7-ئاينىڭ 15-كۈنى، گۇاڭشىنىڭ ليۇجوۋ شەھىرى رۇڭئەن ناھىيەسىدىكى رۇڭجيا ھۈنەر-سەنئەت چەكلىك شىركىتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا ئىشچى چىتلاق يۆتكىمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭدۇڭنىڭ جەنجياڭ شەھىرى سۈيشى ناھىيەسى بىلەن گۇاڭشىنىڭ ليۇجوۋ شەھىرى رۇڭئەن ناھىيەسى ياردەم بېرىپ يۆلەش بويىچە قوشماقلاشتى، سۈيشى ناھىيەسى تېخنىكا ۋە مەبلەغ ئەۋزەللىكىنى رۇڭئەن ناھىيەسىگە يەتكۈزۈپ، گۇاڭدۇڭ-گۇاڭشى نامراتلارنى يۆلەش سېخى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، رۇڭئەن ناھىيەسىنىڭ مول بامبۇك ياغاچ بايلىقى ۋە ئەمگەك كۈچى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، بامبۇك، ياغاچ، پېلەكلىك چىتلاق ئىشلەپچىقاردى. مۇشۇ بىر تۈردىلا يىللىق مەھسۇلات مىقدارىدىن 120 مىليون يۈەننى ئىشقا ئاشۇرغىلى، 300 نامرات ئائىلىنى ئىشقا قوبۇل قىلغىلى ۋە ئورۇنلاشتۇرغىلى بولدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، گۇاڭدۇڭ-گۇاڭشى نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقى بولغاندىن بۇيان، گۇاڭدۇڭنىڭ سۈيشى ناھىيەسى گۇاڭشىنىڭ رۇڭئەن ناھىيەسى ئۈچۈن 34 تۈرنى يولغا قويۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق، ئىككى گۇاڭدۇڭ كارخانىسىنى رۇڭئەندە ماكانلاشتۇرۇپ، گۇاڭدۇڭ-گۇاڭشى نامراتلارنى يۆلەش بويىچە سانائەت باغچىسىدىن 1نى بىرلىكتە قۇردى، 5 كارخانىنى ماكانلىشىشقا يېتەكلىدى. (خۇاڭ شياۋباڭ فوتوسى)