تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تيەنجىن: خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش   ئەمەلىي ئۈنۈمگە كۈچەش

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما جيەنلۇڭ

تيەنجىن شەھىرى شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چىرا، كېرىيە، نىيە ئۈچ ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان بولۇپ، خىزمەتتە «ھەقىقىي» بولۇشنى باشلامچى قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. 2017- يىلىدىن بۇيان، 3700دىن ئارتۇق پارنىك، 4000دىن ئارتۇق ئەگمە پارنىك ياسىدى، پارنىكلارنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 30 - 25 مىڭ يۈەنگە يەتتى، 100 مىڭغا يېقىن ئادەم جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، يەنە بەش سودا بازىرىنى قۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، 11 مىڭ 500 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا تيەنجىن شەھىرىدە يەنە خوتەننىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان مەخسۇس رايون، مەخسۇس پوكەيدىن 174نى تەسىس قىلدى، يىلدا سېتىلغان خوتەننىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى 10 مىڭ توننىغا يەتتى.

تيەنجىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە يەنە ئاغرىش نۇقتىسىنى تېپىش، پۇرسەتنى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يىللىق گۆش قويى بازىرى ئىستېمالىدىكى يوچۇق 1 مىليون 200 مىڭ تۇياقتىن 1 مىليون 500 مىڭ تۇياققا يېتىدۇ، سىستېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، «100 كوپىراتىپ، 10 مىڭ ئائىلە» گۆش قويىنى كۆپەيتىش قۇرۇلۇشىنى تۈزۈپ يولغا قويدى. جەمئىي 80 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، سۈپەتلىك نەسىللىك قويلارنى كىرگۈزۈپ، يادرولۇق نەسىللىك قوي فېرمىسى، كېڭەيتىش - كۆپەيتىش مەيدانى، يەم - خەشەك پىششىقلاش زاۋۇتى قاتارلىقلارنى ھەم 20 باقمىچىلىق مەيدانى، 152 باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، سۈپەتلىك گۆش قويى كەسىپ زەنجىرى ۋە ئومۇميۈزلۈك باقمىچىلىق مۇلازىمەت كاپالىتى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. قوزىلار گۇرۇپپىلارغا ئايرىلغان نامرات ئائىلىلەر بويىچە بېقىشقا تارقىتىپ بېرىلىپ، 26 مىڭ 700 نامرات ئائىلىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، ھەربىر نامرات ئائىلە سۈپەتلىك گۆش قويىنى بېقىش ئارقىلىق يىللىق كىرىمىنى 10 مىڭ يۈەن ئاشۇرالايدۇ. سۈپەتلىك گۆش قويى ئىككى يىلدا ئۈچ قېتىم تۆللەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە قوش تۆللەيدۇ، كۆپىيىش سانى ھەر ئىككى يىلدا نورمال ھالەتتە 6 - 4 ھەسسىگىچە كۆپىيىپ، قوي باققان دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىنى داۋاملىق ئاشۇرىدۇ.

تيەنجىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپ، يەسلىدىن جەمئىي 15نى قۇرۇشقا ياردەم قىلدى. 280 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ قۇرۇلغان خوتەن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى زامانىۋىلاشقان ئالىي كەسپىي شۆيۈەنگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چىقىرىش، كىرگۈزۈش، ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، شۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى 1000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تەربىيەلەپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆسۈشىگە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى.

تيەنجىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە ھەر يىلى يەنە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 300دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى خوتەن ۋىلايىتىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرگە كېلىپ، 100 كۈنلۈك ئوقۇش - ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى. «يازلىق تەتىل كەلدى، بىز تيەنجىنگە قايتىمىز. سىنىپتىكى كىچىك دوستلار بىلەن خوشلاشقاندا، ئۇلار مېنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى، بىز قۇچاقلاشقاندا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقانلىقىدەك كەيپىياتنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم!» دېدى تيەنجىن سودا داشۆسى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ ئاسپىرانتى چېن شۈياڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

«بىزنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىمىز چوقۇم خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلىشىشى، خوتەندىكى پۇقرالارغا ئەمەلىيلىشىشى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەمەلىيلىشىشى كېرەك. دەل جايىدا تېمىتىپ سۇغىرىش تەسەۋۋۇرى ئارقىلىق ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەربىر ئىشنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، ھەربىر خىزمەتنى پۇختا، يىلتىز تارتقۇزۇپ قىلىشقا تىرىشىمىز!» دېدى تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى لى ۋېنيۈن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ