7-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېزا-كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىش» تېمىسىدىكى «يېزا-كەنت مەدەنىيىتى بايرىمى» پائالىيىتى شايار ناھىيەسى قايلور بازىرى جۇڭشياۋ مەدەنىيەت مەيدانىدا باشلاندى.
پائالىيەت مەيدانىدا، شايار ناھىيەسى قايلور بازىرىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ھەمدە مەززىلىك تائاملار كوچىسىغا كىرىپ، «يېزا-كەنت مەززىلىك تائاملار جەمگاھى» پائالىيىتىگە قاتناشتى، قايلور پولۇسى، سامسا، كاۋاپ، داپەنجى، لەغمەنلەرنىڭ مەززىلىك پۇرىقى كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچاتتى.
قايلور بازىرى چاڭگاتېرەك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى غوپۇر ئېزىز خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«ئەسلىدە بۈگۈن ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىناي دېگەن ئىدىم، خىزمەت ئەترىتى مېنى پولۇ ئېتىپ ھۈنىرىمنى كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇردى، كېيىن ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە پۇل تاپتىم، ئەتىگەندە قىسقىغىنە ئۈچ سائەتتە 1500 يۈەن كىرىم قىلدىم، خىزمەت ئەترىتى ماڭا پۇل تېپىش ئىشەنچى بەردى، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.»
(ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن گۈلەيسەم مىجىت تەمىنلىگەن)