شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چېن ۋېيۋېي، شېن چېڭ) دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 7- ئاينىڭ 15- كۈنى سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلدى، دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 45 تىرىليون 93 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئاشقان. پەسىللەرگە بۆلۈپ قارىغاندا، 1- پەسىلدە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4 ئاشقان، 2- پەسىلدە %6.2 ئاشقان.
«ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشى مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولغان، ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىزچىل ساقلىغان» دېدى دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ماۋ شېڭيۇڭ شۇ كۈندىكى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا.
ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئاساسىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولغان. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1- پەسىلدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن. 6- ئايدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 5- ئايدىكىدىن 1.3 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان. مۇلازىمەت كەسپىمۇ بىر قەدەر تېز ئېشىشنى ساقلىغان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.3 ئېشىپ، 1- پەسىلدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن؛ بۇنىڭ ئىچىدە 6- ئايدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.1 ئېشىپ، 5- ئايدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان.
ئېھتىياج جەھەتتە، بازاردا سېتىش مۇقىملىق ئاساسىدا ئاشقان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1- پەسىلدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان. سېلىنمىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم ساقلانغان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1- ئايدىن 5- ئايدىكىگىچە سېلىشتۇرغاندا 0.2 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە شەھەر - بازارلاردا 7 مىليون 370 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %67ى ئورۇندالغان. 6- ئايدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە شەھەر - بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى %5.1 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، ئىقتىسادىي قۇرۇلما داۋاملىق ئەلالاشقان. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، 3- كەسىپنىڭ ئېشىشىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %60.3 بولۇپ، 2- كەسىپنىڭكىدىن 23.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. ئەڭ ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمى ئېشىشىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %60.1 بولغان. بارلىق ئاھالىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمىدا مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %49.4 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.6 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن.
ماۋ شېڭيۇڭ يەنە مۇنداق بىلدۈردى: يەنە شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ھازىر دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت يەنىلا مۇرەككەپ، كەسكىن، يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى سەل ئاستىلىدى، تاشقى مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆپەيدى، دۆلەت ئىچىدىكى تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىلىرى يەنىلا بىرقەدەر گەۋدىلىك، ئىقتىساد يېڭى تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە.