تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

«تۈزىتىش»نى باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈرەيلى

− «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك ئوبزور

شۈ چىڭگۇاڭ

بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ بىر تەرەپتىن تۈزىتىش، دەرھال تەكشۈرۈپ دەرھال تۈزىتىش، بىلگەن ھامان تۈزىتىش، تۈزىتىش تىزىملىكى تۇرغۇزۇش، مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، تۈزىتىش ۋاقىت چېكىنى بېكىتىش، تۈزىتىش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، تۈزىتىش مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش، تۈزىتىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەش... «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرما بويىچە، «تۈزىتىش»نى باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

«بىر ھەرىكەت بىرمۇنچە پىروگراممىدىن ئەلا». باش تېما تەربىيەسىگە باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈلگەن تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىر ئىچىدە، ئەگەر «ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش»تە ئاساسلىق ئىپادىلەنگىنى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى دېيىلسە، ئۇنداقتا «تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش»تە ئاساسلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگىنى ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىدۇر. باش تېما تەربىيەسىدە پۇختا ئۈنۈمگە ئېرىشىش - ئېرىشەلمەسلىكتە ئاساسلىقى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ قانداق ئىشلەنگەنلىكىگە، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنىڭ بار - يوقلۇقىغا قاراش كېرەك.

تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانى مەسىلىگە توغرا قاراش، خاتالىقنى تۈزىتىش جەريانى، كېسەلنى داۋالاپ بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش جەريانىدۇر. جەزمەن باشتىلا ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەقىقىي تۈزىتىش، ئەمەلىي تۈزىتىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش كېرەك. ھازىر تۈزەتكىلى بولىدىغانلىرىنى ۋاقىت چېكى ۋە تەلەپنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قەرەلىدە، جايىدا تۈزىتىش؛ ۋاقتىنچە ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىرىنى چىڭ كۆزلەپ قويۇپ بەرمەي، تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، باسقۇچ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىجىل تۈزىتىش كېرەك. «تۈزىتىش»نى باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈرگەندىلا، ئاندىن پارتىيەنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىدىغان، پارتىيە ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى، ئاندىن نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش نىشانىغا يەتكىلى، ئاندىن ھەقىقىي نەتىجە - ئۈنۈم ئارقىلىق ئاممىنى مايىل قىلغىلى، ئەل قەلبىنى مايىل قىلغىلى بولىدۇ.

«مەسىلە دەۋرنىڭ ساداسى». تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا، جەزمەن مەسىلىگە دادىل يۈزلىنىپ، مەسىلىنى ھەقىقىي، ئەمەلىي ھەل قىلىپ، دورا بېرىپ ئوپېراتسىيە قىلىشتەك كېسەل داۋالاش ئۇسۇلى ۋە ئاساسنى پۇختىلاپ روھ يېتىلدۈرۈشتەك بەدەننى كۈچلەندۈرۈش تەدبىرىنى ياخشى قوللىنىش كېرەك. ھەم پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلاردا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم رەھبەرلىك بەنزىسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھ يېتەرلىك بولماسلىق، ئۆز پايدا - زىيىنىنىڭلا غېمىنى يېيىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق مەسىلىلىرىنى كۈچەپ تۈزىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قول تۇتىدىغان مەسىلىلەرنى قوبۇل قىلىشقا، ھاماقەت ئەمەلدار، ھورۇن ئەمەلدار، چاكىنا ئەمەلدار، خىيانەتچى ئەمەلدار بولماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك؛ ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم ئامما دائىم غەم قىلىدىغان ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىر مەيدان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش، بىر قېتىملىق تىكلەش بىلەن يوقىتىشنى تەڭ تۇتۇش بولۇپ، بىئاراملىق ۋە كالتە تولغاق بولماي قالمايدۇ، جەزمەن بېشىدا چىڭ تۇرۇپ ئاخىرىدا بوشاپ قېلىش، ئۇزاققىچە سۆرەپ ھەل قىلماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قەغەز يۈزىدە تۈزىتىش، ساختا تۈزىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاددىيلا ھالدا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزىتىش نامى بىلەن قاتلاممۇقاتلام جەدۋەل تولدۇرۇپ سان مەلۇم قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

«يۇقىرىدىكىلەر نېمە قىلسا، تۆۋەندىكىلەر شۇنى قىلىدۇ». تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جەزمەن رەھبەرلىك ئورگانلىرى، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار بىر قەدەم بالدۇر ئۆگىنىشى، چوڭقۇرراق ئۆگىنىشى، ئاۋۋال تۈزىتىشى، پۇختىراق تۈزىتىشى كېرەك». رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئۆزىدىكى مەسىلىنى تۈزىتىشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇشى كېرەك، ئېغىزدىلا «ئىرادە باغلاش»قا، يىغىندىلا «پىلان تۈزۈش»كە، قەغەزدىلا «ئەمەلىيلەشتۈرۈش»كە قەتئىي بولمايدۇ، تۆۋەننىلا تۇتۇپ، ئۆزىنى تۇتماسلىققا قەتئىي بولمايدۇ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش جاسارىتى بىلەن كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. «سەركە»لىكنى ياخشى قىلىش بىلەن بىللە، رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار يەنە «ئۆتكەلنى ئىگىلىگۈچى»لىكنى ياخشى قىلىپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا نازارەتچىلىك، يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى ۋە كېڭەيتىشى كېرەك.

«ئادەم خاتالىقىنى بىلمەسلىكتىن ئەنسىرەيدۇ، ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ تۈزىتىشنى خالىمىسا، جۈرئەتسىزلىك بولىدۇ.» شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر جەريان كېتىدۇ، بەزى ھەل قىلىپ بولۇنغان مەسىلىلەر قايتا باش كۆتۈرۈشى مۇمكىن، بەزى يېڭى مەسىلىلەر تەدرىجىي ئاشكارىلىنىشى مۇمكىن. بۇ بىزدىن «تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە جەڭنى ھەرگىز توختاتماسلىق» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىك تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېتىشكە تېگىشلىك يوچۇقلارنى ياخشى ئېتىپ، تۈزىتىشنىڭ ئۈزۈل - كېسىل، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ