭ ئوتتۇرا مەكتىپى 5- شى شۆبە مەكتىپى)نىڭ مەكتەپ مۇدىرى. 2014- يىلى 8- ئايدىن باشلاپ، ئۇ شىنجاڭدا ئۇدا بەش يىلغا يېقىن خىزمەت قىلدى. سەھەردە، ئۇ تاڭ نۇرىنى كۈتۈۋېلىپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئەتىگەنلىك گىمناستىكىغا چىقتى؛ كەچتە، ئوقۇغۇچىلار ئۇخلاپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆيىگە قايتتى. لاۋ گو شىنجاڭدا پېنسىيەگە چىققۇچە ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2016- يىلى 7- ئايدا، ئەينى چاغدىكى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى جياڭسۇ شىركىتى ليەنيۈنگاڭ شۆبە شىركىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور دۇەن يۈپىڭ شىزاڭغا بېرىپ، ئالى ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، گەيزې ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ھاكىم بولدى. 1000دىن ئارتۇق كېچە - كۈندۈزدە، دۇەن يۈپىڭ جاپالىق تىرىشىپ نامرات ئائىلىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپ بالىلىرىنى دەرسخانىغا كىرگۈزۈپ، گەيزې ناھىيەسىگە بېيىش «باھار شامىلى»نى ئېلىپ كەلدى.

2010- يىلى 7- ئايدا، شەنشى ئۆلكىسى خەنجۇڭ شەھەرلىك دوختۇرخانا تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى لو مېڭ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ 6- تۈركۈمدە شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالى ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كېلىپ خىزمەت قىلدى. ئۇ ئاغرىقلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، يان تېلېفونىنى 24 سائەت ئوچۇق قويۇپ، قانچىلىك ھېرىپ - چارچاپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر كۈنى ئاغرىقلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تۇردى، جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلار كەلگەندە چاقىرغان ھامان يېتىپ كەلدى.

«مېنىڭ قەلبىم ئالىدا، ئۇ يەر ماڭا موھتاج.» شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئاخىرلىشىپ شەنشىگە قايتقاندىن كېيىن لو مېڭ دائىم ئالىدىكى يۇرتداشلارنىڭ ئۈمىدلىك قاراشلىرىنى ئەسلەپ تۇردى. 2018- يىلى 3- ئايدا لو مېڭ يەنە ئالى ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا يۆتكىلىپ خىزمەت قىلدى.

ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش: قېرىنداشلارنىڭ ئېھتىياجىنى بۇرچ دەپ بىلىش

ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، گۇاڭدۇڭ جۇخەيلىك دوختۇر گۇەن يەنپىڭ يۈننەن ئۆلكىسى نۇجياڭ لىسۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىڭجۇڭلو بازىرىغا كەلدى. ئۇ كەنتلەرنى، ئائىلىلەرنى ئارىلاپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ، ئارخىپ يېزىپ، ئاغرىق - سىلاقلارنى داۋالىدى. ئېگىز تاغ جىلغىلىرى ئارىسىدىكى 46 كەنت، گۇرۇپپىغا ئۇ تۆت قېتىم باردى.

مۇخبىر ئىلگىرى گۇەن يەنپىڭ بىلەن بىللە كەنتكە بارغانىدى. تاغ يولى بۇلۇتلۇق تۇمان بىلەن قاپلانغان چوڭقۇر ھاڭ ۋە تىك قىيالاردا ئېسىلىپ دېگۈدەك تۇراتتى، ئات - قېچىرنىڭ تۇياق ئىزىنى بويلاپ، قول - پۇتنى تەڭ ئىشقا سالغاندىلا ئاندىن ئۈستىگە چىققىلى بولاتتى.

مۇشۇنداق قىلىپ، گۇەن يەنپىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە، شىنديەنتۇ ئۈسكۈنىسى، داۋالاش سومكىسى، دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورا قاتارلىق بۇيۇملارنى يۈدۈپ، بەزىدە يامىشىپ، بەزىدە مېڭىپ، تاغ ئىچىگە 300 نەچچە قېتىم كىرىپ، 3000دىن ئارتۇق ئادەم قېتىم كېسەل كۆرۈپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ سالامەتلىكىنى 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تەكشۈرۈپ، شۇ جايدىكى ئامما تەرىپىدىن ئەڭ گۈزەل «سېۋەت يۈدۈگەن دوختۇر» دەپ تەرىپلەندى.

2015- يىلى 10- ئاينىڭ بېشىدا، خۇنەندىن شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەن كادىر ۋۇ گوچياڭنىڭ شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مۇددىتى ئاخىرلىشاي دېگەن ۋاقىتتا، شەننەن شەھىرى گۇڭگا ناھىيەسىدە تۇيۇقسىز يۇقۇم ئەھۋالى يۈزبېرىپ، قوي - كالىلار بىر - بىرلەپ يىقىلدى، پۇقرالارنىڭ ئازابلانغان ھالىتى ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئاغرىتتى.

«مەن قالاي، سىلەر ئاۋۋال مېڭىپ تۇرۇڭلار!» ۋۇ گوچياڭ ھەمراھلىرى بىلەن بىللە خۇنەنگە قايتماي، كەسكىن ھالدا يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان كەنتكە ئاتلىنىپ، شۇ جاينىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى تىزگىنلىشىگە ھەمكارلاشتى.

2014- يىلى 7- ئايدا، چېن شيەن ئەنخۇيدىن شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن تۇنجى ئايال ئادۋوكات بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىزاڭ چاڭدۇ شەھىرى كانو رايونىغا كەلدى. ئېگىز ھەم سوغۇق، ئوكسىگېن يېتىشمەيدىغان مۇھىتتا ئۇ باش ئەگمەي، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەتكە ئاتلاندى.

2014- يىلىدىن بۇيان، چېن شيەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىزاڭ، ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭغا بېرىپ، چېگرا رايوندىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قانۇن ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى. بەزىلەر بۇنى چۈشەنمىدى، بىر ئادۋوكات نۇرغۇن كىرىم ۋە راھەت - پاراغەتلىك تۇرمۇشتىن ۋاز كېچىپ، چوقۇم چوڭ غەربىي شىمالغا كېلىپ نېمىنى كۆزلىگەندۇ؟ دېيىشتى. «ھەر قېتىم ئاشۇ ياردەمسىز قالغان دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇننىڭ ياردىمىدە قايتىدىن ئۈمىدكە تولغانلىقىنى كۆرگىنىمدە، ئۆزۈم تۆلىگەن بارلىق بەدەللىرىمنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلىمەن» دېدى چېن شيەن.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ