تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ: قانۇنسىز كان قېزىش پامىردىن چېكىنىپ چىقتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 7-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر بەي جيالى، لى جىڭ): پامىر ئېگىزلىكىدىكى ياۋايى ھايۋانلار ماكانىنى قوغداش ئۈچۈن، 2018-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى جەمئىي 45 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، تەۋەلىكىدە ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىدىكى ئۆزگەرتىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش زۆرۈر بولغان 37 كانچىلىق ھوقۇقىغا قارىتا، گېئولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ئېلىپ باردى، بۇنىڭ بىلەن قانۇنسىز كان قېزىش پامىردىن ئۈزۈل-كېسىل چېكىندى.

  تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ۋۇ جۈنفېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2018-يىلىدىن بۇيان، يەرلىكتە مۇھاپىزەت رايونىدىكى 82 مەڭگۈلۈك ئىمارەت، 42 پولات قۇرۇلمىلىق سېخ، 494 ۋاقىتلىق ئىمارەت چېقىۋېتىلگەن، چېقىۋېتىلگەن تۈرلۈك ئىمارەتنىڭ كۆلىمى 200 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولغان، 1500 كىلوگىرامدىن ئارتۇق ئېگىزلىك ئوت-چۆپ ئۇرۇقى تېرىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارال دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى 198 ئائىلىلىك چارۋىچى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە كۆچۈرۈلۈپ، سۇلۇق يەرگە تەبىئىي ئېكولوگىيە قايتۇرۇپ بېرىلگەن.

  بۇ ناھىيەدىكى تاشقورغان ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 15 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ، تىيانشان تېغى، كوئېنلۇن تېغى، قاراقۇرۇم تېغى، ھىمالايا تېغى ۋە ھىندىقۇش تېغىنىڭ گىرەلىشىشىدىن ھاسىل بولغان شەرقىي پامىر ئېگىزلىكىدە بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ قارلىق ئېگىزلىك رايونىدىكى مۇھىم تۈر گېن ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ.

  «نۆۋەتتە، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا تەبىئەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساس قىلىنىپ، بىر قىسىم ياۋايى ھايۋانلار تۈر توپىنىڭ سانى كۆپەيدى، چۆللۈكتىكى ئىلگىرىكى رۇدا يىغىش رايونى ۋە تۇرمۇش رايونىغا ئوت-چۆپلەر ئۈنۈپ چىقتى.» دېدى ۋۇ جۈنفىڭ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئالاقىدار تارماقلار يەنىلا ئەسلىگە كەلتۈرۈش رايونىغا قارىتا قەرەلسىز چارلاش ئېلىپ بېرىپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ئەھۋاللارنى بايقىغان ھامان ۋاقتىدا جازالاپ، ئوغرىلىقچە كان قېزىش، ئوغرىلىقچە كولاشنى قەتئىي توسىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ