شېرىن 7-ئايدا، قوغۇن پىشتى. (سۈرەتنى قومۇل شەھەرلىك ئېۋىرغول رايونى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن)
قوغۇن بايرىمى ساياھەت خېرىدار مەنبەسىدە تونۇشتۇرۇلدى.
خۇشال ھالدا قوغۇن يەۋاتقان ئامما.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ): شېرىن 7-ئايدا، قومۇلنىڭ قوغۇنى پىشتى، شۇنداقلا 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇڭگو قومۇل «شېرىن ساياھىتى» 15-نۆۋەتلىك قومۇل قوغۇنى بايرىمىنى كۈتۈۋالدى.
ساياھەتچىلەر قومۇل قوغۇنى باغچىسىدا سەيلە قىلماقتا.
«مەملىكەتلىك ئون چوڭ ماركا بايرىمى»نىڭ بىرى بولغان قومۇل قوغۇنى بايرىمىغا قومۇلدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قىزغىن ئارزۇسى يۇغۇرۇلغان. مۇخبىرنىڭ قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلقى قوغۇن بايرىمىدا «شېرىن قومۇل جەلپكار ئېۋىرغول» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، بايرامدا، قوغۇن تېتىش، قوغۇن سىزىش، قوغۇن يېيىش، قوغۇن ئويۇش، قوغۇن كۆرگەزمىسى، قوغۇننى كۈيلەش، قوغۇن ئۇسسۇلى، قوغۇننى سۆزلەش، قوغۇننى سۈرەتكە تارتىش قاتارلىق قوغۇن ئاساسىي تېما قىلىنغان تۈرلۈك ساياھەت پائالىيەتلىرى پۈتكۈل ياز كۈنلىرىنى قاپلايدىكەن.
200 خىلدىن ئارتۇق قوغۇن سورتى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنماقتا.
ھەر خىل سورتتىكى قوغۇنلار مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنماقتا.
ساياھەتچىلەر خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
شادىمان بالىلار.
نادىر نومۇرلار ئورۇنلانماقتا. (سۈرەتنى قومۇل شەھەرلىك ئېۋىرغول رايونى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن)
قومۇل قوغۇن بايرىمىدا سىزنى ساقلايمىز!