تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ئوۋ دېڭ): 7-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 12دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو شەرق ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى شىئەن شيەنياڭ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا بورتالا ئايرودۇرۇمىغا كېلىپ، شىئەندىن بورتالاغا تۇنجى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى، بۇ بورتالادىن شىئەنگىچە بولغان يولۇچى توشۇش لىنىيەسىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئىگىلىنىشچە، بورتالادىن شىئەنگە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان MU7765/6 بولۇپ، A320 تىپلىق ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن. بورتالادىن شىئەنگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئىجرا قىلىش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولۇپ، ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، سەيشەنبە، جۈمە كۈنلىرى بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. شىئەندىن سائەت 8 دىن 05 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇچۇپ، بورتالاغا سائەت 12 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە يېتىپ بارىدىكەن؛ بورتالادىن سائەت 13 دە ئۇچۇپ، شىئەنگە سائەت 16 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە يېتىپ بارىدىكەن. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى بورتالا ئوبلاستىنىڭ سرتقى «دوستلار چەمبىرىكى»نى كېڭەيتىپ، بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئاۋىياتسىيە تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدىكەن.
بورتالالىق يولۇچى لى مېڭلىن مۇنداق دېدى:«بۇ لىنىيەنىڭ ئېچىلىشى، بىزنىڭ سەپەر لىنىيەمىزنى ئەلالاشتۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىپ، ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئايروپىلان ئالمىشىش ۋاقتىمىزنى تېجەپ، تۇغقان يوقلىشىمىزغا قولايلىق يارىتىپ بەردى، سەپەرگە چىقىش ۋاقتىمىزنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى، ناھايىتى قولاي بولدى.»
7-ئاينىڭ 12-كۈنى، تۇنجى قېتىم شىئەندىن بورتالاغا بىۋاستە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىگە ئولتۇرۇپ ساياھەتكە كەلگەن يولۇچى لياۋ يۈەنيىڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«بىز سايرام كۆلىنى كۆرۈشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتۇق، يول يىراق بولغاچقا، بۇ ئارزۇيىمىز ئىزچىل ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى. ئاڭلىسام شىئەندىن بورتالاغا بىۋاستە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىپتۇ، شۇڭا مەن دەرھال ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋالدىم-دە، نەچچە سائەتتىلا بورتالاغا كېلىپ، ئارزۇيۇمنى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشۇردۇم.»