ئاپتورى: ۋاڭ ۋېي
خىزمەت ئورنى: بايىنغولىن ئوبلاستى لېۋېي مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى
فىلىمنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
5-ئاينىڭ 30-كۈنى، «ساياھەتچىلەرنىڭ غەربكە ساياھىتى بەشىنچى مەۋسۈم− قەدىمىي يادىكارلىقلارنىڭ سىرىنى ئېچىش» تور باش تېمىلىق تارقىتىش پائالىيىتىگە قاتناشقانلار ئۈچىنچى بېكەت − شىنجاڭ ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە يېتىپ كەلدى، بىرىنچى قېتىم ئالتۇنتاغ سەپىرىگە ئاتلىنىش ئالدىدا، گەرچە نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللارنى كۆرگەن بولساممۇ، ئەمما بۇ يەرنىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى مېنى يەنىلا ھاڭ-تاڭ قالدۇردى، بۇ يەردە مېنى ھەممىدىن بەك تەسىرلەندۈرگىنى كەڭ تەبىئەت بىلەن بىر تەن بىر گەۋدە بولۇپ بىللە ياشاۋاتقان ھايۋانلارنىڭ جانلىق كارتىنىسى بولدى. «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون»دىكى ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرە كىشىنى ھەيران قالدۇرسا، ياۋايى ھايۋانلار ۋە ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئازادە، خاتىرجەم ياشايدىغان مۇشۇنداق بىر شادلىق باغچىسىنىڭ بولغانلىقى كىشىنى تولىمۇ سۆيۈندۈرەتتى.