تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھېسسىياتنى يۇغۇرۇپ قەلبلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك بەرپا قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ

7- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، بۇ يىللىق تۇنجى «جىلىن - ئالتاي ناملىق» ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئالتايغا يېتىپ كەلدى. ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا، يىراقتىن كەلگەن جىلىنلىق 60 مېھمان قىزغىن ناخشا - ئۇسسۇل ۋە ھەممە جايدا جىلۋىلىنىپ تۇرغان تەبەسسۇم بىلەن ئورىۋېلىندى. جىلىن چاڭچۇندىن كەلگەن ساياھەتچى ليۇ جيالى يان تېلېفونىنى ئېلىپ، بىر تەرەپتىن بۇ تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنى خاتىرىلىدى، بىر تەرەپتىن ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە: شىنجاڭلىق دوستلار بەك قىزغىن ئىكەن، ئۇلارنىڭ چىن قەلبىدىن چىققان تەبەسسۇمى مېنى ئۆيۈمگە كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈردى، دەپ يازدى.

جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ۋاقىتلىق پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى جوۋ شياۋبىڭنىڭ قارىشىچە، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش نۆۋەتچى ئايروپىلانى شىنجاڭنىڭ ساياھىتىگە كۈچ قوشىدىغان بىر خىل تەدبىر بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ جىلىن ۋە ئالتايدىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش سۇپىسىنى بەرپا قىلغان.

«شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش − دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىدىغان قۇرۇلۇش قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.» مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك ۋە سەمىمىيلىك بىلەن شۇنداق كۆرسەتتى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، كۈچلۈك بولغان «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كۈچلىرى» ۋەتەننىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىدا ئۇرغۇدى. بۈگۈنكى كۈندە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى شەھەر، يېزا، كەنتلەرنى ئايلانغاندا، ھەرقايسى جايلار بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىر ئائىلىدەك يېقىن بولۇپ كەتكەن مەنزىرىنى ھەممىلا جايدا كۆرگىلى بولىدۇ. ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ قوينىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ قەلبى بارغانسېرى يېقىنلاشتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى تېخىمۇ كۆركەم ئېچىلدى.

 چىن ھېسسىيات بىلەن ياردەم بېرىش - يۆلەش

6- ئاينىڭ 20- كۈنى، قۇياش نۇرى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى تۆۋەنكى مەكىت كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مۇتەللىپ تىلەك ئائىلىسىنىڭ كىچىك ھويلىسىغا چۈشۈپ تۇراتتى، مۇتەللىپ زەمبۇرۇغ تاياقچىسىنى ئۆرۈۋاتاتتى. جېجياڭدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر يې شياڭفانىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، چېھرىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرغان مۇتەللىپ ئۇزاقتىن بۇيان كۆرۈشمىگەن تۇغقىنىنى كۆرگەندەك ئالدىغا بېرىپ ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدى.

بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، ئاپتوموبىل ھادىسىسىدە مۇتەللىپنىڭ پۇتى مېيىپ بولۇپ قالدى. ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولغاچقا، كۈنلىرى قىيىنچىلىقتا قالدى، مۇتەللىپ غەمگە پاتتى.

2017- يىلى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تۈرتكىسىدە، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى «چېگرا رايوننىڭ قۇرغاق رايونلىرىدىكى مېۋىلىك باغلاردا ئېكولوگىيەلىك يۇقىرى ئۈنۈملۈك قارا مور ئۆستۈرۈش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى» ئەمەلىيلەشتى. بۇ تۈرنىڭ ئاساسلىق تېخنىكا خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يې شياڭفا مۇتەللىپ ئائىلىسىنى تۇنجى تۈركۈمدە تېرىقچىلىق سىناق نۇقتىسى قىلىنىدىغان ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسى قىلىپ بېكىتىپ، ئۇنىڭ مېۋىلىك بېغىغا 1700دىن ئارتۇق قارا مور زەمبۇرۇغ تاياقچىسى قويدى. يې شياڭفا ۋە كوللېكتىپتىكى تېخنىك خادىملارنىڭ قولمۇقول يېتەكچىلىكىدە، يىل ئاخىرىدا مۇتەللىپ قارا مور سېتىشقا تايىنىپلا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.

«مەن تۇنجى قېتىم مۇتەللىپنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ئۇنىڭ ئانىسى مېۋىلىك دەرەختىن تۆت تال ئالما ئۈزۈپ، كىيىمى بىلەن سۈرتۈپ، قولۇمغا زورلاپ تۇتقۇزۇپ قويغانىدى. موماينىڭ مىننەتدارلىق بىلەن قاراشلىرىنى ئۆمۈر بويى ئۇنتۇيالمايمەن» دېدى يې شياڭفا.

چىن كۆڭۈل ئىپادىلەندى، چىن ھېسسىيات ئېلىپ بېرىلدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر ئۆز ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى بەختىگە مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە، تۈرلۈك ئامال - چارىلەر بىلەن ھەر مىللەت ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەردى، دەل جايىدا ھەقىقىي ياردەم بېرىپ، قەلبلەرنى ئىللىتتى.

شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان تۆت رايونى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان تۆت ناھىيەنىڭ ھۆكۈمەت تارماقلىرى، پارتىيە مەكتەپلىرى، مەكتەپلەر، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، سانائەت باغچە رايونلىرى قاتارلىقلار بىلەن قوشماقلىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرى، مېھىر - شەپقەت كارخانىلىرى ۋە مېھرىبان زاتلار قاتارلىقلارنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە ئورتاق قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى. 2018- يىلى قانات يايدۇرۇلغان «كىچىك توغراق» شاڭخەي جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتىدە «يورۇتۇش پىلانى» «ئىللىتىش پىلانى» «ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانى» ئارقىلىق، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىلدى.

جىلىن ئۆلكىسى «ئىللىق ئۆي قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، كۆپ قېتىم ئېنېرگىيە تېجەش مۇتەخەسسىسلىرىنى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى ئىمارەتلەرنى ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىشكە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، كوناشەھەر رايونىدىكى تۇرالغۇلارنى ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىلىك ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈردى.

تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ھەر قېتىملىق چىن كۆڭلىدىن ياردەم بېرىش - يۆلەش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ «قەلبداشلىق تۈگۈنى»نى چىڭ باغلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مېۋىسىنى تېخىمۇ موللاشتۇردى.

 چىن قەلبتىن يۇغۇرۇلۇش

«ليۇ دادام مېنىڭ پۇتۇڭخۇانى ئۆگىنىشىمگە ياردەم بېرىپلا قالماي، مېنى كەسپىي بىلىملەرنى ياخشى ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈردى، يەنە ماڭا مېۋە - چېۋە، كىيىم - كېچەك ئېلىپ بەردى، بۇلتۇر مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مېھمان بولدۇم تېخى...» قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇيدىغان مەلىكەم مەتتۇرسۇن نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەۋىسى كېلىدىغان ئوبيېكت، چۈنكى ئۇنىڭ «ليۇ دادىسى» ئۇنى ئۆز قىزىدەك كۆرىدۇ.

مەلىكەمنىڭ «ليۇ دادىسى»نىڭ ئىسمى ليۇ جىخۇەي بولۇپ، خېنەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى زامانىۋى مائارىپ تېخنىكا مەركىزىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، ئالىي ئىنژېنېر. 2010- يىلىنىڭ ئاخىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ليۇ جىخۇەي قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە كېلىپ مۇئاۋىن مۇدىرلىقنى ئۈستىگە ئالدى، كېيىن ئۇ يەنە ئىككى قېتىم شىنجاڭغا داۋاملىق نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى. 2017- يىلى، ئۇ مۇشۇ مەكتەپنىڭ تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان مەلىكەم بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى.

ئالىي مەكتەپ 1- يىللىقىنىڭ ئوقۇش باشلاش ئالدىدىكى يازلىق تەتىلدە، ليۇ جىخۇەي مەلىكەمنىڭ ئۈندىدار ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالدى: ليۇ دادا، يازلىق تەتىلدىن كېيىن مەكتەپكە بارغۇم يوق، ئوقۇشتىن چېكىنەي دەيمەن.

«شۇ چاغدا جىددىيلىشىپ دەرھال مەلىكەمگە تېلېفون قىلدىم، ئەسلىدە ئۇ ئېلېكتىرو ئاپتوماتىك كەسپى دەرسىنىڭ بەك تەسلىكىدىن ئەنسىرىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بولغاچقا، ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭغا ئۆي ئىشلىرىنى قىلدۇرماقچى بولغان. شۇ چاغدا خوتۇنۇم دەل قومۇلغا تۇغقان يوقلاشقا كەلگەنىدى، خوتۇنۇم ئىككىمىز كېرىيە ناھىيەسىگە بېرىپ مەلىكەمگە داۋاملىق ئوقۇش توغرىسىدا نەسىھەت قىلدۇق.» ليۇ جىخۇەي بۇ قىزىنىڭ غېمىنى خېلىلا يېدى.

بۈگۈنكى كۈندە، مەلىكەم پۇتۇڭخۇادا تېز ئىلگىرىلەپلا قالماستىن، كەسىپ ئۆگىنىش جەھەتتىمۇ ئارقىدا قالماي، بارغانسېرى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولدى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش باشلانغاندىن كېيىن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر جەمئىي 3 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، تۈرلۈك ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدىن 15 مىڭ مەيدان قېتىم تەشكىللەپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ھەر مىللەت ئامما بىلەن سەمىمىي سىردىشىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. ئۇلار «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق، نامرات ئائىلىلەر بىلەن قوشماقلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى كادىرلار، دوختۇرلار، ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ تەربىيەلىنىشكە، ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى، بىر - بىرىگە يېقىنلىشىش داۋامىدا ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈردى، مېھىر - مۇھەببىتىمۇ كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى.

− جياڭسۇ ئۆلكىسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى 66 جۈپ كارخانا پارتىيە تەشكىلاتى «خۇشاللىق بىلەن قوشماقلاشتى»، قوشماقلاشقان ئىككى تەرەپ تەشكىلاتنى بىرلىكتە قۇرۇش، قوشۇننى بىرلىكتە باشقۇرۇش، كەسىپتە بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىش، ئىختىساسلىقلارنى بىرلىكتە تەربىيەلەش، بايلىقتىن بىرلىكتە پايدىلىنىش، سۈپەتلىك ماركىنى بىرلىكتە يارىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش بىلەن تەرەققىياتنى تۇتۇشنى ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

− لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئۇدا بەش يىل لياۋنىڭ . شىنجاڭ ياش - ئۆسمۈرلەر قول تۇتۇشۇش يازلىق (قىشلىق) لاگېر پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئىككى جايدىكى ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇرۇقىنى چاچتى.

− خۇنەن ئۆلكىسى ئۇدا ئالتە يىل خۇنەنلىكلەر تۇرپاننى ساياھەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى، 2018- يىلىغىچە، تۇرپان جەمئىي 1 مىليون 341 مىڭ 900 ئادەم قېتىم خۇنەنلىك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. بۇ يىل 600 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق خۇنەنلىك ساياھەتچىنى جەلپ قىلىش مۆلچەرلەندى.

 ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش

«ئۇدۇن ئۇسسۇلىنى كۆرۈپ قانغىلى بولماس، بېيجىڭ بىلەن خوتەننىڭ مېھرىنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولماس». 7- ئاينىڭ 3- كۈنى، بېيجىڭ ياردەم بېرىپ سېلىپ بەرگەن خوتەن مەدەنىيەت مەركىزىدە، يېڭى قاشتېشى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى «بېيجىڭ بىلەن خوتەن بىر ئائىلە» دېگەن ئۇسسۇلنى رېپېتىتسىيە قىلىۋاتاتتى.

خوتەن ۋىلايەتلىك يېڭى قاشتېشى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئەسلىسى خوتەن ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى بولۇپ، 1957- يىلى قۇرۇلغان. بېيجىڭ ياردەم بېرىپ سېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى، رېپېتىتسىيە ئۆيىنىڭ كۆلىمى كىچىك ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە، 400 كىۋادرات مېتىرلىق مەشىق ئۆيى ئارتىسلارنى ئازادە بوشلۇق بىلەن تەمىنلىدى. «جۇڭگو تاراتقۇ داشۆسى تەمىنلىگەن ئاۋاز توسۇش تېخنىكىسى ئورۇنلاش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشىلىدى» دېدى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ بىر ئارتىسى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرى بىلەن نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىيەتتە ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشى كۆپەيدى، يېڭى قاشتېشى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى كۆپ قېتىم تەكلىپكە بىنائەن بېيجىڭغا بېرىپ ئويۇن قويدى. بېيجىڭ شەھىرى يەنە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى تەشكىللەش، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، پايتەختنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ خوتەن ۋىلايىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، خوتەن خەلقىگە مول مەدەنىيەت ئوزۇقى يەتكۈزدى.

مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، خەلقنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى ئەلرايى قۇرۇلۇشى. «قاتتىق دېتال»دىن «يۇمشاق دېتال»غىچە، «مەدەنىيەت يەتكۈزۈش»تىن «مەدەنىيەت يېتىشتۈرۈش»كىچە، «چىقىرىش»تىن «كىرگۈزۈش»كىچە، «قان بېرىش»تىن «قان ئىشلەش»كىچە، بۈگۈنكى كۈندە، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش بارلىققا كەلتۈرگەن چوڭقۇر ھېسسىيات تۇيغۇسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىدىكى يېپىشتۇرغۇچقا ئايلاندى. ئالتاي شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى «ئېررېنجۈەن» ئوينىيالايدۇ، خېنەن ئۆلكىسى شۈچاڭ شەھەرلىك ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل «ئۈزۈم ئۈزۈش» قاتارلىقلارنى ئوينىيالايدۇ، بۇ ئاللىقاچان يېڭى ئىش بولماي قالدى.

سەنشى ئۆلكىسى مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقى چوڭ ئۆلكىسى بولۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىلغار مەدەنىيەت تارقىتىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، «بۇيرۇتما شەكىل»دىكى مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەندىزىسىنى تۇنجى قېتىم بەرپا قىلىپ، سەنشىچە سېھرىي كۈچكە، شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەت - سەنئەت ئېسىل ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنىڭ سىجىل چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. بىڭتۇەن 6- شىسىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ ئىجاد قىلىنغان «ھاياتلىق گوياكى ناخشىدۇر» ناملىق دىراما 5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

شېنجېن شەھىرى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ «13- بەش يىل»لىق مەدەنىيەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشىگە ياردەم بېرىپ، قەشقەر شەھىرى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنى شېنجېن مەدەنىيەت كەسىپلىرى كۆرگەزمە - سودا يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، «يولۋاس ئۇۋىسىدىكى ئەزىمەت − بەنچاۋ» فىلىمى، «قەشقەرلىكلەر» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قاتارلىقلارنى سۈرەتكە ئېلىشنى قوللاپ، شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ