7-ئاينىڭ 15-كۈنى، بايىن تەنتەربىيە مەيدانىدا، ياشلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئەرلەرنىڭ 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش تەييارلىق مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ماھىرلار كەسكىن مۇسابىقىلەشمەكتە.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر لياۋ جۈن فوتوسى، خەۋىرى): 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئىللىق قۇياش نۇرى شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدىكى بايىن تەنتەربىيە مەيدانىغا چۈشۈپ تۇراتتى. بۇيرۇق تاپانچىسىنىڭ ئېتىلىشى بىلەن تەڭ، تەنھەرىكەتچىلەر خۇددى يادىن ئايرىلغان ئوقتەك پەللىدىن ئايرىلدى، مەيداندىكى سەپداشلىرى ۋە تاماشىبىنلارنىڭ مەدەت سادالىرى ئىچىدە، مۇسابىقە يولىدا تەنھەرىكەتچىلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاخىرقى نۇقتىغا ئېتىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ياش-ئۆسمۈرلەر يېنىك ئاتلېتىكا يىللىق مۇسابىقىسى شۇ كۈنى بايىنغولىن ئوبلاستىدا باشلاندى، مۇسابىقە 7-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە تەلىم-تەربىيە 1-چوڭ ئەترىتى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئۈستىگە ئالغان. ئۈرۈمچى، سانجى، قاراماي، بايىنغولىن ئوبلاستى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىن كەلگەن جەمئىي 14 ۋەكىللەر كوماندىسى، 660 نەپەر تەنھەرىكەتچى بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان. مۇسابىقىدە ئەر-ئاياللار ياشلار گۇرۇپپىسى، ئەر-ئاياللار A گۇرۇپپىسى، ئەر-ئاياللار B گۇرۇپپىسى ۋە ئەر-ئاياللار C گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت 4 گۇرۇپپا، 147 كىچىك تۈر تەسىس قىلىنغان.