تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلە» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى

«شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلە» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خۇاڭ شياۋشى، ساۋ بىن) گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 7- ئاينىڭ 21- كۈنى «شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلە» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىغا، ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان، موڭغۇلىيە، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستاندىن ئىبارەت سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، داڭلىق «يىپەك يولى» بۇ جايدا قەدىمكى جۇڭگو بىلەن دۇنيانى باغلاپ، ئۇنى كۆپ خىل مەدەنىيەت جەملەنگەن جايغا ئايلاندۇرغان.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگو بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى. ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە، شىنجاڭنىڭ تەقدىرى باشتىن - ئاخىر ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەلگەن. ھالبۇكى، بىر مەزگىلدىن بۇيان، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر، بولۇپمۇ مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان - تېررورچى كۈچلەر جۇڭگونى بۆلۈۋېتىش، پارچىلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، تارىخنى قەستەن بۇرمىلاپ، ھەق - ناھەقنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتتى. ئۇلار شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى يوققا چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت ئالماشقان، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىدەك ئوبيېكتىپ پاكىتنى ئىنكار قىلىپ، شىنجاڭنى بىمەنىلىك بىلەن «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتاپ، شىنجاڭ «مۇستەقىللىقى»نى تەرغىب قىلىپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدىن، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇندى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تارىخنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، پاكىتنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. شىنجاڭ جۇڭگو مۇقەددەس زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭ ئەزەلدىن قانداقتۇر «شەرقىي تۈركىستان» ئەمەس؛ ئۇيغۇر مىللىتى ئۇزاق مەزگىل كۆچۈش، يۇغۇرۇلۇش نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى؛ شىنجاڭ كۆپ خىل مەدەنىيەت، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى قوينىدا يېتىلىپ تەرەققىي قىلغان؛ ئىسلام دىنى ئۇيغۇر مىللىتى ئەلمىساقتىن تارتىپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىن ئەمەس ھەم بىردىنبىر ئېتىقاد قىلغان دىن ئەمەس، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە يۇغۇرۇلغان ئىسلام دىنى جۇڭخۇانىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان ھەم ساغلام راۋاجلانغان.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئىقتىساد سىجىل تەرەققىي قىلماقتا، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولماقتا، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا، مەدەنىيەت مىسلىسىز گۈللەنمەكتە، دىنلار ئېجىل، رايىش ئۆتمەكتە، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشماقتا، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرماقتا. 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ