شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كېرىيە ئايرودۇرۇمىنى يېڭىدىن قۇرۇش تۈرىنىڭ مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتىغا تەستىقىي جاۋاب بەرگەن.
تەستىقىي جاۋاب دوكلاتىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش تىرانسپورت سىستېمىسى ۋە پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىباب ئاۋىياتسىيە تەرەققىيات ئېھتىياجىغا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، رايون ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ساياھەت بايلىقىنى ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېرىيە ئايرودۇرۇمىنى يېڭىدىن قۇرۇشقا قوشۇلغانلىق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
كېرىيە ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشى يىللىق يولۇچى ئۆتۈش مىقدارى 180 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇش، يۈك كىرگۈزۈش - چىقىرىش مىقدارى 400 توننا بولۇشنى قاندۇرۇش نىشانى بويىچە لايىھەلەندى، ئۇچۇش رايونىنىڭ دەرىجە كۆرسەتكۈچى4C. تۈر ئومۇمىي سېلىنمىسى تەخمىنەن 760 مىليون يۈەن. ئاساسلىق قۇرۇلۇش مەزمۇنى: ئۇزۇنلۇقى 3200 مېتىر، كەڭلىكى 45 مېتىر كېلىدىغان بىر ئۇچۇش - قونۇش يولى، ئاساسىي تۆۋەنلەش يۆنىلىش بەلگىلىنىشىΙتۈر بولغان زىل كىرىش - يېقىنلىشىش سىستېمىسى؛ 3000 كىۋادرات مېتىرلىق ئاۋىياتسىيە بىناسى ۋە ئالتە ئايروپىلان ئورنىلىق بېكەت سۇپىسى؛ بىر قوماندانلىق مۇنارى ۋە 800 كىۋادرات مېتىرلىق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش بىناسى؛ يانداش قۇرۇلۇش قۇرۇق تۇرۇبىسى، ماي بىلەن تەمىنلەش، توك بىلەن تەمىنلەش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش - قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
شىنجاڭ ئايرودۇرۇم (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى تۈرنىڭ قانۇنىي ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈرنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.